查看完整版本: [-- يېزىقچىلىق مەشقىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ساپاسىدىكى رولى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> يېزىقچىلىق مەشقىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ساپاسىدىكى رولى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

attila 2011-01-05 22:59

يېزىقچىلىق مەشقىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ساپاسىدىكى رولى

ئوتتۇرا مەكتەپ يېزىقچىلىق مەشقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى رولى
ئاتتىلا  Izfq`zS+\s  
يېزىقچىلىق مەشقى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇپ، ئۇ دەرسلىكنىڭ ئوموڭمىي قۇرۇلمىسى، نەزىريىۋى ۈشەنچىلىرى، تېكست ئورۇنلاشتۇرۇشلىشى، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى بىلەن كۆزۈتۈش قابىليىتى ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا كىرگۈزۈلگەن زۆرۈر ئوقۇشلۇق. ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇىشىدا يېزىقچىلىق ئوقۇتىشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، قاراتمىلىقى، قەدەم باسقۇچلىرى ئېنىق بولغان ھالدا جانلىقۇ ئېلىپ بارغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپا مائارىپى نەزىريىسى ۋە يېڭى دەرس ئوقۇتىشى ئەمىلىيىتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، پەننىي ساپاسى ۋە پىسخىك ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئالتە جەھەتتىن مۇھىم رول ئوينايدۇ: h;OHpvk  
j}G9+GX~,  
1.  تىل ئىشلىتىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. , LqfwA|  
Yg;7TKy  
يېزىقچىلىق تىلنى قورال قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئېچىپ بېرىدىغان ئاڭ پائالىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ بىردىن بىر قورالى تىل. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار يېزىقچىلىق ئەمىلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئالدى بىلەن ئۆزىدە تىل بايلىقىدىن، ئۇلارنىڭ مەنا مۈمكىنچىلىكىدىن قانداق پايدىلىنىش؛ سۆزلەرنى قانداق باغلاشتۇرۇش، جۈملىلەرنى قانداق قۇراشتۇرۇش، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن قانداق پايدىلىنىش؛ تىلدىن پايدىلىنىپ ئوي-پىكىرنى، تەسىرات-چۈشەنچىلەرنى، ھېسسىيات ۋە كۆزقاراشنى قانداق ئىپادىلەش، شەيئىلەرنى قانداق تەسۋىرلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ. Rf{YASPIw&  
R{9G$b1Due  
2.كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. - G=doP0  
 qt. =  
دوراش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالىلىق دەېرىدىن باشلانغان خاس خارەكتېرى  بولۇپ، بۇ خىل خاسلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئومومىيۈزلۈك مەۋجۇت.ئوقۇغۇچىلار يېزىقچىلىق ئەمىلىيىتىگە مۇۋاپىق تەشكىللەنسە، يېزىقچىلىققا كىرىشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆزىدىكى دوراش پىسخىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىقچىلىق ئەمىلىيىتىنى تەقىلىد قىلىشتىن باشلاپ، بېرىلگەن مەشقنىڭ ژانېرى ۋە ئەكس ئەتتۈرۈشچانلىقىغا ئاساسەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان نەزىريىۋى ماقالىلارنى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇيدۇ. بۇ خىل پائالىيەت ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلسا، بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلىدۈرۈلسە، يەنە  بىر تەرەپتىن بىلىم دائىرىسى، چۈشەنچىسى، تەپەككۈرى ئېشىپ بارىدۇ؛ ئېتىكا تەربىيسى ۋە ئىستىتىك تۇيغۇغا ئىگە بولىدۇ. Z3dI B`@  
;F /w&u.n  
1.            كۆزىتىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ئادىتى شەكىللىنىدۇ ۋە يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ. ;a(7%  
>PUT(yNL  
ئوقۇغۇ چىلار يېزىقچىلىق ئەمىليىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا خىلمۇ-خىل ئادەم، ۋەقە، ھادىسىلەرنى، شەيئىلەرنى كۆزىتىشكە؛ ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى، شەكلى، ھالىتى شۇنداقلا ئىچكى ماھىيىتىنى، تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش قانۇنيىتى، شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى بىلىشكە، بۇ جەھەتتە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە، ئوقۇغۇچىلاردا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆزىتىش، پىكىر قىلىش ئادىتى تەدرىجى شەكىللىنىدۇ ۋە يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ، تەسەۋۋۇر كۈچى ئاشىدۇ. ھەرقايسى پەنلەردىكى تەھلىلىي مەسىلىلەرنى ۋە ئىچكى ماھىيەتلىك ھادىسىلەرنى ھەل قىلىشىمۇ ئاسانغا چۈشىدۇ. NV\{$*j(|J  
6 _#CvQ  
4.            تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش ئادەتكە ئايلىنىدۇ. |u[@g`Z  
n?v$C:jLN  
تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش تىلىمىزدىكى قىيىن مەسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار يېزىقچىلىق مەشقى داۋامىدا ھېسسىيات-چۈشەنچىلەرنى توغرا ئىپادىلەش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا ئىشلىتىشنى كۆپلەپ مەشق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بۇنداق مەشق ئىزچىل داۋاملاشسا ئۇلاردا تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش ئادەتكە ئايلىنىدۇ. uAV-wc  
wHs4~"EY9  
5.            ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇلۇپ، روھى ئۇرغۇتىلىدۇ. F^cu !-L  
4`:Eiik&p  
ئوقۇغۇچىلار يېزىقچىلىق مەشقى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغاندا، ئەگەر، ئوقۇتقۇچى ئۇلارنىڭ گەۋدىلىك مۇۋاپىقىيەتلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىلھام بەرسە ئۇلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇلۇپ، غۇرۇرى كۈچىيىدۇ، روھى ئۇرغۇيدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگۈسىدە ھەر خىل ساھەنىڭ مەشھۇر كىشىلىرى يېتىشىپ چىقىشى مۈمكىن. t#nRa Pzp  
p$$0** p!`  
6.            پىسخىك چىدامچانلىقى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرلەش روھى شەكىلىنىدۇ. PC& (1kJ  
nO8e'&|  
يېزىقچىلىق ئىزچىل ھالدا جاپالىق مەشق قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەمىلىي پائالىيەت بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار يېزىقچىلىق ئەمىلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنش جەريانىدا ھېرىپ-چارچاشتىن، جاپا-مۇشەققەتتىن، قىيىنچىلىقتىن، زېرىكىش ۋە ئىچى پۇشۇشتىن قورقماي، قەتتىئىي نىيەت، چىدام-غەيرەت، يۈكسەك دەرەجىدىكى روھى قۇۋۋەت ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە زېرىكىش ۋە ئىچ پۇشىقىنى يېڭىش ئەڭ مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىدىكى زېرىكىش ۋە ئىچ پۇشىش ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىلا ئاندىن ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالايدۇ. ئۇلارنىپ پىسخىك چىدامچانلىقى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ، ئىزچىللىققا ئىگە بولغان ئۆگىنىش قىلىش ئادىتى ۋە بوشاشماي ئالغا ئىگىرلەش روھى شەكىللىنىدۇ. bO }9/Ay  
مەنبە: ئىجادىيىتىم er2#h  

tawpek 2011-01-16 23:41
مۇشۇ يىزىقچىلىق مەشىقىنى ئۆتۆشتە كۆپ ئوقوتقۇچىلار تاپشۇرۇق ئىشلىتەمدىكىن دەيمەن. < !PbD  
ZP"Xn/L  
تەلەپتە دەرىسكە 2-3 سائەتتىن يىزىقچىلىققا 3-4 سائەتتىن ئۆتۆلسە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن، لىكىن ئوقوتقۇچىلار 3-4 سائەتلىككە پىلانغا يازغىلى خەت تاپقىلى بولمايدىكەن دەپ 1  سائەتكە قالدۇرىۋەتكەن. شۇنداق بولغاچ 45  مىنۇتتا .................

رائىلەم 2013-05-16 12:05
ماقالىلەرگە  ئائىت ئۇچۇرلار  يوق  ئىدى ، رەھمەت !

ئارزۇۋ 2013-05-16 12:32
ئوقۇغۇچىلار يېزىقچىلىق مەشقىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ماقەلە يېزىلىپ بولغاندىن كىيىن قايتا كۆرۈپ چىقىپ، تۈزۈتۈشكە  تەشكىللىنىپ،ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ئوتتۇردا ئوقۇتۇپ كۆپرەك ئىلھامدۇرۇش ئارقىلىق باھالاپ خۇلاسە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلسە ئۇنىڭ رولىمۇ چوڭ بولىشى مومكىن،-دەپ قارايمەن.

ھاتەھاتەم 2014-03-19 12:55
ئوقۇغۇچلارنىڭ ماقالىسىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ،سىنىپتا ىايتا ئۇقۇتۇپ خۇلاسە قىلىشمۇ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى

مىھرىبانىم 2014-06-24 22:37
تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە تونۇشتۇرۇپسىز ، رەھمەت .

قايناق 2014-07-10 18:05
شۇنداق ئۆتسە بەك ياخشى ئەمەسمۇ.

قايناق 2014-07-10 18:06
يىزىقچىلىق ماھارىتى ئاشىدۇ ئەمەسمۇ.

مىېھرىما 2014-07-10 19:31
ياخشى تىما يوللاشقا كونۇپكا باسقان قولىڭىز دەت كۆرمىسۇن.

ئارزۇيۇم 2014-07-11 15:54
سىزگە ئاپىرىن.


查看完整版本: [-- يېزىقچىلىق مەشقىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ساپاسىدىكى رولى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled