查看完整版本: [-- قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

layli 2010-08-12 09:44

قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى

قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى
K9e~Wl<3  
بەزى ئاتا -ئانىلار بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ،دائىم قورقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.مەسىلەن :"تىز ئۇخلا ،بولمىسا بۆرە كېلىپ سىنى يەۋالىدۇ"،"يەنە يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ساڭا ئوكۇل سالىدۇ"اىگەندەك .بۇ دەرھال ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ ،ئەمما بالىلارنىڭ سەبى قەلبىنى زەخمىلەندۈرۈپ ،قوتقۇنچ ،ئەندىشە ئىچىدە يۈرىدىغان قىلىپ قويىدۇ.بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. ;mf4 U85  
ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا،قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ ،ئۇلارنى ھەدددىدىن زىيادە جىددىلەشتۈرۈپ ،پىسخكا جەھەتتىكى يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. F\-B3i%0  
بالىلارنى قورقۇتۇش بالىلارنى يۈرەكسىز ،ئاجىز قىلىپ قويىدۇ،بەزى ئاتا -ئانىلار بالىلارنى ئاجىزلىغى ئارقىلىق قورقىتىدۇ.بالىلارنىڭ قاراڭغۇدىن قورقىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ،ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنىنى چەكلەيدۇ.بۇ بالىلاردا خاراكتىر ئاجىزلىغىنى پەيدا قىلىدۇ -دە ،ھەمىشە قورقۇپ ھودوقۇپ يۇرۇيدىغان بولۇپ قالىدۇ.ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلارنى قورقۇتقاندا بالا كېچىچە قورقۇپ چۈشلىرى بۇزۇلىدۇ.ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقتىن ئەتىسى كەيپىياتقا تەسىر يرتىدۇ.بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرسە ،بالىلارنىڭ سالامەتلىگىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. Fb 
بۇنىڭدىن باشقا بەزى ئاتا -ئانىلار "خەپ ،داداڭ كەلسە كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتمىسەم"دىگەندەك گەپلەر بىلەن بالىلارنى قورقۇتىدۇ،نەتىجىدە بالىنىڭ قەلبىدىكى دادىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يرتىدۇ-دە بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. 1fz*S IjG  
دىمەك ،بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيە ۋە پىسخولىگىيە جەھەتتىكى يېتىلىشىگە ئىنتايىن زىيانلىق .شۇڭا ئاتا -ئانىلار بالىلارنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيلىشى ،بالىلارنى ئەركىن يۈرەكلىك چوڭ قىلىشى ،ئۇلارنىڭ ئەركىنلىگىنى زىيادە چەكلىۋەتمەسلىگى لازىم.
 /6+1{p  
Zu\p;!e  
u~$WH, P3  
شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى L  

tawpek 2010-08-13 01:47
مىنىڭ باجام گەپ ئاڭلىمىساڭ خەنزۇغا تاشلاپ بىرىمەن دەپ قورقۇتىدۇ.

layli 2010-08-13 10:09
引用第1楼tawpek于2010-08-13 01:47发表的 : مىنىڭ باجام گەپ ئاڭلىمىساڭ خەنزۇغا تاشلاپ بىرىمەن دەپ قورقۇتىدۇ.
QNg\4%  
ھازىر نۇرغۇن كىشلەر باللىلىرىنى ئەشۇنداق قورقىتىدىكەن ، شۇڭا  بالىلىرىمىز ئۇلاردىن قورقىدىغان چوڭ بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ ، بەزىلىرى بار ئىتنىڭ يېنىغا ئەچىقىپ قويىمەن دەپ قورقىتىدىغان ، شۇڭا بالىلار ئۆز ئائىلىسىدىكى ئۆزىلىرى باققان ئىتتىنمۇ قورقىدۇ .....

tawpek 2010-08-14 14:06
ئىلگىركى  باشقا مىللەتلەر باللىرى يىغلىسا ھون  كەلدى   دەپ پەس قىلارمىشكەن.

ozqan 2011-10-04 00:41
  بالىلارنى قورقۇتۇش ياخشى ئۇسۇل ئەمەسكەن ، بىر ياشلىق بالامنى  ئەسكىلىك قىلسا «ئەھ »قىلىمەن دەپ ، قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئۇرىدىغاندەك ھەركەت بىلەن قورقۇتسام ، دەسلەپ چۆچۈپ ھازىر بولسا ، بىرەر ئششىم كۆڭلىدىكىدەك بولمىسا ،  «ئەھ ، ئەھ» دەپ  مېنى ئۇرىدىغاندەك ھەرىكەت بىلەن قولىنى كۆتۈرۈپ  كۆڭلۈمنى يېرىم Y iZx{5  
قىلىدىغان بولىۋالدى ، ئاتا-ئانىسىغا قول كۆتۈردىغان بۇ ناچار قىلىقنى ئۇنىڭغا مەن ئۆزۈم ئۆگىتىپتىمەن ،ھازىر بۇ ئادەتنى يوقىتالماي ، بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىمەن ، %nQmFIt  
بالىنى كىچىك دېمەي ، ھەر بىر ئىش-ھەرىكەتنى ئويلىنىپ قىلمىساق ، كەلگۈسىدىكى مىجەز -خاراكتىرى يېتىلىدىغان ئەڭ ھالقىلىق 6يىلدا ياخشى تەربىيەلىمىگەن 2.qpt'p[  
بولىدىكەنمىز ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ بايانىچە ، بالىلارنىڭ ئالتە ياشقىچە بولغان مەزگىلى پۈتۈن خاراكتىرىنىڭ يېتىلىپ بولىدىغان ھالقىلىق مەزگىلىكەن .

مىېھرىما 2014-03-31 23:34
بالىلارنى قورقۇتۇش  بالىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ تەپەككۇرۇنى يىلتىزىدىن قۇرتۇپ مۆرىمەس قىلدۇ شۇ .

ئەزمەت 2014-06-20 17:15
بۇ تەرەپكە ھەقىقەتەن دىققەت قىلىش كىرەككەن ،بەزىدە بىلىپ بىلمەي بالىلارنى قورقۇتۇپ سالىدىكەنمىز ،بولۇپمۇ بالىلار ئۇخلىغىلى ئۇنمىغاندا قۇرقۇتۇپ ئۇخلىتىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ .

ھاتەھاتەم 2014-07-14 23:25
ھەقىقەتەن بالىلارنى قورقۇتۇش ياخشى ئۇسۇل ئەمەسكەن.مەن قىزىمنى كىچىكىدە دائىم تالانى كۆرسىت «جىن كەلدى »دەپ قورقۇتاتىم.ئازىر ئون توت ياشقا كىرىپ قىلىپمۇ ئوزى يالغۇز ئۇخلىيالمايدۇ.


查看完整版本: [-- قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled