查看完整版本: [-- مائارىپ سۈپىتى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> مائارىپ سۈپىتى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

attila 2011-01-05 22:44

مائارىپ سۈپىتى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

مائارىپ سۈپىتى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
(ئاتتىلا) ($-m}UF\/  
  e, fZ>EJ  
مائارىپ ئىنسانىيەت بىلىم جۇغلانمىسىنى ئاساس، ئوقۇتۇشنى ۋاستە، ئادەم تەربىيلەش ۋە ئۇنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش، ئىلگىرىكىلەرنىڭ بىلىم جۇغلانمىلىرىنى ئىجادىي بېيىتىشنى مەقسەد قىلغان؛ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى بىر گەۋدىلەشكەن دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئاساسلىق شەكىل قىلغان بىر تۈرلۈك ئەڭ ئالىي ئىجتىمائىي پائالىيەت. glLoYRTi  
l=ZD&uK  
يۇقۇرقىلارغا ئاساسلانغاندا، دەرسخانا ئوقۇتۇشى-مائارىپ پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق شەكلى ۋە جەريانى بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت بىلىم جۇغلانمىسىنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرى بولغان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇنىڭغا جان ئاتا قىلىپ، ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە قىلغۇچى ۋە ئىجادىي ئىقتىدارى ئارقىلىق بېيىتقۇچى ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ھەم ئورتاق رول ئوينىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. ;8a9S0eS  
aYn5AP'PH  
دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئاساسلىق شەكىل قىلغان مائارىپ شەكىلدىن كۆرە سۈپەتنى ئاساسلىق ھەرىكەت يۆلىنىشى قىلغان بولۇپ، مائارىپ سۈپىتى مائارىپ تەربىيسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەم ئۇ ئەخلاقىي سۈپەت، ئەقلىي سۈپەت، جىسمانىي سۈپەت، خارەكتېر سۈپىتى ۋە ئىستىتېك سۈپەت قاتارلىق كۆپ خىل سۈپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مائارىپ سۈپىتى بولمىسا بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتى، خەلىق سۈپىتى ۋە تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا مائارىپتا سۈپەت ئۆتكىلى ھەممىدىن مۇھىم. :C2 @!W z  
Tl2(%qB  
ئۇنداق بولسا مائارىپ سۈپىتى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؟ qw1W }+~g  
CK1A$$gnz  
ھازىرغىچە بۇ مەسىلىگە قارىتا تۈرلۈك قاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ، مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەرنى ئوبېكتىپ نۇقتىدىن ئىزدىگەندە تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا خۇلاسىلىنىدۇ. |Z)}-'QUJ  
`][vaLd`Q  
1› يېزا-بازار كارخانىلىرى ئامىلى H]7bqr  
]6M,s0  
يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ مائارىپ سۈپىتىگە بولغان تەسىرى تۆۋەندىكى تۆت تەرەپتىن كۆرىلىدۇ: ;dPaWS1D  
Bal e_s^  
بىرىنچىدىن، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى يېزا بازارلارغا قارىتا زور دەرىجىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقى پەيدا قىلىپ، كەڭ ئاتا-ئانىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى ئوقۇماسلىق ھەم ئوقۇتماسلىق، ئوقۇسىمۇ ئىش ئورنى تاپالماسلىق مەسىلىسىنى تۈگۈتۈپ، ئاتا-ئانا ۋە ياشلارنىڭ ئوقۇتۇش-ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ ھەم تولوق ۋە ئالى مائارىپ باسقۇچىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مائارىپ سۈپىتىنى ئومومىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. Va?i#<a  
RMiDV^.u`  
ئىككىنچىدىن، يېزا بازار كارخانىلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى تۇرمۇشتا مۇنتىزىم چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان تۆۋەن ساپالىق ياشلارغا نىىسبەتەن يۇقىرى تەربىيلىنىش تەلىپى قويىدۇ. بۇ بىرتۈركۈم ياشلارنىڭ ھەر تۈرلۈك تولوق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بولۇپمۇ، كەسىپىي تولوق ئوتتۇرا مائارىپى ھەم ھەر تۈرلۈك كەسىپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى مائارىپىغا ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كېلىپ، كەسىپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئومومىيۈزلۈك يۇقىرى كۆتىرىىشكە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ="v`W'Pd  
;!G#Y Oe  
ئۈچۈنچىدىن، يېزا-بازار كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىشى يېزا-بازارلاردا بىر تۈركۈم بەلگىلىك مەدەنىيەت ھەم كەسىپىي ساپاغا ئىگە ئادەملەر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ رايوننىڭ ئومومىي مەدەنىيەت ئېكىلوگىيسىگە ۋە خەلقنىڭ تەربىيلىنىش چۈشەنچىسى ھەم مائارىپ قارىشىغا ئىجابىي ئىنكاسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بولۇپمۇ، يېزا-بازار كارخانىلىرىدا بىر تۈركۈم بەلگىلىك مەدەنىيەت ھەم كەسىپىي ساپاغا ئىگە ئادەملەر توپىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ياخشى ئوقوتۇشىنى ئەۋزەل بولغان ئىدىيۋى تونۇش شارائىتى ھەم ماددىي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. {@F' BB\  
:;eQ*{ `\  
تۆتىنچىدىن، يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى شۇ رايوندا بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە زىيالىلار توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ توپنىڭ ئىچىدىكى مەدەنىيەت ساپاسى بىرقەدەر يۇقىرى، ئىدىيسى بىرقەدەر ئىلغار بولغانلىرى بۇ رايۇنغا ئۆزى بىلەن بىرگە ئىلغار ئىدىيۋى چۈشەنچە، مەدەنىيەت ھەمدە نەشىر بۇيۇملىرىنى ۋە يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئومومىي خەلقنىڭ ئىدىيۋى چۈشەنچىسىنى ھەم مەدەنىيەت چۈشەنچىسىنى بېيىتىدۇ. بۇ جەمىئىيەتتە زەنجىرسىمان ئىنكاس شەكىللەندۈرۈپ، شۇ رايون مائارىپ سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن پايدىلىق زېمىن ھازىرلايدۇ. 0|.jIix;  
o$eCd{HuX  
2› ئاتا-ئانىلار ئامىلى xT]t3'y|-  
_cE_\Ay  
ئاتا-ئانىلار ئامىلىنىڭ مائارىپ سۈپىتىگە بولغان تەسىرى تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتىن كۆرىلىدۇ: pS |K[:5  
r7oFG!.?  
بىرىنچىدىن، تىل ۋە ھەرىكەت جەھەتلەردىن ئۈلگە كۆرسىتىش تەسىرى. yv j/u c  
*asv^aFpS  
 ئاتا-ئانا مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ قەلب مەكتىپى، مەنىۋىي مەدەنىيەت بۆشىكى، تاشقى ئالەمنىڭ تۇنجى بوسۇغىسى. ئىنسان ئاتا-ئانا باغرىدىن ئىبارەت بۇ بۆشۈكتە تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭدا ئەللەيلىنىپ يېتىلىدۇ. ئىنساننىڭ كۆزىنى ئېچىپ تۇنجى تونىغان كىشىسى، يەنى تاشقى شەيئىسى ئاتا-ئانا بولىدۇ. ئۇ مۇھەببەتنىڭ تۇنجىسىنى ئاتا-ئانا قۇچىقىدىن ھېس قىلىدۇ، مېڭىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئاتا-ئانىنىڭ يېتىلىشىدىن، سۆزلەشنىڭ تۇنجى تاۋۇشىنى ئاتا-ئانا ئېغىزىدىن ئۆگىنىدۇ. ئىنساننىڭ تىلى، دىلى، قەلبى، مۇھەببەت ھەم نەپىرىتى، ئەقلى، تەپەككۈر شەكلى، كىشىلىك پەزىلەت ۋە قەدىر-قىممەت چۈشەنچىسى، ھەرىكىتى...ۋاھاكازالارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىدىن ئىبارەت بۇ ئالىي ئىنژېنېرنىڭ ئۆزلۈك قېلىپىدا، يەنى ئۇلارنىڭ خۇلق-مىجەزى، ئىدىيۋى چۈشەنچىسى ۋە سۆز-ھەرىكەت ئەندىزىسى ئىچىدە قۇيۇلۇپ چىقىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت ئالدىدىكى ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى پەرزەنتكە بىۋاستە ۋە ئەبەدىيلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ مەنىدىن قارىغاندا، بىر تەرپتىن ئاتا-ئانىنىڭ مائارىپ چۈشەنچىسى ۋە پەرزەنت ئالدىدا كۆرۈلگەن مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى پەرزەنتنىڭ مائارىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇش قارىشىغا بىۋاستە ھەم ئالدىنى ئېلىپ بولمايدىغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتى بار جايدا مائارىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇش توغىرىسىدا سەلبىي سۆز-ھەرىكەتلەردە بولىشى پەرزەنت قەلبىدە «مائارىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇش يامان نەرسە» دېگەن چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق ئادەم ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان ئىش-پائالىيەتلەرنى قىلىشنى ياكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىشنى خالىمايدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىشنى خالىمىغان ئىشتىن بىرەر ياخشى نەتىجىنى تاما قىلىش ئەخمەقنىڭ خىيالىدىن ئىبارەت، خالاس. يەنە بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھەر بىر ئېغىز سۆز ۋە ئۇلاردا كۆرۈلگەن ھەر بىر ئىش-ھەرىكەت پەرزەنتكە ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىرلەرنى ئلېىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانا جەزمەن پەرزەنتى بار جايدا ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىگە قاتتىق چەك قويىشى، بولمىغۇر، سەت، ئەپقاچتى، ئىلمىيلىكى يوق گەپ-سۆزلەرنى قىلماسلىقى، غەيۋەت-شىكايەت قىلماسلىقى، خىزمەتداشلىرىنىڭ، ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىقى، قىيىنچىلىقتىن، بولۇپمۇ بىلىم ئاشۇرۇش، يېڭى  بىلىملەرنى ئىگىلەش، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش، ئىمتىھان، خىزمەت قاتارلىقلاردىن زارلانماسلىقى، مەئىشەتلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ماختىماسلىقى، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا ئازارىچىلىقلارنى سۆزلەشمەسلىكى، ھاراق-تاماكىدىن يىراق تۇرىشى، سېرىق مەزمۇندىكى ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى ۋە رەسىم-كىتابلارنى كۆرمەسلىكى، ئاڭلىماسلىقى، ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە چەكتىن ئاشۇرۇپ يېقىنچىلىق قىلىشماسلىقى كېرەك. -fk;Qq3O  
!p).3Kx0  
ئىككىنچىدىن، ئادەتلەندۈرۈش تەسىرى. hNsi  8/  
IHdA2d?.]  
پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ قانداق سۆز-ھەرىكەت ۋە خۇلىق-مىجەزگە ئادەتلەندۈرۈش پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسى خارەكتېرى، قىزىقىشى ۋە  دۇنياقارىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەم ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ناھايتى مۇھىم ھەم نازۇك مەسىلە. شۇڭا بۇنىڭغا ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى ھەرگىز سەك قارىماسلىقى كېرەك. جەمىئىيەتتە نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار باركى، ئۇلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى، قانداق ئويۇنلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلىقى، قانداق بالىلار بىلەن ئويناۋاتقانلىقى، قانداق جايلاردا يۈرۋاتقانلىقى...قاتارلىقلار بىلەن ھەرگىز كارى بولمايدۇ، ھەتتا ئۆزلىرى باش بولۇپ ئۇلارنىڭ ناچار ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولىشىغا نىسبەتەن ناھايتى زىيانلىق. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىدە ئاتا-ئانا بولۇشقا نىسبەتەن توغرا بولغان كۆزقاراش ۋە روھىي تەييارلىق ھازىرلىشى، بالىلىرىنى «تېخى كىچىك، بىر نەرسىنى بىلمەيدۇ» دىمەستىن، بەلكى، «ھەممىنى بىلىدىغان كىچىك بالا» دەپ بىلىشى، ئۇلار 2-3 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدىن باشلاپلا يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيگۈزمەسلىكى، جىنسىي پەرقىگە قاراپ كىيىندۈرىشى، ئوغۇللارنىڭ خاس قىزلار بىلەن، قىزلارنىڭ خاس ئوغۇللار بىلەن ئوينىشىنى چەكلىشى؛ ئۆز بېشىمچىلىق ۋە ئۆكتەملىك قىلىشىغا ياكى ئالاھىدە جىمغۇرلىقىغا، تاماق تاللىشىغا، باشقىلارنىڭ چىرايى ۋە كىيىنىشىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىشىغا يول قويماسلىقى؛ ئۇلارنىڭ قانداق سورۇنلارغا بارىدىغانلىقى، قانداق بالىلار بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، مەكتەپ، كىتاپخانا، موزېيخانا، كۆرگەزمىخانا، ئاممىۋىي سەنئەت سارايلىرى، باغىچا، پەن-تېخنىكا كۆرگەزمە مەركەزلىرى، دارىلىتام...قاتارلىق جايلارغا كۆپرەك ئېلىپ بېرىش، دالا سەيلىسىگە قاتناشتۇرۇش؛ ئويۇنچۇقخانا، تورخانا، قاۋاقخانا، رېستۇرانت، ھاراق-تاماكا سورۇنلىرى، غەيۋەت-شىكايەت سورۇنلىرى...قاتارلىقلاردىن قەتتىئىي يىراق تۇتۇش؛ ئاتا-ئانىسى بىلمەيدىغان ياكى كىشىلەرگە ناتۇنۇش بولغان جايلاردا يۈرىشىنى، ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولمىغان، ئەخلاق-پەزىلىتى دۇرۇس بولمىغان بالىلار بىلەن ئارىلىشىشىنى، چوڭ ياشتىكى بالىلار بىلەن ئارىلىشىشىنى، بولمىغۇر پاراڭلارنى قىلىشىنى،  دوستلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە چوڭلار يوق شارائىتتا ئايرىم ھەرىكەت قىلىشىنى قەتتىئىي چەكلەش؛ ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتى بار جايدا ھاراق-تامىكىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يىراق تۇرىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار يۇقىرقىلارغا دىققەت قىلىپ، بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ توغرا سۆز-ھەرىكەتكە ئادەتلەندۈرگەندىلا ئاندىن ئۇلاردا ساغلام مىجەز-خارەكتېر يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. &>C+5`bg  
EW(bM^dk}  
3› ئائىلىۋى مۇھىت ئامىلى l[c '%M|N  
y ;Cs#eo  
ئائىلىۋى مۇھىت ئامىلىنىڭ مائارىپ سۈپىتىگە بولغان تەسىرى تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتىن كۆرىلىدۇ: -yBKA]" 
#jW-&a  
بىرىنچىدىن، ئائىلە-ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدىكى مۇھىم پائالىيەت سورۇنى. بۇ سورۇننىڭ ئىجتىمائىي ۋە ماددىي ئېكىلوگىيەسى شۇ سورۇن ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ھەم نەپەس ئېلىۋاتقان ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئىز تامغىسىنى باسماي قويمايدۇ. ئەگەر ئائىلىدە مائارىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇش توغرىسىدا ياخشى گەپ-سۆزلەر كۆپلەپ قىلىنسا ھەم كىتاب-ماتېرىيال ئۆيى ياكى ئىشكابى بولۇپ، ئۇنىڭغا پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا ھەم چۈشۈنىش قابىليىتىگە ماس كەلگۈدەك بىر يۈرۈش كىتابلار تىزىپ قويۇلسا، پەرزەنت 2-3 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئاتا-ئانا بولغۇچى قىزىقارلىق كىتابلاردىن ھەر كۈنى بىرنەچچە بەت ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلاردا «كىتاب ياخشى، كىتاب قىزىقارلىق» دېگەن تەسىراتنى شەكىللەندۈرسە، 4-5 ياشقا كىرگەندە مەكتەپتە ئوقۇسا ساۋادى چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ قىزىقارلىق كىتابلارنى ئوقۇيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرەلىسە، يېشىنىڭ ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ كىتابلارنىڭ سانى ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىنى يۇقىرى كۆتەرسە، ئائىلە ئەزالىرى يېزىش-سىزىش بىلەن شۇغۇللانسا شۇنداقلا پەرزەنتى 2-3 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئالدىغا قەغەز-قەلەم تاشلاپ بېرىلسە بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار ئوقۇشقا، مەكتەپكە ھېرىسمەن، ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەيدىغان، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئائىلىدە مائارىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇش توغرىسىدا يامان گەپ-سۆزلەر كۆپلەپ چىقسا ھەم دائىم مال-چارۋا، ئېتىز-ئېرىق، سودا-تىجارەت، پۇل-بايلىق، ئويۇن-تاماشا، يەپ-ئىچىش، كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، ئۇرۇش-جىدەل ۋە ناشايان ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ گېپى كۆپ قىلىنسا، ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتى بار جايدا ھاراق-تاماكا، قىمار دېگەندەك ئۇلارغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولسا بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالا ئوقۇشتىن قاچىدىغان، ئوقۇتقۇچى بىلەن قارىشلىشىدىغان، مال-دۇنياغا ھېرىسمەن، ئويۇن-تاماشىغا ئامراق چوڭ بولىدۇ. U,#x\[3!Jt  
(Fon!_$:  
مىسالەن، ئا ۋە ب دىن ئىبارەت ئىككى ئائىلە بولۇپ، ئا ئائىلە دۆلەت خىزمەتچىسى، بىراق، بوش ۋاقتى بولسىلا مال-چارۋا ۋە ئېتىز-ئېرىق بىلەن ھەپىلەشسۇن ھەم ھويلا-ئارامدا كەتمەن-گۇرجەك، مال-چارۋا مۇھىتى ياراتسۇن؛ ب ئائىلە دېھقان ئائىلىسى، بىراق، بوش ۋاقتى بولسىلا كىتاب ئوقۇش، يېزىش-سىزىش، كومپىيوتېر مەشغۇلاتى بىلەن ھەپىلەشسۇن ھەم ئائىلىدە كىتاب-ژۇرنال، يېزىش-سىزىش مۇھىتى ياراتسۇن؛ %80 ھالدا ئا ئائىلىنىڭ پەرزەنتى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا ھېرىسمەن، ب ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئوقۇشقا ھېرىسمەن چوڭ بولىدۇ. mdEJ'];AH  
HTT&T9]  
ئىككىنچىدىن، ئائىلىدە پەرزەنتكە قانداق كۆڭۈل ئېچىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشمۇ ناھايتى مۇھىم بولۇپ، بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا ماس كېلىدىغان، ئەنئەنىۋىيلىكى كۈچلۈك، تەبىئەت بىلەن ئۇچۇرىشىشقا مايىل كۆڭۈل ئېچىش مۇھىتى يارىتىپ بەرگەندە بۇنداق مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار بىلىمخۇمار، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئەنئەنىۋىيلىكنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش قارىشى كۈچلۈك، غورۇرلۇق، باتۇر، قورقۇمسىز، تەبىئەتتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنالايدىغان ھەم ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغان چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەتىدىن كەچكىچە ئۆيدىن چىقماي تېلۋېزور ئېكرانىدىن باش كۆتەرمەيدىغان، چەتنىڭ كارتون فىلىملىرىدىكى قۇراشتۇرۇلما پېرسۇناژلارغا ھەۋەسلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى قارىغۇلارچە دورايدىغان، تەبىئەت بىلەن ئۇچىرىشىشنى خالىمايدىغان بالىلار ئىچ مىجەز، سىرتقى دۇنيادىن قورقىدىغان، جۈرئەتسىز، ئۆزىنىڭكىنى قەدىرللىمەي، باشقىلارنىڭكىگە قارىغۇلارچە چوقۇنىدىغان، ئىلمىي مەسىلىگە ئىلمىي مۇئامىلە قىلمايدىغان، قورقۇنچاق، تەبىئەتتىن پايدىلىنىشنى بىلمەيدىغان چوڭ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل خارەكتېر ئالاھىدىلىكى بىۋاستە ھالدا ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى قىزىقىشى، ئىجادچانلىقى، تەپەككۈر سېستىمىسى، بىلىش جەريانىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. TPJF?.le '  
dEtjcId  
شۇڭا، مائارىپ سۈپىتىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلە ئۆز ئائىلىسىدە ساغلام بولغان ئائىلىۋى مائارىپ ئېكىلوگىيەسى بەرپا قىلىشى ۋە ئۇ بىرپۈتۈن جەمىئىيەتنىڭ مائارىپ ئېكىلوگىيەسى دەرىجىسىگە كۆتىرىلىشى، بالىلىرىغا توغرا بولغان كۆڭۈل ئېچىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى ھەم ئۇلارنى ئىلمىي ھالدا توغرا يولغا يېتەكلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن مائارىپ سۈپىتىنىڭ ئومومىيۈزلۈك يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. Cjr]l!  
]}! @'+=  
4› مەكتەپ مۇدىرى ئامىلى l;_IH|A  
8xO   
مەكتەپ مۇدىرى ئۆزى مەسىئىۇل بولغان مەكتەپكە نىسبەتەن، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزگۈچى، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزام، بەلگىلىمىلىرىنىڭ روھىنىڭ ئىزچىللاشتۇرغۇچىسى، مەزكۇر مەكتەپنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى؛ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان بارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ پىلانلىغۇچىسى، تەشكىللىگۈچىسى، نەتىجىلىگۈچىسى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى؛ مەكتەپ-ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى ۋە ئۇلار ئارىسىدا كۆرۈلگەن زىددىيەتلەرنى ئادىل ھالدا لايىغىدا بىرتەرەپ قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىنى ساقلىغۇچى؛ يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى، مەكتەپ-جەمىئىيەت-ئائىلە ۋە شۇ رايوندىكى تۈرلۈك تەشكىلىي ئاپاراتلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرغۇچى. o@zxzZWg  
lf7bx}P*  
يۇقارقىلاردىن قارىغاندا، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپ تەلىم-تەربىيە سۈپىتىگە، شۇ ئارقىلىق بىر رايوننىڭ مائارىپ سۈپىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايتى چوڭ بولىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئىدىيۋى ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام، ئىش بېجىرىشتە ئادىل بولسا، قانۇن بويىچە ھوقوق يۈرگۈزسە؛ بولۇپمۇ، ئۆزى بىر كەسپكار، ناتىق، پىلانچان، ئىسلاھاتچانلىقتا جۈرئەتمەن، پاك-دىيانەتلىك، رىقابەتلەشتۈرۈش ۋە ياراملىقلىرىنى تاللاپ چىقىشقا ماھىر، تۈزۈم بىلەن ئىقتىسادنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى تەڭ ئىشقا سالالايدىغان، زىددىيەتتىن قاچمايدىغان، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا، كەيپ-ساپاغا بېرىلمىسە، ئىقتىدارغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان بولسا، تۈزگەن تۈزۈمى بەك بوش ياكى بەك قاتتىق ھەم ئەمىليەتتىن ۋە يۇقىرىنىڭ ھۆججەت ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنىڭ روھىدىن ئايرىلىپ قالمىغان بولسا، ئۇ ھالدا دەرسخانا ئوقۇتىشىنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدارىدىكى يوشۇرۇن تەرەپلەرنى مۇۋاپپىقىيەتلىك قېزىپ چىقىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى جانلاندۇرالايدۇ. ئەگەر مەكتەپ مۇدىرى ئويۇنخۇمار بولسا، مەكتەپ مۇدىرى ياقتۇرىدىغان ئويۇن تۈرلىرى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزىرىدە جان بېقىش ۋە ياخشى كۆرۈنىشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلىنىپ، ئومومىي كەيپىيات سۈپىتىدە ئەۋج ئالىدۇ؛ ئوقۇتۇشقا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومومىي كەيپىياتىغا ۋە جەمىئىيەتكە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر، مەكتەپ مۇدىرى كەسپتىن خەۋەرسىز بولۇپ قالسا، دەرسخانا ئوقۇتىشىغا ھەقىقىي، ئادىل، توغرا باھا بېرەلمەيدۇ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي تۈردە تۇتالمايدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا تىلى تۇتۇق بولۇپ قالىدۇ. پاك-دىيانەتلىك، ئادىل بولمىسا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ، ئىلغارلارنىڭ ئىلغارلىق روھى جارى قىلدۇرالمايدۇ، چوڭ سىناقلاردا يۇقىرىغا ۋە ئاممىغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. تۈزىگەن تۈزۈمى بەك بوش بولۇپ قالسا ئۇنىڭ رولى بولمايدۇ، بەك قاتتىق بولۇپ قالسا ئوقۇتقۇچىلاردا بىزارلىق كەيپىياتى قوزغاپ، ئۇلارنى شەكىلۋاز، خىزمەتكە كۆڭۈل بەرمەيدىغان، كۈن ئۆتكۈزىشنىڭ كويىغا كىرىۋالىدىغان قىلىپ قويىدۇ. J;>epM ;*  
Jx.f DVJ  
ئوموملاشتۇرغاندا، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى ۋە قىزىقىشى مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەيپىياتىغا بىۋاستە ھالدا ئىجابىي ياكى سەلبىي تامغىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. مەشھۇر ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ»تە «ئىت شىرغا باش بولسا بارلىق شىرلار ئىتسىمان بولۇر، شىر ئىتقا باش بولسا بارلىق ئىتلار شىرسىمان بولۇر» دەپ ناھايتى توغرا ئېيتقان. P0.cF] 
xc#t8`  
5› ئوقۇتقۇچىلار ئامىلى 5U~KYy^v  
r&E  gP  
ئوقۇتقۇچى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ بىۋاستە ھەرىكەت شەكلى بولغان دەرسخان ئوقۇتۇشىنىڭ پىلانلىغۇچىسى، تەشكىللىگۈچىسى، ئېلىپ بارغۇچىسى ۋە نەتىجىلىگۈچىسى بولۇپ؛ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپ سەھنىسىگە قانداق روھىي ھالەت، قانداق تونۇش ۋە قانداق مەقسەد-مۇددىئا، قانداق قىممەت قارىشى، تەپەككۈر قارىشى ۋە بىلىم-ئىقتىدار قارىشى بىلەن كىرىپ كېلىشى؛ ئۆزىدە قانچىلىك كەسىپىي قابىليەت، بىلىم-ئىقتىدار جۇغلانمىسى ۋە ئەمىلىيەتكە يۈزلەندۈرۈش ئىقتىدارى ھاسىل قىلىشى بىۋاستە ھالدا تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ سۈپىتىگە، يەنى مائارىپ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىدا مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، «مائارىپ تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، مائارىپ تەرەققى قىلسا خەلق تەرەققى قىلىدۇ، مەن خەلقنىڭ بىر ئەزاسى، شۇڭا خەلقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشۇم كېرەك» دەيدىغان تونۇش، «مائارىپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىم ئەۋلادلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن» دەيدىغان مەقسەد-مۇددىئا، كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ قىرلىق ھەم جانلىق، ئەمىلىيەتچان تەپەككۈر سېستىمىسى؛ جانلىق بولغان پىداگوگىكىلىق ۋە پىسخولوگىيەلىك چۈشەنچە، ئۆز كەسپىگە نىسبەتەن ئەتىراپلىق، ئۇنىڭغا يانداشما پەنلەرگە نىسبەتەن مۇئەييەن دەرىجىدە بىلىم جۇغلانمىسى ۋە ئىشلىتىش قابىليىتى، توغرا ۋە دەل جايىدا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان تىل ئىقتىدارى بولسا مائارىپ سۈپىتى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ. يۇقارقى شەرتلەر ھازىرلانمىسا ياكى چالا ھازىرلانسا مائارىپ سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىدىن سۆز ئېچىش تەس ياكى مۈمكىن بولمايدۇ. |X8?B =  
h+1|.d  
نۆۋەتتە، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا گۇرۇھۋازلىق، ھورۇنلۇق، غەيۋەتخورلۇق، ئۆزىنى باشقۇرالماسلىق، پەرۋاسىزلىق، مەسىئۇلىيەتسىزلىك، ئىككى بىسلىق، بىلىمگە ئىنتىلمەسلىك، كەسپىدىن بىزار بولۇش، ئىقتىدارلىقلارغا ئارام بەرمەسلىك؛ رەھبەرلىككە ياخشىچاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەش؛ ئاتا-ئانىلارنى «پالانى مۇئەللىم بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيلەۋېتىپتۇ» دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساختا ئابىرويغا ئېرىشىش ھەم ئاتا-ئانىلارغا ياخشىچاق بولۇپ، پايدا-مەنپەئەت ئۈندۈرۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە كەلگۈسى تەقدىرىگە بىۋاستە چېتىلىدىغان چوڭ مەسىلىلەرنىمۇ يوشۇرۇپ ئوتتۇرغا قويماسلىق، ئەمىلىيەتتىن ھالقىغان ھالدا ماختاش، ھەر جەھەتتىن ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى تورىسىدا توغرا چۈشەنچە ۋە تونۇش شەكىللەندۈرۈشى ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىپ ئۇلارنى ئۆزگەرتىشىگە توسالغۇ بولۇش؛ مەكتەپتىكى ئىقتىدارلىقلارنى قارىلارپ سېسىتىپ، ئىناۋىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنىش؛ ئۆز ئىشىنى جايىدا قىلالماي تەنقىدكە ئۇچرىغاندا ئۆزىنىڭ تەنقىد ئاڭلىشىنى ياخشى قىلغانلاردىن كۆرۈپ، «ھەممىمىز قىلالمىغان بولساق تەنقىدكە ئۇچرىمايتتۇق» دەپ قاراش ھەم ياخشى قىلالمايدىغانلار بىر بولىۋېلىپ ياخشى قىلغانلارنى يەكلەشتەك ناچار ئادەتلەر يەنىلا مەۋجۇت، شۇنداقلا، بۇ خىل ئىللەتلەر ساپاسى تۆۋەن ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن تېز سۈرئەتتە قوبۇل قىلىنىپ تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ بارماقتا. نۆۋەتتە بۇ خىل ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئەڭ مۇھىم ھەم ئەڭ قىيىن خىزمەت شۇنداقلا مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى چىڭ تۇتمىسا بولمايدىغان ئاساسىي ھالقا بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاچقۇچى، چوڭلارنىڭ ناچار كەيپىيات ۋە ناچار خاھىش تەرەپلەردىن ياشلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنى قاتتىق توسۇش ھەم شۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھامان يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ، ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆز-ئۆزىدىن خىجىل قىلدۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ئىجابىي تەرەپكە يېتەكلەش؛ ياشلارغا نىسبەتەن رىقابەت مېخانىزىمى تۇرغۇزۇپ، ئىچكى ئېنېرگىيەسىنى قوزغۇتۇش؛ تىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت مىقدارى، خىزمەت سالمىقى، خىزمەت ئۈنۈم، ئەمىلىي شارائىت ئامىلى ھەم خىزمەت جەريانىدىكى سەۋەنلىكلەرنى تۇتۇپ باھالاشقا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئوبېكتىپ مۇئامىلە قىلىشقا، ھەقىقىي ياخشىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش؛ ياخشىلارغا ئىلھام بېرىش، تۈزۈم بىلەن ئىقتىسادنىڭ جانلىق ۋە ئادىل بولغان بىرلىكى ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز قابىليىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان تەرەپكە يېتەكلەش ھەم مۇۋاپىق پائالىيەت سەھنىسى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. cuQ!"iH  
d.vNiq,`  
6› مالىيە-ئارقا سەپ بىلەن ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ قايسىسىنىڭ قايسىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئامىلى 7{F\b  
[;z\bV 
بىر مەكتەپكە نىسبەتەن مالىيە-ئارقا سەپ ئامىلى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ زۆرۈر بولغان ماددىي كاپالىتى بولۇپ، ئۇ مەكتەپ خىزمىتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تەرەپ بولغان ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئوبېكتىپ دەرىجىدە ماددىي ۋە شارائىت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت ھەم دۆلەتنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى مالىيە-ئارقا سەپ تولوقلىمىس بىلەن تەمىنلەشتىكى تۈپكى مەقسىدى. ]Kt@F0U 
gML8lu0)  
بىراق ھازىرقى ئەمىلىيەت راستىنلا شۇنداقمۇ؟ بىز بۇ مەسىلگە ھازىرقى ئوبېكتىپ ئەمىلىيەتتىن قاراپ، ئەتىراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بولساق نۇرغۇنلىغان جايلاردا، ھېچ بولمىسا كۆپ ساندىكى يېزا مەكتەپلىرىدە ئەھۋالنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان يېزا مەكتەپلىرىدە مالىيە-ئارقا سەپ ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، ئوقۇتۇش مالىيە-ئارقا سەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك تەتۈر يۆلۈنىشلىك ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مەكتەپكە زاۋۇت-كارخانا سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىكقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. مىسالەن، ھازىر مەكتەپلەردە ئەڭ ئەتىۋارلىق، خىزمەت ۋەزىپىسى ئەڭ ئاز، ئەڭ ئۆز مەيلىچە يۈرەلەيدىغان ھەم مەكتەپ مۇدىرلىرىغا ئەڭ يېقىن كىشىلەر ئوقۇتۇشتا نەتىجىسى ئالاھىدە بولغانلار بولماستىن، بەلكى، مالىيە خادىملىرى، شوپۇر، گېلىيەن، ئاشپەز، مال سېتىۋالغۇچى...قاتارلىقلار بولۇپ، ھەتتا بەزى مەكتەپلەردە مالىيە خادىمىنى مەكتەپتە ئايلاپ كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ بارلىق ماددىي مەشئەتلىرى مالىيە-ئارقا سەپ خادىملىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. پۇل خەجلىمىسە قەتتىئىي بولمايدىغان تەرەپلەر ئوقۇتۇش خىزمىتى بولماستىن، بەلكى، مەكتەپ ماشىنىسى، كۈتىۋېلىش پائالىيىتى، ئوبراز قۇرۇلۇشلىرى، بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى بولىۋاتىدۇ. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە «مۇناسىۋەتلىك جايلىرى»غا سەپەر قىلىشى ئۈچۈن بولىدۇ. پۇل ئەڭ ئاز خەجلىنىدىغان ياكى خەجلەنمەيدىغان تەرەپلەر بولسا ئوقۇتۇش خىزمىتى، بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش، لېكسىيە سۆزلەش، ئۈلگىلىك ياكى كۆرسەتمىلىك دەرس ئۆتۈش، دەرس دېتالى تۈزۈش ماھىرلىرىنى، ئىلمىي تەتقىقات ياكى ئوقۇتۇش تەتقىقات ماھىرلىرىنى، مۇنەۋۋەر سەنئەت ياكى ئىجادىيەت، مودېل-ئەۋرىشكا ياساش يېتەكچىلىرىنى مۇكاپاتلاش، مەكتەپ دەرسى تۈزىگەن، مەكتەپ تېمىسى ئىشلىگەن، كونسىلتاتسىيە قىلغان ھەم نورمىدىن ئارتۇق دەرس ئۆتكەنلەرگە ھەق بېرىش، مەكتەپلەر ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلارغا پۇل ناھايتى ئاز خەجلىنىدۇ ياكى قەتتىئىي خەجلەنمەيدۇ. نۇرغۇنلىغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ نەزىرىدە يۇقارقى خىزمەتلەر قەغەز-قەلەم بىلەن بولىدىغان خىزمەت بولۇپ، بىرىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى قەغەز-قەلەم  بىلەن ھەپىلىشىش بولغاچقا، قەغەز-قەلەم بىلەن ھەپىلىشىدىغان ھەرقانداق خىزمەت بولىدىكەن ئۇنى ئوقۇتقۇچىلار شەرتسىز ھالدا جەزمەن قىلىشى ھەم ئۇنىڭغا ھەق بېرىلمەسلىكى كېرەك. ئىككىنچىدىن، قەغەز-قەلەم بىلەن بولىدىغان خىزمەت ھېچقانداق ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ھەق بېرىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىساد يارىتىش خارەكتېرلىك جىسمانىي پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگەن، ئۇنىڭغا نازارەتچىلىك قىلغان ۋە بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلغانلارغا قارىتا ياراتقان ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە قاراپ چوڭ يىغىن ئېچىلىپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھازىر نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەردە مالىيە-ئارقا سەپ خىزمىتى بىلەن ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرا بىرتەرەپ قىلىنمىغاچقا ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۆسۈش تۈگۈل ئەكسىچە قەدەممۇقەدەم چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ. h^ Cm\V  
?>B?*IK!  
7› جەمىئىيەت مۇھىتى ئامىلى 6bPxEILm  
_8.TPB]no  
جەمىئىيەت ئامىلى ئائىلىۋى مۇھىت ئامىلى بىلەن سىرتقى جايلار تەسىرىنىڭ يىغىندىسىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىنى ئوراپ تۇرغان جەمىئىيەت مۇھىتى ئامىلى يەنى جەمىئىيەتنىڭ ئومومىي قىياپىتى ۋە ئاتموسفېراسىى مائارىپ سۈپىتىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. ئەگەر مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىنى ئوراپ تۇرغان ئومومىي كىلىمات مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق مۇھىتىغا تويۇنغان، گۈزەل، ساپ، تەبىئىي، ئازادە ھەم ئەنئەنىۋىيلىكى قويۇق، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ بىرپۈتۈنلىكى ئىشقا ئاشقان بولسا بۇ خىل مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار ئىجادچانلىقى ۋە قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى يۇقىرى، گۈزەل خۇلۇقلۇق، مەردانە، جەسۇر، قارام ھەم تەۋەككۈلچى، ئىشچان، ئاخكۆڭۈل، سەمىمىي، راستچىل، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلەيدىغان، ئەنئەنىنى ھۆرمەتلەيدىغان ھەم ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، تەبىئەت قوينىدىكى مەۋجۇداتلارنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەم ئۇنى ئاسىرايدىغان، ئۇنىڭدىن زوق ئالالايدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىنى ئوراپ تۇرغان ئومومىي كىلىمات مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق مۇھىتىغا نامرات، مەينەت، رەتسىز، شالغۇت، تەبىئەتنىڭ بىرپۈتۈنلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ھەممىلا يەرنى تورخانا، قاۋاقخانا، دېسكوخانا، قىمارخانا، نەشىكەشلىك، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش، بۇزۇقچىلىق، كەيپ-ساپاغا بېرىلىش، رېستۇران ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، يۇقىرى ئىستىمال سورۇنلىرى قاپلىغان بولسا بۇ خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار بىلىمگە ھەۋەس قىلمايدىغان، ئەخلاقسىز، تازلىقنى سۆيمەيدىغان، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، ئەنئەنىنى قەدىرلىمەيدىغان، تەبىئەتنى ئاسرىمايدىغان، كىچىك تۇرۇپ ھاراق-شاراپقا، كەيپ-ساپاغا، ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلىدىغان، سىرتقى ئامىلنىڭ غىدىقلىشىغا ئاسان ئۇچىرايدىغان، تاشقى مۇھىتنىڭ زەربىسىگە ئاسان بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، ئۇششۇق، ھىلىگەر، ئىش خوش ياقماس بولۇپ يېتىلىدۇ. بۇنداق بالىلاردىن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇشنى ئۈمۈت قىلغىلى بولمايدۇ. "B{3q`(  
." xP {  
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە ئوقۇغۇچى ئامىللى بولسىمۇ، ئو ئاتا-ئانا، ئائىلە ۋە جەمىئىيەت ئامىلىنىڭ نەتىجىلىنىشى بولغاچقا، يەنى، قانداق ئائىلە، ئاتا-ئانا  ۋە جەمىئىيەت ئامىلى بولسا شۇنداق ئوقۇغۇچى (پەرزەنت) ئامىلى شەكىللىنىدىغان بولغاچقا، مەزكۇر ماقالىدە ئۇلارنى مائارىپ سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئامىللار قاتارىدا ئايرىم ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈلمىدى. )Jjp^U3Ub  
مەنبە: ئىجادىيتىم q5_zsUR=  
b WNa6x  

tawpek 2011-01-17 18:43
ئىنتايىن ئەستائىدىل ئانالىز قىلىپسىز. ,y]-z8J  
NWn*_@7;  
مائارىپ سۈپىتىنى پەقەت ئوقوتقۇچىدىنلا كۆرىدىغانلار كۆپمىكىن دەيمەن.

tawpek 2011-01-30 14:13
بۇ تىما تەكرار يوللانغىنى ئۈچۈن كىيىنكىسى ئۆچۆرۆلدى.

attila 2011-02-09 21:48
كېيىنكىسى تولوقلانغان قىسىمى ئىدى. چىقماپتۇ.

tawpek 2011-02-10 12:46
ۋاي ئىسىت، كەچۈرۈڭ، مەن خىلى ئوقوپ سىلىشتۇرۇپمۇ باققان بولمىسا تۈرگە ئايرىغان چوڭ مەزمۇنلارنىلا سىلىشتۇرۇپتىكەنمەن. Y#c439&  
Lan|( !aW  
ئىسمى ئوخشاشكەن مەزمۇنىغا قارىساممۇ شۇ،  شۇڭا..................... DU6j 0lz  
h rSH)LbJ  
ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولماسمىدى. 5  
=)Hu(;Yv  
خاپا بولماي قايتا يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن.  بىزدە مۇشۇنداق تىمىلار ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغانلار بەك ئاز، قەدرىنى بىلىدىغانلار بولسىمۇ كۆرۆپ پايدىلىنار ئىدى.

ئۇيغۇرجان 2012-01-30 11:37
مائارىپ ئامىلىنى ئوقۇتقۇچىلاردىن كورىدىغانلار ئىنتايىن كوپقۇ دەيمەن.

نەفىسە 2013-05-20 14:49
     ياخشى يېزىلىپتۇ.


查看完整版本: [-- مائارىپ سۈپىتى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled