查看完整版本: [-- نەزەر مۇپتىغا خەت (دەرس تەييارلىقى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> نەزەر مۇپتىغا خەت (دەرس تەييارلىقى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kabiljan 2010-12-25 00:10

نەزەر مۇپتىغا خەت (دەرس تەييارلىقى)

 يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش باسقۇچىدا:دەرسكە باشلاپ كىرىش ئۈچۈن ياقۇپجان باقى ئورۇنلىغان<<مەن شۇنداق ئوغۇل بالىمەن>> ناملىق ھەجۋى ناخشا قۇيۇپ بېرىلىدۇ.
سۇرىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك سۇئال:
1.بۇ قانداق ناخشا؟مەخسىدى قامچىلاشمۇ ياكى ماختاشمۇ؟


2.يۇقارقىدەك‹‹ قامچىلاش›› خاراكتىرىدىكى ئەسەرلەرنى قانداق خاراكتىردىكى ئەسەر دەپ ئاتايمىز؟

يەكۈن



•        تۇرمۇشتىكى يامان ئەسكى ئادەم، بولمىغۇر قىلىق،ناچار ئىش ھەركەتلەرنى، ھەجۋى يۇمۇرلۇق تىل،قىزىقارلىق شىئىرى ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ،كىشىلەرنى تەربىيە ۋە ئىبرەتكە ئىگە قىلىپ، كۈچلۈك ھەجۋى كۈلكىنىڭ ياردىمى بىلەن ناچار ئادەم ،ئەسكى ئىش ھەركەتلەرنى پاش قىلىش، تۈزەش رولىنى ئوينايدىغان بىر خىل شىئىرى ئەسەرلەر ھەجۋى شىئىر(ياكى ساتىرا) دەپ ئاتىلىدۇ.


•        ھەجۋىي شېئرلارنىڭ ئومومىي ئالاھىدىلىكى پاش قىلىش،ھەجۋىي قىلىشتىن ئىبارەت. ئۈتكۈر،  ئاچچىق،  قىسقا  ھەم چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەر بىلەن تىپىك سەلبىي ئوبرازلارنى ئوموملاشتۇرۇپ، سۆرەتلەپ بېرىش ھەجۋىي شېئىرلارنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتىدۇر

•       
دەرس تېمىسى:   

•         1.نەزەر مۇپتىغا خەت


•        
2.ئات ھەققىدە مۇخەممەس

•        
3.ئاتنامە

•        
4.سالامنامە

•         5.ئات ھەققىدە قىسسە

دەرس نىشانى

•         مۇھىم نوقتا:1.ئوقۇغۇچىلارغا ھەجۋى شىئىرلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئىگەللىتىش.


•        
           2.ئوقۇغۇچىلارغا بۇ شىئىرى چاخچاقتىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى ھىس قىلدۇرۇش.

•        
قىيىن نوقتا:1.شىئىردا ئۇچرايدىغان بۇرۇن قوللۇنۇلۇپ ھازىر ئىستىمالدىن قالغان سۆزلەرنىڭ مەنىسى.

•        
           2.شىئىر مەزمۇنى بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرسىدىكى زىتلىقنى چۈشۈنۈش.

•        
قابىلىيەت نىشانى:1.ھەجۋى شىئىرنىڭ قانداق شىئىر ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش.

•        
                 2.ئاپتۇرنىڭ تەرجىمھالىنى ئەستە ساقلىۋېلىش.

•        
                 3.شىئىرنى ئۈنلۈك،جانلىق،مۇخەممەس ئوقۇش قائىدىسى بويىچە ئوقۇيالايدىغان بولۇش.

•         ھىسىيات تەربىيەسى:دوستلۇقنى قەدىرلەش،سەمىمى سادىق بولۇش،راستچىل بولۇش،كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالماسلىق،ئىشەنىچلىك بولۇش،ئادىل ھەققانى بولۇش تەربىيەلىرى.


 

ئاپتۇرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:

ئاپتۇرى:ئەھمەدشاھ قارىقاشى(1740-1828)

يۇرتى:خوتەن قارىقاش ناھىيەسى قاپاقلا يېزىسى ھويلا ئالدى كەنتى.

 

ئەھمەدشاھ قارىقاشىنىڭ ساتىرىك ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى


•         1.‹‹نەزەر مۇپتىغا خەت››


•        
2.‹‹پۇل››

•        
3.‹‹مىۋىلەر مەجلىسى››

•        
4.‹‹شاھ پولۇ››

•        
5.‹‹قىچىشقاق››

•        
6.‹‹ھەزرەت››

•        
7.‹‹دوڭغاق››

نەزەر مۇپتى ۋە ئەھمەدشاھ ھەققىدە تونۇشتۇرۇش


•         نەزەر مۇپتى بىلەن ئەھمەدشاھ ئىلگىرى ياشلىق مەزگىلىدە قەشقەردىكى خانلىق مەدرىستە ساۋاقداش ھەم ياتاقداش بولۇپ بىرنەچچە يىل بىللە ئوقۇغان ۋە يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىكەن.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەھمەدشاھ يۇرتى قارىقاشقا قايتىپ قارىقاش گۈزەر مەسچىتىگە ئىمام،نەزەر ئاخۇنمۇ يۇرتى ئاقسۇغا قايتىپ شەرىئەت مەھكىمىسىدە مۇپتى(تەپتىش) بولۇپ ئىشلەپتۇ.ئىككىسىنىڭ دوستلىقى چوڭقۇر ھەم ھەر ئىككىلىسى يىتۈك شائىرلاردىن بولغاچقا ھەردائىم شىئىرى سالام خەتلەرنى يېزىشىپ ھەجۋى شىئىرلارنى بىر بىرىگە ئەۋەتىشىپ دوستانە چاخچاقلارنى قىلىشىپ ششىئىرى تالانتلىرىنى نامايەن قىلىشىدىكەن.ئاقسۇنىڭ ئاتلىرى ئەزەلدىن داڭلىق بولغاچقا، ئەھمەدشاھ  نەزەر مۇپتىغا پۇل ئەۋەتىپ ئاقسۇ ئاتلىرىدىن بىرەرنى ئەكەلدۈرۈپ سەپەرلىرىدە مىنمەكچى بوپتۇ،شۇ مەقسەتتە نەزەر مۇپتىغا كارۋانلاردىن 60 تەڭگە(ھازىرقى قىممەتتە5000-6000يۈئەن خەلىق پۇلىغا تەڭ) پۇل ئەۋەتىپ بىر ياخشى ئات ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئارلىق ئۇزاق ھەم قاتناش ھازىرقىدەك تەرەققى قىلمىغان زامان بولغاچقا نەزەر مۇپتى ئاتنى بىر يىلدىن كېيىن ئاران  دىگەندە ئاقسۇدىن خوتەنگە گۈرۈچ توشۇيدىغان كارۋانلاردىن ئەۋەتىپ بېرەلەپتۇ.نەزەر مۇپتىنىڭ سېتىۋېلىپ ئەۋەتكىنى ھەقىقى ساپ نەسىلللىك يۈگرەك ئىسىل ئات ئىكەن.لىكىن بۇ ئىسىل ئاتقا كارۋانلارنىڭ كۆزى چۈشۈپ ئۇ ئاتنى كارۋان ئىچىدىكى ئەڭ ئەسكى رەزگى بىر ئات بىلەن تىگىشىۋېلىپ ئەھمەدشاھقا ئالماشتۇرۇۋرېلىنغان ناچار ئاتنى بېرىپتۇ. ئەھمەدشاھ  بۇ ناچار ئات تۈپەيلى نۇرغۇن ئازاپ كۈلپەت ۋە مەسخىرىلەرگە دۇچار بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن دوستىدىن قاتتىق رەنجىپ بۇ مۇخەممەسنى يېزىپ، ياراملىق ئىككى شاگىرتىنى بۇ مۇخەممەسنى ئوقۇپ بىرىپ كېلىش ئۈچۈن ئاقسۇغا ئەۋەتىپتۇ.شاگىرتلار ئاقسۇغا بېرىپ نەزەر مۇپتى يۇرتىدىكى مۆتىۋەرلەر ۋە دوستلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرغان چوڭ بىر سورۇندا


•        
بۇ مۇخەممەسنى ئوقۇپتۇ.نەزەر مۇپتى ئەھۋالدىن خەۋەرسىز بولغاچقا، قەسىدە ئاڭلايمەن دەپ تاما بىلەن ئولتۇرۇپ ئەكسىچە ساتىرا ئاڭلاپ دوست بۇرادەرلىرى ئارىسىدا قاتتىق نۇمۇسقا قاپتۇ.كىيىن ئۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ كارۋانلارنى جازالاپ ھەقىقى ئاتنى قايتۇرۇۋېلىپ ئەھمەدشاھقا ئەۋەتىپ بېرىپتۇ.ئۆزىمۇ ئەھمەدشاھققا چاخچاق قىلىپ ئەھمەدشاھنىڭ لەقىمىنى ماۋزۇ قىلىپ‹‹ياپىلاق››دىگەن بىر  مۇخەممەسنى يېزىپ جاۋاپ سالام قىلىپ ئەۋەتىپتۇ.ئەھمەدشاھ بۇ شىئىرنىمۇ شىئىرى دىۋانىغا كىرگۈزۈپ ساقلىغان ئىكەن.مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا تەلۋىلەر بۇ دىۋاننى تارتىۋېلىپ كونا كىتاپلار  قاتارىدا كۆيدۈرىۋەتكەن ئىكەن.بۇ شىئىر يادقا ئېلىنىپ مەدداھلار ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان ئىكەن.

 

تىكىسىت:

•        دۇئايى بىئەدەد ،خوجام،نەزەر مۇفتىمغا ئەلۋەتتە،


تەھىيياتۇ سالىمىم ئانچۇنان ئاھۇ-نادامەتتە،

  ۋىسال بولغاي دۇئا بىرلە سالىمىم ياخشى سائەتتە ،

•       
ياد ئەيلىدىم سىنى ھەركۈن سەھەرلەردە ئىبادەتتە،

•       
 سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە.

•       
 

ساڭا مەن نامە يازدىم ،نامۇناسىپ لەۋزىدىن ئەي يار،

•       
 بىھەمدۇللاھ،تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلىدىم ئىزھار،

•       
 بىلىشنى ئىستىسەڭ ،مۇندا شۈكۈركىم،بىز ئەمەس بىمار،

•       
 تىنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ،ئاندا نە ھالىڭ بار،

•         مۇشەققەتلىكمۇ سەن،يا ئۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ پاراغەتتە؟


بۇ ئىككى كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:

•        بىئەدەد :   ۋاقىت قەرەلسىز ،داۋاملىق،


•       
تەھىيياتۇ:  ھۆرمەت سالىمى،ھال سۇراش.

•       
ئانچۇنان:  شۇ قەدەر.شۇنچە ،خېلى،بەك.

•       
نامۇناسىپ: مۇناسىپ بولمىغان،ماس كەلمەيدىغان.

•       
بىھەمدۇللاھ:ھىساپسىز تەرىپلەش،كۆپ ماختاش.

•       
بىمار:      كېسەل،ئاغرىق

قېرىلىق ھالىدىن سورىسام،يېتىشتى نەچچىگە ياشىڭ،


 سېنىڭ ھالا بۇ كۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ،


 ئايال ،ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ ،يەنە قوۋمۇ قېرىنداشىڭ،


 قانداقتۇر ئىشتىھايىڭ،سىڭەمدۇ ھەر ۋاق يېگەن ئاشىڭ،


 تەنلىرىڭ ساق،چىرايىڭ تازىمۇ ھۆسنى مالامەتتە؟




ئاڭلىغىن ،ئەي رەپىقا،سۆزنى ئەھمەدشاھ قاراقاشتىن،

 بايان ئەيلەيكى ھالىمنى ساڭا ئەمدى يېڭىۋاشتىن،


 ئەقىدەم بار ئىدى شۇنچە يېقىن تۇغقان-قىرىنداشتىن،


 سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قاراتاشتىن،

كۆرۈپ مەن ،بىلگىنىم يوق ئۇنى ئەينى زۆرۈرىيەتتە.

 

بۇ ئىككى كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:


•        قارا باش: قارا چاچ


•       
ئۇششاقلىرىڭ: ئۇششاق بالىلىرىڭ.

•       
تازىمۇ:   چىرايىڭ پاكىز تۇردىمۇ؟

•       
ھۆسنى مالامەت: چىرايىدىن كېتىش،سەتلىشىپ كېتىش.

•       
رەپىقا: دوستۇم.

•       
ئەقىدە: يۈكسەك ئىشەنىچ.

 

سېنى مەن دوستى يارىم دەپ،كۆڭۈلدە ئېتىقاد ئەتكەچ،


 مۇھەببەت رىشتىسىدىن ھەر زامان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ،

 سۈپىتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىگە،ياد ئەتكەچ،

 ئەۋەتتىم ساڭا ئاتمىش تەڭگىنى،ساڭا كۆپ ئىئتىماد ئەتكەچ،

 ئەۋەتكەي بىر ياخشى ئات دەپ،ھامان ئۆتتۈم خىيالەتتە.

 

پۇلۇمنى توختىتىپ بىر يىل ،ئەۋەتىپسەن ماڭا بىر ئات ،

 ئېشەكچە يوقتۇر رەپتارى ،بۇ ئاتنىڭ ھەربىر مىجەزى يات،

 كى يولدا توختىۋالدى قامچا بىلەن ئۇرمىسام پات-پات،

 كۇلا-ئارغامچىنى ئۈزدى قوزۇققا باغلىسام قات-قات،

 ئۇلاپ ئارغامچىنى ھاردىم،كۈنى قالدىم مالامەتتە.

 

بۇ ئىككى كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:


•        ئېتىقاد:  ئىشەنچ،ئىشىنىش.


•       
رىشتە:  كۆڭۈلنىڭ ئىنتايىن يېقىنلىقى.كۆڭۈلنى ئۆزئارا مەھكەم باغلايدىغان ۋاستە.

•       
ئىىتىماد: ئىھتىماللىقلارنى نەزەرگە ئېلىش.

•       
رەپتارى:تۇرقى، ھالىتى،سىياقى.

•       
كۇلائارغامچا:شال پاخىلى،چىغىرماق،چىغ،كەندىر قوۋزىقى دىگەن ماترياللاردىن ئىشىلگەن ئارغامچا.

 

       بايان ئەيلەي يەنە بىر-بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيبىنى،ئاڭقا،


 قىڭىر قۇيرۇق ،سىڭا سۆڭگەچ،پۇتى مايماق ،بويى لاڭقا،

 بىرى تەپكەك،بىرى مۆڭگەك،بۇ ئەيىپلەر ئإ
ۈستىگە ماڭقا،

 ساماندىن بەش كۆشۈك يەپ ،ھەرقەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،

 تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەت ئىچرە بىر ئات بۇ قىياپەتتە.

 

مىنىپ چىقسام ئېلىپ ئۇردى،يىقىلدىم ،نەچچە كۈن ياتتىم،

 قويۇپ بەرسەم،بۇزۇپ باغنى،ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم

،
سۇغارغاندا قېچىپ سۆرەپ،ئاران ھارغاندا توختاتتىم،

 تېگىشتىم ئۇي بىلەن بەش-ئالتە نۆۋەت،ئون قېتىم ساتتىم،

 قىلىپ دەۋا كېلىۋەردى ،ماڭا ياندى شەرىئەتتە.


بۇ ئىككى كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:

 

•        ئاڭقا:چۈشەنمەك،بىلمەك،سەزمەك،ھىس قىلماق.


•       
لاڭقا: ئورۇق،ئىگىز،كېلەڭسىز.لەقۋا.

•       
مۆڭگەك:ئۈركىگەك.

•       
كۆشۈك:  مال چارۋىلارغا ئوت سامان سېلىپ بېرىدىغان ئوقۇر.

•       
ساڭقا: تېزەكلىمەك.

•        شەرئەتتە:مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئاساسىدا تۈزۈلگەن قانۇنى.ئۇ دىنى ئىشلار،جىنايى ئىشلار،پۇقرالىق ھوقۇقى قاتارلىقلارنى بەلگىلەيدۇ.


•       
 

•        ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام،تۈزۈك يۈ گۈرۈپ چاپالمايدۇ،


•       
 ۋە يا ئۇي ھارۋىسى بىلەن باراۋەرمۇ ماڭالمايدۇ،

•       
مۇبادا توختىۋالغاندا ئۇرۇپ قويسام چىچاڭلايدۇ،

•       
 مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بىرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ،

•       
 خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كاساپەتتە.

•       

ئۇرۇپ مىڭ تەستە چاپتۇرسام ،سوكۇلدايدۇ ئىشەك ئوخشاش،

•       
 قورساق سانجىق بىلەن ئاغرىپ، كېتەر گويا زىڭىلداپ باش،

•       
 يەنە بىر ئەيىبى شۇدۇر چىرقىراپ سەت، يولدا تاپ توختاش،

•       
 زېرىكمەي مىنسە ،بىر سائەت بېرەلمەس ھېچ كىشى بەرداش،

•         شەھەر-يېزا ئارا قىلغان سەپەر ،سەيلە-ساياھەتتە.


بۇ ئىككى كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:


•        ئۇي ھارۋىسى: كالا قېتىلغان ھارۋا.


•       
باراۋەر: تەڭ.

•       
خەتەرلىك:بەخىتسىزلىك پالاكەت ئېلىپ كىلىدىغان ئىشلار.خەۋىپلىك.

•       
خىسلەت:مۇھىم بەلگە خۇسۇسىيەت.

•       
كاساپەت:يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپ بولىدىغان ئادەم ياكى نەرسە،ئىش.

•       
تاپ:1- تۇيۇقسىز  2-ھايۋانات قۇشلارنىڭ جەسىدى،سېسىق پۇراق چىقىرىدىغان نەرسە.

•        ساياھەت:دەم ئېلىش،كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىش يۈزىسىدىن باشقا جايلارنى زىيارەت قىلىش.


جاھان بازارىدا ھېچكىم بۇ ئاتقا تەڭنى تاپماسلەر،


 يىقىلسا گاھىدا مۈدۈرۈپ،تېپىپ-ئۇرمىسا قوپماسلەر،

 زورىدىن بىر يۈگۈرسۇن دەپ ھەر نېمە قىلسا،چاپماسلەر،

 سالاملاشسام،تۇرۇۋېلىپ ،تاياقسىز زادى ماڭماسلەر،

 ئوسال ئات كۆپ قېتىم قويدى مېنى شۇنچە خىجالەتتە.


 

ئېرىقنى كۆرسە ياندى ئارقىسىغا ،ئۆتمىدى ئاتلاپ،


ئەگرى يولغا كىرىپ ئالسا ئەگەر كىم ،ھارمىدى قاتراپ،

 غۇلاپ بوينىدىن چۈشتۈم ،قاترىغاننىڭ زەربىدىن چاچراپ،

 ئىچىم سانجىق بىلەن تولدى،قوۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ،

 ساقايدىم ھەر زامان پارپى يالاپ مەجۇنى شەربەتتە.


بۇ ئىككى كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:

 

•        مۈدۈرۈپ: پۇتلىشىپ ئالدىغا سەنتۇرۈلۈپ كېتىش.


•       
بەند:ئەسلى مۇقىم بىكىتىلگەن جايى.

•       
زورىدىن: زورلاپ تۇرۇپ.

•       
ئوسال: ناچار،يامان خۇيلۇق.

•       
قاتراپ: قېچىپ.

•       
پارپا:زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تىبابەتتەئۇيۇغان قاننىتارقىتىش،يەل ماڭدۇرۇش ئۈچۈن دۇرا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

•        مەجۈن شەربىتى:ئەپيۇن.نەشە قاتارلىق زەھەرلىك نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر ھالەتتە ياسىلىدىغان  مەست قىلىش،تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە مىللى تىبابەت دورىسى.


 

ئېغىلنى توختىماي بۇزدى ،ئىشىىكنى كۆپ قىتىم چاقتى،


بوغۇپ تەخەينى ئۆلتۈردى،موزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى،

 قېچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي،تالاي كۈن باشقىلار باقتى،

 تۆلەپ ھەق ھارمىدىم مەنمۇ ،ھامان ھەركىمگە خۇشياقتى،

 تالاپەتتىن بۆلەكنى كۆرمىدىم،قايغۇ-نادامەتتە.

 

مېنى زاڭلىق ئېتىشتى خەلق،بۇ ئات ئەھۋالى كۆپ تارقاپ،

 ئېلىپ چىقماسقا بەند قىلدىم،ئۇنى تۈۋرۈككە چىڭ باغلاپ،

 قومۇردى- يۇلدى تۈۋرۈكنى ،كىچە كىرسەم مۆڭۈپ قۇتراپ،

 كاساپەتنى ئېغىل باسقاچ توكۇر بولدى پۇتى ئاقساپ،

 دېدىم مەن :ئۆلسىمۇ ئۆلسۇن،خۇدا قىلغان ئىرادەتتە

بۇ ئىككى كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:

 

•        خۇن:  قان


•       
تالاپەت:زىيان زەخمەت،ئورۇنسىز چىقىم.

•       
بەند قىلىش: چىڭ باغلاش.

•       
مۆڭۈپ:ھۈركۈپ.

•       
قۇتراپ: قالايمىقانلىشىپ ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرماق.

•       
ئىرادەتتە: رايى،بۇيرىقى،ھۆكمى

 

ئەۋەتكەن بۇ ئېتىڭغا ھېچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس ،


قەلەندەر بىلەن ئابدالدىن بۆلەكلەرگە غولى ياقماس،

كۆتۈرۈپ گەز بويى ھېچ ئات ساغرىنى ئۇنىڭدەك چاقماس،

 كىشىكىم ئات بالاسىدىن بۇنىڭدەك بھېساپ قورقماس،

 ئېلىشتىم ،غەم بىلەن قايغۇ بېسىپ تائەت- ئىبادەتتە..


 

ئۇرۇق -تۇغقانلىرىم قانچە قېشىمغا ئات سوراپ كەلدى،


 بۇ ئاتنىڭ ئەسلىي خۇي-پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى،

 باھانە ئەيلىسەم نەچچە،ئۇلار يامان قاراپ كەلدى،

ئىلاجىم يوق بېرىپ تۇردۇم،مىنەلمەي ياندۇرۇپ كەلدى،

بۇ جېنىم چىققىلى تۇردى كۈنى يۇزمىڭ خىجالەتتە.

بۇ ئىككى كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:

 

•        ئابدال: كىچىك بالىلارنى سۈننەت قىلىپ قۇيۇپ جان باقىدىغان كەسىپ ئىگىسى.


•       
گەز: كونىچە ئۇزۇنلۇق بىرلىگى،ئۇزۇنلۇقنى ئۆلچەش ئەسۋابى.بىر گەز 17سانتىمېتىرغا تەڭ.

•        تائەت- ئىبادەت: ناماز قاتارلىق دىنى پائالىيەتلەر.


 

قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خېرىدارنى ئاختۇردۇم،


 بېدىكنى
ھەرقاچان كۆرسەم ،چۈچۈك تىل بىرلە يالۋۇردۇم،

 قېرى ھالىم بىلەن قاتراپ ئۆيگە كۆپ مېڭىپ ھاردىم،

 يېيىشلىك ھەم كۇچى بار دەپ ئۇنى مەن شۇنچە ماختىدىم،

 بازاردا يەتمىدى ئالغان پۇلۇمغا بۇ سالاھەتتە.


ساتالمىدىم بۇ ئاتنى مەن ،سېىلىپ ھەر ھەپتە بازارى،

 بۇ ئاتنىڭ ئەپتىدىن قورقۇپ يېقىن كەلمەس خېرىدارى،

 يامانلىق شۆھرىتى بولدى خوتەن بازارىدا جارى،

 بىراۋ كۆرسە ئۇنى ،قاچتى ،ئېلىپ بارغىن دەپلا نارى،

 قانداق قىلاي بۇ كۈن دوست-يار ئارا كۆپ-كۆپ مالامەتتە.

بۇ ئىككى كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:

 

•        ئۇشبۇ: بۇ،مۇشۇ.


•       
بىدىك:چارۋا مال سودىسىدىكى ۋاستىچى.كىلىشتۈرگۈچى.

•       
سالاھەتتە: ئومۇمى ئەھۋالى .تۇرقى ھالىتى،قىممىتى.

•       
شۆھرىتى:نامى،يامان نامىنىڭ ھەممىگە تونۇلۇپ كەتكەنلىكى.

•       
جارى: ھەممىگە بىلىنىپ كەتمەك.

•        نارى:  نېرى.


 

بىزار بولغاچ تولا،كۈن-تۈن يەنە بازارغا ئەپ چىقتىم،


 تىلىگەنگە ساتايچۇ دەپ ،بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم

يېپېپ جۇل ھەم يەنە ئوبدان ئېگەر ئۈستىگە سېپ چىقتىم،

 سېتىلماي قالمىغىيدى دەپ تۈمەن مىڭ غەمنى يەپ چىقتىم،

 نادامەت ئەيلىدىم ،قالدىم ئەجەپ بىچاغ زەلالەتتە.

 

كى ئاندىن ئىككى ئاي باقتىم پىچانغا كۈنى-تۈن باغلاپ،

 سىلاپ جىسمىنى ھەر كۈندە كۈنجۈت يىغىدا ياغلاپ،

بوغۇزنى
قاينىتىپ بەردىم،يېدى ھەر چاغ ئۆزى چاغلاپ،

 بېدىكلەر ئولىشىپ يالغاننى ئېيتىپ،بەكمۇ جىق داڭلاپ،

 ئاخىر ساتتىم نېسىگە ،بىر قەلەمدار ئالدى مۆھلەتتە.


بۇ ئىككى كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:

•        جۇل:ئات ئىشەكلەرنىڭ دۈمبىسىگە ئارتىپ توقۇلىدىغانباشلىقى يوق مۆلە.


•       
زەلالەت: قۇرۇق. ئاۋارىچىلىق.

•       
بوغۇز:ئات –ئىشەكلەرنىڭ ئاشلىقتىن تەييارلانغان ئوزۇقلۇقى.

•       
قەلەمدار:كونا بەگلىكلەردە مەمۇرى ئىشلارغا نازارەت قىلىشقا قويۇلغان نازارەتچى.

 

چۈشۈپتۈر ئاسماندىن ئون تۇلۇمدا لاپ بىلەن يالغان ،


 بىرى ئالەمگە تارقاپ ،توققۇزى مۇفتىمغىلا قالغان،

پۈتۈن يالغان ئەمەسمۇ ئاتنى ئاتمىش تەڭگىگە ئالغان ،

 بۇ ئاتمىش تەڭگىدىن ئېنىقكى ئوتتۇز تەڭگىنى سالغان،

 بېيىپ كەتكەن ئىكەنسەن ئەسلىدىن شۇنداق خىيانەتتە.

 

ئۆزۈڭ موللا بۇرەدەر،ئەجەپكى نەپسىڭىز غالىپ،

چىرايىڭ خوپ سالاپەتلىك ،بىلۇرمەنكىم دىلىڭ قالىپ،

 بولۇپدۇرسەن سەن بېرىپ ئاندا كىشىنىڭ ھەققىگە تالىپ،

 كۈنۈڭ ئوبدانمىدۇر ،ئەي يار،مېنىڭ ھەققىمنى ئېپقالىپ،

 كۆچۈرۈپ روزىغارىڭنى يۈرۈپسەنمۇ ھالاۋەتتە.

بۇ ئىككى كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:

 

تۇلۇم:تېرە خالتا.


•       
لاپ: پوچىلىق،يالغانچىلىق.

•       
مۇپتى: شەرىئەت مەھكىمىىنىڭ جىنايەت بىكىتىلگەن ئىشلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللەيدىغان تەپتىش ئەمەلدارى.

•       
خىيانەت:باشقىلارنىڭ ھەققىنى خاتا يوللار ئارقىلىق ئىگەللەپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش.

•       
موللا: قۇرئان ئوقۇيالايدىغان،يادقا ئوقۇيالايدىغان،تەپسىر ئېيتالايدىغان دىنى بىلىمى مول كىشىلەر.

•       
غالىپ: ئۈستۈن كەلگۈچى، بويسۇندۇرغۇچى.

•       
قالىپ: قارا.

•       
تالىپ:1.ئامراق.زوقمەن.2.ئوقۇغۇچى.

•       
روزىغار: مال مۈلكى،ئۆي ماكانى.

•        ھالاۋەت:لەززەت ،زوق،راھەت پاراغەت.


•       
 

سېنى مۇفتى دېگەن بىلەن تۈزۈك ئانچە ساۋادىڭ يوق،


 سېنىڭ ھەق بىلەن ناھەقنى بىلىش چاغلىق ئىمانىڭ يوق،

 ساداقەت يارۇ دوستلارغا ئۈمىد ۋە ئېتىقادىڭ يوق،

 قېرىنداش،ئەلگە،تۇغقانغا تېرىقچە ئىئىتىمادىڭ يوق،

 ئىشەنگەي كىم ساڭا ئەمدى ،بۇرادەر،ئۇشبۇ ھالەتتە.

 

نومۇس قىل خەلقى ئالەمدىن،سالامەت سەن ،ئەمەس بىمار،

 خىيانەتلىك قىلىپ شۇنچە،خىجىللىق ئەيلىمەك دەركار،

 مېنىڭ ھەققىمنى يەپسەن،ئۆزگىنىڭ ھەققىنى يېمە زىنھار،

 كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ مىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭ بىكار،

 سەئىي بىرلە كۈنى-تۈن ئۇخلىماي تۇرساڭمۇ تائەتتە.

 

بۇ ئىككى كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:

•        . ئىمان:ئىسلامدىنىغا بولغان ئىتىقاد.


•       
ئىتىقاد:ئىشىنىش،چىن دىلى بىلەن بېرىلىش.

•       
ئىئتىماد:ياردىمىڭ،ياخشىلىقىڭ،رەھىم شەپقىتىڭ.

•       
دەركار:زۆرۈر،لازىم.

•       
زىنھار:ھەرگىز.

•       
سەئى:چىن ئىخلاسىڭ،پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ.

•        تائەتتە:ئىبادەت قىلىش.


 

ماڭا ئۇ ئات ئۈچۈن دائىم ئۆيۈمدە كۆپ مالامەتتۇر،
يېمەك بىر ئاتتا ئوتتۇز تەڭگىنى قانداق خىيانەتتۇر،
يېقىىنلاشقاچ قىيامەت، بەد دىيانەتلىك ئالامەتتۇر،
مېنىڭ قالغان پۇلۇم بىر نەچچە كۈن سەندە ئامانەتتۇر،
بېرەردۇرسەن ئۇنى تاڭلا تولۇق روزى قىيامەتتە


 

بۇ كۇپلىتتىكى ئىستىمالدىن قالغان ياكى مەنىسى چۈشىنىكسىز بولغان سۆزلەر مەنىسى:


•        مالامەت:ناھەق ئەيىپلەش،تاپا تەنە،


•       
قىيامەت:دىنى ئىتىقاد بويىچە ھەممە ئادەم ئۆلۈپ تۈگەپ،ئۇ دۇنيادا ھەممە ئادەم  قايتىدىن تىرىلىپ، بۇ دۇنيادىكى ياخشى يامان ئەمەللىرىدىن ھېساپ بېرىدىغان كۈن.

•       
بەد دىيانەتلىك: دىيانەتسىز،ئىنساپسىز،

•       
ئامانەت:باشقىلار ساقلاشقا بەرگەن،مەلۇم مەزگىل ساقلاپ يەنە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان بۇيۇم ياكى پۇل-مۇلۇك.

 

مۇخەممەس ھەققىدە:


•        مۇخەممەس-ئۇيغۇر شىئىرىيىتىنىڭ قەدىمكى شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ،ھەر بىر كۇپلىتى بەش مىسرادىن تەشكىل تاپىدىغان بىر خىل تۈر. بۇ تۈردىكى شىئىرلاردا بىرىنچى كۇپلىتنىڭ بەش مىسراسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆزلىرى ئۆزئارا قاپىيىداش كېلىدۇ.ئىككىنچى كۇپلىتىدىن باشلاپ ئالدىنقى تۆت مىسراسى بىر خىل قاپىيەدە،بەشىنچى مىسراسى يەنە بىرىنچى كۇپلىتنىڭ مىسرالىرى بىلەن قاپىيەداش بولىدۇ.


•       
مەسنەۋى:ھەر بىر كۇپلىتى ئىككى مىسرادىن تۈزۈلىدىغان،مىسرالار ئاخىرىدىكى سۆزلار قاپىيىداش كىلىدىغان بىر خىل شىئىرى شەكىل.

•       
مۇسەللەس:ھەر بىر كۇپلىتى ئۇچ مىسرادىن تۈزۈلىدىغان شىئىرى شەكىل.

•       
مۇرەببە: تۆت مىسرالىق شىئىرلارنىڭ نامى، بۇنىڭدا1-2-4-مىسرالار قاپىيەداش ياكى2-4-مىسرالار قاپىيەداش كىلىدۇ.

•       
مۇسەددەس:ھەر بىر كۇپلىتى ئالتە مىسرادىن تۈزۈلىدىغان شىئىرى شەكىل نامى.

•       
مۇسەببە: ھەر بىر كۇپلىتى يەتتە مىسرالىق قىلىپ تۈزۈلىدىغان شەكىل.

•       
مۇۋەششەھ:ھەر بىر بىيىتنىڭ بېشىدىكى ياكى ھەر بىر مىسرانىڭ بېشىدىكى ھرىپلەرنى قوشۇپ قۇراشتۇرسا ئىسىم ياكى سۆز پەيدا بولىدىغان بىر خىل شىئىر.

 

ئىزدىنىش ۋە مەشىق سۇئاللىرى:

1.سىزگە بەدىئى لەززەت بەرگەن سىھرى كۈچ  بۇ شئىرنىڭ قايسى خۇسۇسىيىتىدىن كەلدى؟


•        بۇ سىھرى كۈچ شىئىرنىڭ ھەجۋى خۇسۇسىيىتى بىلەن قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق تىلىدىن،ناچار ئىللەتلەرنى ئەينەن ئوبرازلىق ئېچىپ تاشلىيالىشىدىن كەلدى.


2.شائىر بۇ شىئىردا دوستىنى ‹‹سەمىمىيەتسىز›› دەپ ئەيىپلەپ تۇرۇپ ئۆزىمۇ سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ، بىدىكلەرگە يالۋۇرۇپ ناچار ئاتنى ‹‹ياخشى ئات›› دەپ داڭلاتقۇزۇپ ساتىدۇ؟ سىز بۇ خىل قىلمىشقا قانداق قارايسىز؟

 

3.ئەگەر سىزنىڭمۇ ئەشۇنداق ئەسكى ئېتىڭىز ياكى باشقا چارۋىڭىز بولسا بازارغا ئېلىپ چىقسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ نىمە دەپ ساتاتتىڭىز؟

 

كىم توغرىسىنى تاللىيالايدۇ؟

1.ئەخمەتشاھ قاراقاشى ( (    
 

1740 يىلى خوتەن قارىقاشتا تۇغۇلغان.
A

. 1828-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. B


. .ئۇ داڭلىق ساتىرىك شائىر c


يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى توغرا.
.D   

2.ھەجۋى شېئىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى(   )
.

A. زوقلاندۇرۇش،كۈلدۈرۈش


B. پاش قىلىش،ھەجۋىي قىلىش

C.كۈچلىك ماختاش،مەدھىيلەش


. D يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى خاتا

3.ھەجۋى شېئىرلار   دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

A. ئىپىك شېئىر


B. نەسرى شېئىر


C.ساتىرا.

D
. غەزەل.

تاپشۇرۇق:

تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەم،بولمىغۇر قىلىق،ئەسكى ئادەتلەرنى مەسخىرە قىلىدىغان ھەجۋى شئىر يېزىپ كېلىڭلار.كۇپلىت سانى ۋە مىسرا سانىغا چەك قۇيۇلمايدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلۇنۇش.

بۇ دەرس پوۋېر پوئىنىت ھۆججىتى قىلىپ تەييارلانغان ئىدى.دەرس قىزىقارلىق،ئۇتۇقلۇق ياخشى چىقتى،لېكىن،مەزمۇن كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قېلىنغان بولغاچقا دەرس ۋاقتىدا تۈگىمەي بەش مىنۇت ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن ئېلىندى.

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكرى:


tawpek 2010-12-25 19:35
مۇمكىن بولسا سىز ئىيىتقان  مەن شۇنداق ئوغول بالىمەن.  دىگەن ناخشىنىمۇ  يوللاپ قويسىڭىز.


تەشەككۈر قابىلجان.  مۇمكىن بولسا داۋاملىق مۇشۇنداق ئىجاد ئەمگەكلىرىڭىزنى سۇنۇپ كۆپلىگەن كەسىپداشلىرىمىزنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتەيلى.

kabiljan 2010-12-25 21:33

koksangun 2010-12-25 21:52
تولىمۇ ئەتراپلىق تەييارلاپسىز،قابىلجان سىزنىڭ ئەمكىكىڭىزدىن سۆيۈندۇم،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن...

tawpek 2010-12-26 12:34
كۆپ ۋاستىلىق ئوقوتوش سىنىپىغا كىرىپلا  ماۋۇ تىمىنى ئىچىپ قويوپ دەرىسنى باشلاپ كەتسەك. يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىشتىن باشلاپ ناھايتى جەلىپ قىلارلىق بوپ كەتكۈدەك.

بۇ دەرىسنى مەن تىخى ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكەنتىم،  بۇرۇنراق بولسىچۇ؟

abduxukur 2010-12-26 14:37
ئاللا قولڭزغا دەرت بەرميسۇن ھەرگز،
گۇلگە ئايلانسۇن قولېڭزدا نەرگز  .
نسېپ قېلغاي  ئۇلۇغ ئاللاھەر ئېشڭزغا بەختني ،
ۋە ھەم قالدۇرغلېي  ياخشي نام ۋەھەم ئېز.

kabiljan 2010-12-26 14:47
مەن بۇ دەرىسنى كۆپ ۋاستىلىك تەييالىغان ئىدىم .پوۋېر پوئىنىت ھۆججىتى شەكلىدە ئىدى.مۇنبەرگە ئۆز پېتى يوللىيالمىغاچقا ۋورد ھۆججىتى شەكلىدە ئۆزگەرتىپ يوللىدىم .مەنمۇ بۇ دەرسنى بۇرۇن ئۆتۈپ بولغان مەكتىپىمىزدىكى دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسى ئۈچۈن قايتا يەييارلاپ ئۆتكەنتىم.ئەگەر تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ۋاقتى يار بېرىپ پوۋېر پوئىنىت  ھۆججىتى شەكلىدىكى كۆپ سىغىملىق دەرسنى تورغا قانداق يوللاشنى دەرسلىك قىلىپ تورغا يوللاپ ئۆگىتىپ قويسا ئەسلىسىنى يوللايمەن.

tawpek 2010-12-26 21:36
مۇنبەردە بىۋاستە كۆرگىلى بولمايدىغان ھۆججەتلەرنى بىۋاستە يوللىغىلى بولمايدۇ.

شۇڭا باشقا يەرگە يوللاپ ئۇلىنىش قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

HTTP://WWW.QUPAN.CC

بۇنىڭغا ئوخشاش توربەتكە ئەزا بولسىڭىز نەچچە جى  بوشلۇققا ھەقسىز ئىرىشىسىز.
شۇ يەرگە يوللاپ ئۇلىنىش قىلسىڭىز بولىدۇ.

koksangun 2010-12-26 21:52
قابىلجان ماڭا يوللاپ بېرىڭ،مەن ئولىنىش قىلىپ بېرەي.
koksangun@126.com  554717434@qq.com

ماھى 2011-11-13 13:04
مەن مۇشۇ دەرسنى ئۆتمەكچى ئېدىم، بەك ياخشى بولدى.لېكىن مەزمۇنى بىر سائەتكە بەك كۆپمۇ نېمە؟

بابۇر0725 2014-02-14 17:29
دەرس مەزمۇنى ئەتراپلىق ئەكىس ئەتتۈرۇلگەن ،نەزەرىيە بىلەن ئەمىلىيەت زىچ بىرلەشتۇرۇلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى ۋە بىلىش دەرىجىسىنى چىقىش قىلغان ياخشى تەييارلىقكەن .جاپا كېچىپسىز. مىللىي مائارىپىمىز سىزدەك ھارماس تۇلپارلاغا مۇھتاج.

kok-sultan 2014-02-14 18:21
نەزەر مۇپتى بىلەن ئەھمەتشاھ قارىقاشنىڭ دوستلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ھارامزادە سودىگەرنىڭ ئەھۋالىنىمۇ بالىلارغا بىلدۈرۈپ قۇيۇش زۈرۈر ئىدى. بۇ دەرس تەييارلىقىدا شۇ مەزمۇنلار يوقكەن.....

ئەشمە 2014-03-12 17:25
خېلى بىر نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.

ئىلھام 2014-05-09 09:37
ناھايىتى تولۇق بولۇپتۇ،


查看完整版本: [-- نەزەر مۇپتىغا خەت (دەرس تەييارلىقى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled