查看完整版本: [--
ئالىم ئاكىغا بىلەت تاشلايلى
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
خەۋەر ۋە ئۇچۇر
->
ئالىم ئاكىغا بىلەت تاشلايلى
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
koksangun
2010-12-30 15:47
ئالىم ئاكىغا بىلەت تاشلايلى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى باش بولۇپ ئۆتكۈزىۋاتقان «جۇڭگو تورچىلىقىدىكى 2010-يىللىق تەسىرچان شەخس
{)y8Y9G
(“中国网事·感动2010”年度网络人物) پائالىيىتىنىڭ توردا بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋىتىپتۇ. نامزاتلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر بار ئىكەن، بىرى گۈيجۇدا كاۋاپچىلىق قىلىدىغان ئالىم ئاكا، يەنە بىرى تاشلىۋېتىلگەن خەنزۇ قىزىنى بېقىۋالغان سانجىلىق مىھرىبان ئانا مەنىساخان ساۋۇت ئىكەن. ھازىرقى بېلەت نەتىجىسىدە ئالىم ئاكا 11-ئورۇندا، مەنساخان ساۋۇت 19-ئورۇندا تۇرۇپتۇ، پەقەت بېلەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئالدىنقى 10 نامزاتنىلا تاللايدىكەن، بېلەت تاشلاش ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچەبولۇپ ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم سىكرىتارى (张春贤)جاڭ چۈنشېڭ ئالىمغا بىلەت تاشلىدىم، دەپتۇ. بېلەت تاشلايدىغان تور ئادرېسى:
http://www.xinhuanet.com/newmedia/zgwsgd2010/index.htm
Ks/Uyu. X
نامزاتلار تىزىملىكدىكى سول تەرەپ بىرىنچىسى ئالىم ئاكا شۇ، رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى投票 دىگەن خەتنى چىكىپ قويساقلا بولىدۇ. قارىغاندا ئالىم ئاكىنىڭ تاللىنىشىدىن خېلى ئۈمىد باردەك قىلىدۇ، كۆپچىلىك بىر مىنۇت ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بېلەت تاشلاپ قويساڭلار، بىز تاشلىغان ئاشۇ بىر تال بېلەت مىللىتىمىزنىڭ ئىچكىرىدىكى خۇنۈك ئوبرازىنى ياخشىلاشتا خېلى ئوبدانلا رول ئوينىغۇسى ! گەرچە ئىچكىرىدكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ھالال ھۈنەر-خىزمەت، سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئوغرى-يانچۇقچى، زەھەر ئەتكەسچىلىرى ۋە يەنە ئاللىقانداق ھارام ئىشلارنى قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز سەۋەبىدىن دائىم چەتكە قېقىلىدىغان، كەمسىتىلىدىغان بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالدۇق. بۇ خىل ئازابنىڭ تەمىنى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ھالال خىزمەت ۋە سودا قىلىۋاتقانلار ئوبدانلا بىلىدۇ. ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا مىھمانخانىلاردىن ياتاق ئالالمايدىغان، ئاپتوبۇس، مېترولاردا ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى سورۇنلاردا بەكلا سوغۇق مۇئامىلىگە ، ئالىيىپ قاراشلارغا ئۇچرايدىغان ئىشلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەممىدىن بەك جانغا تېگىدىغىنى، ئۇيغۇرنى كۆرۈپلا نەرسىلىرىنىڭ ئوغۇرلىنىشىدىن ئەنسىرەپ سومكىسىنى مەھكەم قۇچاقلىشى، ئۆزىنى ئېپ قېچىشى، يانچۇقلىرىنى پات-پات سىلاپ قويۇشى...
;Y@"!\t}
قېنى دوستلار ، ھەممىمىز ھەرىكەتكە كېلىپ تىزدىن بېلەت تاشلايلى، ۋاقىت چەكلىك !
R)u ${
مۇمكىن بولسا بۇ خىل چاقىرىقلارنى باشقا مۇنازىرىلەرگىمۇ يوللاپ قويساڭلار، مۇشۇنى كۆچۈرۈپ ئەۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.چ چ توپلىرى، مەكتەپداشلار تورى (校内网) دېگەندەك جايلارغىمۇ كۆپرەك يوللاپ قويساڭلار~
Ng;Fhv+
ئېسىڭلاردا بولسۇن، بېلەت تاشلاش ۋاقتى 2010-يىلى12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە. ;
`mo>~c7
نۇر تورىدىن ئېلىندى.
aykut
2010-12-30 17:09
ئەلۋەتتە تاشلايمىز بېلەتنى.
aykut
2010-12-30 17:48
بەزى تېمىغا ئىنكاس يوللىسا ماڭمايدىكەن~!150خەتتىن ئېشىپ كەتتى دەپ،بولمىسا ئۇنداق يازمىغان؟
koksangun
2010-12-30 18:49
ماۋزۇسىنى قىسقارتىپ يېزىڭ،ئىنكاس يازىدىغان جاينىڭ ئۈستىدىكى بىر قۇر .
tawpek
2010-12-30 19:50
نەچچە كۈن بولغان تىلفۇنۇمغا شۇ توغورلۇق كۈندە نەچچە پارچە ئۇچۇر كەلگىلى.
x# &ZGFr~
Hx]{'?
چۈشتە تىخى ئۇ ئاداشنىڭ مىھرىبانلىقلىرىنى تىلىۋىزۇردا تەپسىلى كۆرۆپ چىقتىم.
}813.U
bof{R{3q
بىلەت تاشلاپ قويايلى. 5-6 يول تاپالمىغانلارنىڭ قىپ قويغان ئىشىغا پۈتۈن ئۇيغۇر يەرگە قاراپ قالغاندەك ئەمدى ماۋۇ كاۋاپچى ئاكىمىز تۈپەيلى ئىچكىرگە بارساق گىدىيىپ ئالىم كاۋاپچىنىڭ مىللىتى بولىمەن دەپ ماڭامدۇق تىخى.
attila
2011-04-08 10:54
مەن بۇ تېمىنى ئەمدى ئاچتىم. كېچىكىپ قاپتىمەن. بىزنى ئىلگىرى باشقىلار ناخشا-ئۇسۇلىمىز بىلەن «تونۇغان» ئىدى. ئەمدى ئالىم ئارقىلىق «كاۋاپ»ئىمىز بىلەن «تونۇلىدىغان» بوپتۇق-تە! ياخشى بوپتۇ. ۋاقىت ئۆتۈپ كەتمىگەن بولسا توردا بېلەت تاشلاشنى ئۆگەنگەندە مەنمۇ بىر بېلەت تاشلاپ قويارمەن.
f(O`t}Ed
ئاقسۇدىكى ئاسۇق كوچىسى (ھازىرقى نامى پىيادىلەر كوچىسى. كۆپىنچە كىشىلەر بۇشىڭقې دىمىسە بىلمەيدۇ) دىمۇ بىر كاۋاپچىنىڭ ھەيكىلى بار. مەن دائىم ئۇنىڭ قولىغا باشقىلارنىڭ ئاشقان-تاشقان پۇللىرىنى، تاماكىنىڭ قالدۇقلىرىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ مەسخىرە قىلىشۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. بۇ بىزنىڭ ئالىمدەك كاۋاپچىلىرىمىزغا ھاقارەتمۇ قانداق!
tawpek
2011-07-13 00:50
بۇدا بۇ ئاكىمىز ئەخلاق نەمۇنچىسى بولوپ باھالاندى.
C/Ig.KmXF{
A}#@(ma7
ئۇنىڭ ياردىمىەە ئىرىشكەنلەر ھازىر بىيجىڭ شەھرىدە ئوقوتقۇچىمۇ بوپ بوپتۇ. تىلىۋۇزۇردا نەخ كۆرسەتتى.
مىېھرىما
2014-01-20 16:15
مەنمۇ كېچكىپ كۆرۈپتىمەن بۇ تىمىنى . بىلەتنى قانداق تاشلاشنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن. بەك ئەپسۇس. بىلەت تاشلىغۇم باتتى
پاراسەت
2014-02-25 14:37
مېنىڭ بۇ كىشىگە بېلەت تاشلىغۇم يوق.مۇشۇلاردىن باشقا بېلەت تاشلىغۇدەك بىرى چىقماپتىمۇ؟بىر مىللەتنىڭ ۋەكىلى بولۇش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەش كېرەكمۇ؟
پاراسەت
2014-03-17 12:21
aykut
:
ئەلۋەتتە تاشلايمىز بېلەتنى.
(2010-12-30 17:09)
S#ven&
مەن ھەرگىز تاشلىمايمەن .بۇ يەردىمۇ نامرات بار .بۇ يەردە يېتىم -يېسىرلار تېخىمۇ كۆپ.ھەر دائىم بىز بېلەت تاشلىماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى نېمىشقا يا بولمىسا كاۋاپچى،يا بولمىسا باشقا مىللەتنىڭ بالىسىنى بېقىۋالغانلار بولۇپ چىقىدۇ؟پەقەت مۇشۇلارلا بىزنىڭ ۋەكەلىمىزمۇ؟
查看完整版本: [--
ئالىم ئاكىغا بىلەت تاشلايلى
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled