查看完整版本: [-- قەشقەر – خوتەن تۆمۈريولى پۈتتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> قەشقەر – خوتەن تۆمۈريولى پۈتتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2010-12-31 23:29

قەشقەر – خوتەن تۆمۈريولى پۈتتى

[attachment=201] T V<'8 L  
UELy"z R  
$K]m{  
   30–دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ، قەشقەر–خوتەن تۆمۈريولىنىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈش مۇراسىمى خوتەن ۋوگزالىدا ئۆتكۈزۈلدى . خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېڭ جېنشەن ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاڭ شىچېڭ ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى گۇەن يالىن ، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى جۈرئەت ئىمىن قاتارلىق رەھبەرلەر قەشقەر–خوتەن تۆمۈريولىنىڭ پۈتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لېنتا كەستى . ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاڭ شىچېڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يۈك پويىزىنىڭ يولغا چىققانلىقىنى جاكارلىدى . i&5XF  
.ni _p 6!  
   قەشقەر–خوتەن تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 488.27 كىلومېتىر ، بۇ تۈرگە جەمئىي 5 مىليارد 73 مىليون 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ، لايىھەلەنگەن تېخنىكىلىق ئۆلچىمى دۆلەتلىك 2–دەرىجىلىك تاق لىنىيەلىك تۆمۈريول ھېسابلىنىدۇ . پۈتۈن لىنىيەدە جەمئىي 16 بېكەت تەسىس قىلىنغان . v-#Q7T  
K%a%a6k`  
   ئىگىلىنىشچە ، قەشقەر–خوتەن تۆمۈريولى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر بىلەن خوتەننى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول بولۇپ ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىن ئۆتىدۇ . بۇ تۆمۈريول قەشقەر شەھىرى ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ، ئاقتۇ ، يېڭىسار ، يەكەن ، پوسكام ، قاغىلىق ، گۇما ، قاراقاش ، خوتەن قاتارلىق 10 ناھىيە (شەھەر) نى كېسىپ ئۆتۈپ ، ئاخىرقى بېكەت خوتەن شەھىرىگە تۇتىشىدۇ .
r~/   
*pSQU=dmS  
kS_( wp A  
مەنبە: نۇر تورى

قاراخان 2014-02-24 21:57
بۇ يول مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ 30-40 مېتىر نىرىسىدا بولۇپ، بەزىدە كەچتىمۇ تاراقشىپ مېڭىپ، ئۇيقۇمنى ئېچىۋېتىدۇ.ھىم!


查看完整版本: [-- قەشقەر – خوتەن تۆمۈريولى پۈتتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled