ھۈجەيرە يادروسى- سىستېمىنىڭ كۇنترۇل مەركىزى
تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىئولوگىيە دەرىسىلىكى زۆرۈر 1-قىسىمدىن بىر سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى
تۇزگۇچى: مېھرىگۇل نۇر
2010 -يىلى 12 –ئاينىڭ 20-كۇنى
3. ھۈجەيرە يادروسى- سىستېمىنىڭ كۇنتۇرۇل مەركىزى
ئوقۇتۇش نىشانى
ھۈجەيرە يادروسىنىڭ تۇزۇلىشى ۋە فۇنكىتسىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش
بىلىم ۋە ئىقتىدار
ھۈجەيرە يادروسىنىڭ تۇزۇلىشى
ھۈجەيرە يادروسىنىڭ فۇنكىتسىيىسى
ھۈجەيرە يادروسىنىڭ ھۈجەيرىنىڭ كۇنتۇرۇل مەركىزى ئىكەنلىكىنى تۇنۇش
جەريان ۋە ئۇسۇل:
1.دەرىسلىكتە بىرىلگەن ماتىريالدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ دەرىس ئەمىلىيىتىدە ئىپادىلەش
2.ئوزلىكىدىن ئۇگۇنۇش ۋە ھۈجەيرە يادروسىنىڭ فۇنكىتسىيىسىنى خۇلاسىلەش
ھېسيات ۋە پوزىتسىيە:
1.بىئولوگىيە دەرىسلىكىگە بولغان ئۇگۇنۇش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۇتۇرۇش
2.ھەمكارلىشىپ ئۇگۇنۇشنىڭ خوشاللىقىنى ھىس قىلدۇرۇش
مۇھىم نۇقتا
ھۈجەيرە يادروسىنىڭ تۇزۇلىشى ۋە فۇنكىتسىيىسى
قىيىن نوقتا
ھۈجەيرە يادروسىنىڭ ھۈجەيرىنىڭ كۇنترۇل مەركىزى ئىكەنلىكىنى چۇشنىۋېلىش
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
يېتەكچىلىك قىلىش ،قوزغىتىش ،ھەمكارلىشىپ ئۇگۇنۇش ،مۇلاھىزە قىلىش ،تەھلىل قىلىش
ئوقۇتۇش تەييارلىقى
ئوقۇتقۇچى؛
يۇمشاق دەرىس دېتالىدىن پايدىلىنىپ ھۈجەيرە يادروسىنىڭ ئېلىكتۇرۇنلۇق مېكروسكوپ ئاستىدىكى رەسىمنى كورسىتىش
ئوقوغۇچى:
ئالدىنئالا ئۇگۇنۇش ۋە دەرىسلىك كىتاپنىڭ 67 –بېتىدىكى ماتىريال ئۇستىدە تەھلىلنى ئۇقۇپ كىلىش
دەرىس ئالدىدىكى سىناق :
ئوقۇتقۇچى ئالدىن تەييارلىۋالغان ھۈجەيرىنىڭ ئېلىكتۇرۇنلۇق مىكروسكوپتا تارتىلغان رەسىمنى ئېكراندا كورسەتكەندىن كىيىن توۋەندىكىدەك سۇئاللارنى قۇيىدۇ.
ھۈجەيرە قايسى قىسىملاردىن تۇزۇلىدۇ؟
ئىپتىدائىي يادرولوق ھۈجەيرە بىلەن ھەقىقى يادرولوق ھۈجەيرىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
ئۇقۇتۇش جەريانى ؛
ھۈجەيرە يادروسىنىڭ فۇنكىتسىيىسى
【ئۇقۇتۇش ئالدىدىكى تەييارلىق 】
ئوقوتقوچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوقوغۇچىلار توت كىچىك گۇرۇپپىغا بۇلۇنۇپ
‹ماتىرىيال ئۇستىدە تەھلىل ›نى ئوقۇيدۇ.ئاندىن ئوقۇتقۇچى ئالدىن تەييارلىۋالغان يۇمشاق دەرىس دېتالىنى ئېكراندا كورسەتكەندىن كىيىن توۋەندىكى سۇئاللارنى تەھلىل قىلىدۇ.
1:قارا رەڭلىك سەمەندەرنىڭ يادروسىنى كۇچۇرۇش تەجرىبىسى
ماتىرىيال1 دىن مىكسىكا سەمەندىرىنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ھۈجەيرە يادروسى كونتۇرۇل قىلامدۇ ياكى سىتوپلازمىمۇ؟
2:سەمەندەر ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىنىڭ ئۇتتۇرىدىن بۇغۇلىشى
ماتىرىيال 2:ھۈجەيرە يادروسىنىڭ ھۈجەيرىنىڭ بۇلۇنىشى ۋە دىففىرىنسىيىلىنىشىبىلەن قانداق مۇناسىۋېتى بار ؟
3:ئاميۇبانىڭ يادروسىنى ئېلىۋېتىش تەجرىبىسى
ماتىرىيال 3نى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق سىز قانداق يەكۇن چىقىرىسىز ؟
4:كۈنلۈكسىمان يۇسۇننى ئۇلاش تەجرىبىسى
ماتىرىيال 4 تە چۇشەندۇرۇلگەن جانلىقلار تېنى مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۇشنىڭ بارلىققا كىلىشى ئاساسلىقى ھۈجەيرە يادروسىغا مۇناسىۋەتلىكمۇ ياكى سىتوپلازمىغىمۇ؟
(3) ئوقۇغۇچىلارغا توۋەندىكىدەك سۇئاللارنى قۇيۇش ئارقىلىق ھۈجەيرە يادروسىنىڭ فۇنكىتسىيىسىنى شەرھىلەيمىز.
1 .ھۈجەيرە يادروسى بولمىسا ھۈجەيرە ياشىيالامدۇ؟
2.ھۈجەيرە يادروسى بولمىسا ،ھۈجەيرە يەنىلا ھايات تۇرالامدۇ؟ھەم ئاقسىلنى سېنتىزلىيەلەمدۇ؟
3.ھۈجەيرە يادروسى بولمىسا،ھۈجەيرە ئۇسۇش ۋە بۇلۇنۇش ئېلىپ بارالامدۇ؟
بۇنى ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى ئوقوغۇچى خۇلاسىلەيدۇ.
يەكۇن:
ھۈجەيرە يادروسى ھۈجەيرىنىڭ مېتابولىزىمى بىلەن ئېرسىيىتىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان مەركەز.
.ھۈجەيرە يادروسىنىڭ تۇزۇلىشىⅡ
[ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقوغۇچىلار ھەمكارلىش ]
ئوقوتقۇچى ئالدىن تەييارلىغان يۇمشاق دەرىس دېتالىدىكى ھۈجەيرە يادروسىنىڭ تۇزۇلۇش رەسىمنى كورسىتىدۇ.
1.ئوقۇتقۇچى :كونتۇرۇل مەركىزى بولغان ھۈجەيرە يادروسى قايسى قىسىملاردىن تۇزۇلىدۇ؟(رەسىمگە قاراپ جاۋاپ بېرىدۇ)
ئوقوغۇچى :يادرو پەردىسى،يادرو مېغىزى،خىروماتىن ۋە يادرو توشىكىدىن ئىبارەت توت قىسىمدىن تۇزۇلىدۇ.
2.ئوقۇتقۇچى:يادرو پەردىسىنىڭ قانداق رولى بار ؟
ئوقوغۇچى :ئىككى قەۋەتلىك پەردە بۇلۇپ يادرو ئىچىدىكى ماددىلارنى سىتوپلازمىدىن ئايرىپ
تۇرۇش
3.ئوقۇتقۇچى:يادرو مېغىزىنىڭ قانداق رولى بار؟
نىڭ سىنتىزلىنىشى ۋە رىبوسومنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.RNA ئوقوغۇچى؛ مەلۇ
4.ئوقۇتقۇچى :يادرو توشىكىنىڭ قانداق رولى بار؟
ئوقوقۇچى:يادرو ماددىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپلەپ ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى ئئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
5.ئوقۇتقۇچى:خروماتىن قانداق ماددا ؟قايسى ماددىلاردىن تۇزۇلگەن؟
ئوقوغۇچى:خروماتىن (بۇيالغۇچى تەنچە) ئىشقارلىق بۇياقتا بۇيالغۇچى ماددا .ئۇ
ئېرسىيەت ئۇچۇرلىرىنى تۇشۇغۇچىدۇر.. بىلەن ئاقسىلدىن تۇزۇلگەن DNA
6. ئوقۇتقۇچى:خروماتىن بىلەن خروموسۇمنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
ئوقوغۇچى:ئوخشاش ماددىنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىردىكى ئىككى خىل شەكلى .ئاندىن ئۇقۇتقۇچى يۇمشاق دېسكا دېتالىدىن تەييارلىۋالغان جەدۋەلنى كورسەتكەندىن كىيىن ، جەدۋەل تۇلدۇرۇش ئارقىلىق خىروموسۇم بىلەن خروماتىننىڭ پەرقىنى بىر قانچە ئۇقۇغۇچىغا يىغىنچاقلىتىدۇ.
.ھۈجەيرە بىرلىككە كەلگەن بىر پۇتۇن گەۋدە:Ⅲ
تۇزۇلۇش جەھەتتىكى بىردەكلىگى :
ھۈجەيرە يادروسى بىلەن سىتوپلازما يادرو تۇشىكى ئارقىلىق تۇتىشىدۇ.يادرۇ پەردىسى ،سىتوپلازما ئىچكى تورى پەردىسى ۋە ھۈجەيرە پەردىسى بىۋاستە تۇتىشىپ مۇكەممەل بولغان بىئو پەردە سېستىمىسىنى تۇزىدۇ.
فۇنكىتسىيە جەھەتتىكى بىردەكلىكى:
ھۈجەيرىدىكى ھەر قايسى قىسىملار ئوز –ئارا ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىپ ،ھۈجەيرىدىكى ھەر خىل ھاياتلىق پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە ئورونلايدۇ.
تەڭشەش جەھەتتىكى بىردەكلىكى:
ھۈجەيرە يادروسى ھۈجەيرىنىڭ مېتابولىزىمى بىلەن ئېرسىيىتىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان مەركەز.
سىرىتقى مۇھىت بىلەن بولغان بىردەكلىكى :
ئۇزلۇكسىز تۇردە سىرىتقى مۇھىت بىلەن ماددا ۋە ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇپ ،سىرىتقى مۇھىت بىلەن بىرلىككە كەلگەن بىر پۇتۇن گەۋدىنى تۇزىدۇ.
دەرىستىن كىيىنكى مۇستەھكەملەش مەشىقى :
1.ھۈجەيرە يادروسى تۇۋەندىكى قايسى فىزولوگىيىلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدىغان مەيدان:( )
.ئاقسىلنىڭ سىنتىزلىنىشى B ئوكسىگىنلىق نەپەسلىنىش .A
نۇسخىلىندىغان ۋە زاپاس ساقلىندىغان ئورون DNA .C
نىڭ نۇسخىلىنىشىDNA. D
2.توۋەندىكىلەردىن ھۈجەيرە يادروسىنىڭ فۇنكىسيىسىگە تەۋە بولمىغىنى ( )
ئېرسىي ماددىلار ساقلىندىغان ۋە نۇسخىلىندىغان ئورون
ھۈجەيرىنىڭ ماددا ۋە ئېنىرگىيە مېتابولىزىمى ئىلىپ باردىغان ئورون
مىتابولىزىم پائالىيىتىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان مەركەز
ئېرسىي بەلگىلەرنى كونتۇرۇل قىلىدىغان مەركەز.
3.تۆۋەندىكى رەسىمگە ئاساسەن سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ:
.
1.ھۈجەيرە يادروسى بىلەن سىتوپلازمىنىڭ مۇناسىۋىتى ــــــــــــــــــــــــ
2.يادروسى ئېلىۋېتىلگەن ھۈجەيرىنىڭ بىر مەزگىل ياشىيالىشىدىكى سەۋەپ ــــــــــــــــــــــــــــــــــ .
3.يەككە يادرونىڭ ياشىيالماسلىقىدىكى سەۋەپ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
دەرىستىن كىيىنكى خۇلاسە:
1.دەرىس ئوقۇتۇش جەريانىدا %90 ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۇزۇشنى ئويلىغان ئىدىم ،لىكىن
بالىلار ئالدىن ئۇگۇنۇپ كەلمىگەن بولغاچقا بۇ پىلاننى ئورونلىيالمىدىم.دىمەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن ئۇگۇنۇپ كقلقش پۇزىتسىيىسى ناچاركەن .بۇندىن كىيىن بۇ دەرىسنى تېخىمۇ ئاددىلاشتۇرۇش ۋە ئاممىباپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئۇستىدە ئىزدەنسەم بولغىدەك.
2.كوللىكتىپ دەرىس تەييارلاش جەريانىدا كوپ ئۇچۇرلارنى توپلىغان بولساقمۇ،دەرىسخانىغا ئېلىپ كىرىش ئىمكانىيىتى بولمىدى ،بۇ ئويلىغانلىرىمىزنى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىستىن سېرىتقى پايدىلىنىشقا بەرسەم بولغىدەك.
3.ئوقوغۇچىلارغا ئىمكان يار بەرسە مىكروسكوپنى سىنىپقا ئەكىرىپ يادرونىڭ تۇزۇلىشىنى مەڭگۇلۇك پېرپىراتلاردىن پايدىلىنىپ مېكروسكوپتا كورسىتىپ سوزلىسەم ياخشى بولاتتىكەن .
تاپشۇرۇق؛
.ئېنتىرنىت تورى ۋە كىتاپخانىلاردىكى ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ ‹ھەقىقى يادرولوق ھۈجەيرە ۋە ئىپتىدائىي يادرولوق ھۈجەيرىنىڭ پەرقى ›توغرىسىدا بىر پارچە تەتقىقاتلىق ئۇگىنىش ماقالىسىنى يېزىڭ .
|