مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى
مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى
مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق ) (1901-1937) ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى ، مەشھۇر پىداگوگ ، قەيسەر ، ئىرادىلىك مەرىپەت جەڭچىسى ، دىداكتىك شائىر . مەمتىلى توختاجى تەۋپىق 1901- يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە داڭلىق تىۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ ئاتىسى توختاجى تەرەققىپەرۋەر كىشى بولۇپ ، ئوغلى مەمتىلىنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا بىلىم ئېلىشقا ئۈندىگەن . مەمتىلى 1910- يىلى ئاتۇشنىڭ تىجەن كەنتىدىكى تەرەققىيپەرۋەر زات قۇۋانھاجىم ئاچقان ، تۈركىيىلىك مەشھۇر پىداگوگ ، ئېكساق مائارىپىنىڭ تالانتلىق يېتەكچىسى ئەخمەت كامال ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان << ئاق مەيدان مەكتىپى >> گە ئوقۇشقا كىرگەن . زىھنى ئۆتكۈر ، ئەقىللىق مەمتىلى ناھايىتى تىزلا ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن ، ھەر خىل پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن . ئەپسۇسكى ، مۇستەبىت ھۆكۈمەت بۇ مەكتەپنى پىچەتلەپ ، ئېچىشقا رۇخسەت قىلمىغان . ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان مەمتىلى ئامالسىز ھالدا ئاتىسىغا ئەگىشىپ بىر مەزگىل ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولغان . 1920- يىلى ، ئۇ ئاتىسىغا ئەگىشىپ شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ ئېلى ، چۆچەك ، بۆرتالا قاتارلىق جايلاردا جۇۋىچىلىق ، تىۋىپلىق ۋە ئاشپەزلىك قىلغان . لېكىن ، بۇ كەسىپلەر ئۇنىڭ نەزىرىدە ھامان ئەرزىمەس ئىشلار ئىدى . شۇڭا ئۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئىچىدىمۇ ئۆگىنىشنى بوشاشتۇرماي شېئىر يېزىش ، ساز چېلىش قاتارلىق مەدەنىي بىلىملەرگە ئىشتىياق باغلاپ بۇلارنى ئۆگىنىۋالىدۇ . ئەمما ، بۇمۇ ئۇنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىشى ھېسابلانمايدۇ .شۇڭا ئۇ چۆچەك ئارقىلىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا بېرىپ موسكىۋا شەرق ئۇنۋىرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ . تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ، مۇساپىرلىق ئازابى ئۇنىڭ بۇ جايدىكى ئوقۇشىنى تولۇق تۈگىتىشىگە ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1923- يىلى قارا دېڭىز ئارقىلىق تۈركىيىگە ئۆتۈپ ، دەسلەپ ئىستانبولدىكى بىر ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش كۇرسىغا قارا خىزمەتچى بولىدۇ . كېيىنچە ئۆز ئەقىل – ئىدراكى ۋە تالانتى بىلەن مەكتەپ مەسئۇللىرىنى قايىل قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلىققا قۇبۇل قىلىنىپ ، مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملايدۇ ۋە ئىستانبولدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ . بۇ چاغدا مەمتىلىنىڭ بىلىم دائىرىسى كېڭەيگەن ، مۇستەقىل دۇنيا قارىشى شەكىللىنىپ ، ياشاشنىڭ قىممىتىنى چۈشەنگەن ۋاقىتلىرى بولۇپ ، ئۇ ئوقۇتقۇچىلىقنى ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەت ، كىشىلەرنىڭ قەلبىگە بىلىم شەربەتلىرىنى قۇيۇش يولىنى ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ توغرا يول دەپ تاللايدۇ ۋە ئۆزىگە تەۋپىق ( توغرا يول تۇتقۇچى ) دەپ تەخەللۇس قويۇپ ، دىداكتىك شېئىرلىرىنى مۇشۇ تەخەللۇستا يازىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ . مىللەتنىڭ پەن – مەدىنىيەت سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ياشاش مەقسىتى ۋە ئۆمۈرلۈك غايىسىگە ئايلاندۇرغان مەمتىلى 1932- يىلى ئۆز يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كېلىدۇ . مەمتىلى ئەپەندى ئىقتىدارلىق ناتىق ، تەرغىباتچى ۋە تەشكىلاتچى بولغىنى ئۈچۈن ، ئاتۇشقا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلەپ پۈتۈن ئاتۇش دائىرىسىدە ئىلىم – مەرىپەت دولقۇنىنى قوزغىۋىتىدۇ ھەمدە ناھىيىلىك مائارىپ مەمۇرىيەت ئاپپاراتى ، ئاتا – ئانىلار مائارىپ كومىتىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ . مائارىپ راسخوتى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى تەدبىرلىك بىلەن ھەل قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى قوللۇق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئالتە ئاي ۋاقىت ئىچىدە ھەم ئوقۇتقۇچىلار يېتىشتۈرۈش كۇرسىنى ئېچىپ ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ، ھەم ئاتۇشتىكى 24 كەنتتە مەكتەپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى تۈزىدۇ . بۇنداق ھەم مۈشكۈل ، ھەم جاپالىق جىددىي پىلان خەلق ئاقارتىش ئىشى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى، كۈچ – قۇدرىتىنى بېغىشلايدىغان ھەم ئىرادىلىك ، ھەم تەدبىرلىك كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا قىلچە مۇبالىغە ئەمەس ئىدى . مەمتىلى ئەپەندى ئۆز پىلانىغا ئاساسەن بىر تەرەپتىن ئاتۇشنىڭ ئوڭئېرىق كەنتىدە 60 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن تەركىب تاپقان << ئوڭئېرىق مۇئەللىملەر يېتىشتۈرۈش كۇرسى >> نى ئېچىپ ، ئۆزى يالغۇز دېگۈدەك تىل – ئەدەبىيات ، ماتېماتىكا ، جۇغراپىيە ، تارىخ ، تەنتەربىيە ، ناخشا – مۇزىكا قاتارلىق پەنلەردىن دەرس ئۆتۈش ؛ دەرس تەييارلاش ، مەكتەپ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىش قاتارلىق ئېغىر ۋەجاپالىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي ئىشلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتىدۇ . ئۇنىڭ ھەر قايسى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقتى ئاساسەن كەچقۇرۇنلۇق ۋاقىت بولىدۇ . ئۇ كۇرستىكى مەشغۇلاتلىرىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ، ئۈلگۈرسە تاماق يەپ ، ئۈلگۈرمىسە نان ئېلىۋېلىپ ، ئېتىغا مىنىپ چىقىپ كىتىپ ئاتىلار ھەيئىتى بىلەن مەكتەپ قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ، پۇلدارلارنى يىغىپ ئىئانە توپلايدۇ . ئۇ كۆپ ھاللاردا كېچىلىرى قانغۇدەك ئۇخلىماي ، ھەتتا پۈتۈن كېچىلەپ يىغىن ئېچىپ ، تاڭ ئاتقاندا مەكتەپكە قايتىپ كېلىپلا دەرسكە كىرىدۇ . مۇشۇنداق جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ئۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ . ئاشۇرغاندىمۇ ئالتە ئايدا ئەمەس ، بەلكى مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇقۇش پۈتتۈرگەن كۇرسانتلار رەتمۇرەت تىزىلىپ ، بۇيۇنلىرىغا گالىستۈك تاقاپ ، مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى يازغان ۋە ئاھاڭغا سالغان مۇنۇ مارشنى كۆككە ياڭرىتىپ ، پۈتۈن ئاتۇشنى ئايلىنىپ مائارىپ تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆز مەكتەپلىرىگە بارىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۇقۇ – ئۇقۇتۇش ھەرىكىتى باشلىنىپ ، ئۆسمۈر – بالىلار مەكتەپلەرگە ، چوڭلار كەچ كۇرسلارغا بەس – بەس بىلەن كىرىپ ئوقۇشقا باشلايدۇ . شۇ چاغدا ئاتۇشتىن مەكتەپ قوينىغا كىرگەن بالىلار 10 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ . مەمتىلى ئەپەندى مەكتەپ ، ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچى مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن ، جامائەتچىلىكنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جامائەتكە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش يۈزىسىدىن ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خالىسانە ئەمگەك تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە ئۆزى باشلامچى بولۇپ ئېتىز – ئېرىق ۋە يول بويلىرىغا 100 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت قويۇپ چىقىدۇ . بۇنىڭ بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مەمتىلى ئەپەندىگە ۋە ئۇ باشلىغان مائارىپ ھەرىكىتىگە بولغان ھۆرمىتى ۋە قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ . ئۇنىڭ ئەكىسچە دىنىي ، خۇراپىي كۈچلەرنىڭ قارشىلىقى ۋە بېسىمىمۇ ئارتىپ بارىدۇ . ئىستىبىداتلىق تەرەپدارلىرى ۋە مەرىپەت دۈشمەنلىرى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يېڭى مەكتەپلەرنى تاقىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ ، مەمتىلى ئەپەندىنى ھاقارەتلەيدۇ . مەرىپەت ئۈچۈن بەل باغلىغان ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن باسىدۇ . مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ مەمتىلى ئەپەندى ئىرادىسىنى قىلچە بوشاشتۇرماي ، زور غەيرەت بىلەن كۈچىنىپ ئىشلەيدۇ . ئۇ مائارىپ تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ، ئىستىبىدات ، جاھىل – مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىنى يېڭىش ئۈچۈن 1935- يىلى يازدا 100 نەچچە نەپەر ئۆسمۈرنى تاللاپ << ئىزچىلار>> ئەترىتىنى تەشكىللەپ پىيادە يول بېسىپ پەيزىۋات ، توققۇزاق ، ئوپال، تاشمىلىق ،يېڭىسار ۋە قەشقەر ئەتراپىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ . <<ئىزچىلار >> مەمتىلى ئەپەندى يازغان :
بىز ئىزچىلارمىز ، پۇت – قوللىرىمىز گاڭ ، كۆزىمىز نۇرلۇق ، قەلبىمىز ساغلام .
خەلق يولىدا كۈرەش قىلىمىز ، دۈشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام . ئۇزۇن يىللار زالىم قولىدا ، ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا .
قۇللۇق ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇرۇپ ، ئالغا باسىمىز ئىرپان يولىدا . ئۆگەن ،تىرىش ياش ئىزچى بالىلار، ۋەتەن ئىشقىدا قاينا ۋىجدانلار .
دېگەن مارشىنى ياڭرىتىپ مەردانە قەدەم تاشلاپ ماڭغاندا ، مىڭلىغان ئەر – ئاياللار ئاممىسى ھاياجانلىنىپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياشلار ئېلىشقان . شۇ چاغدىكى قەشقەرنىڭ قوماندانى مەھمۇت مۇھىتى ( مەھمۇت سىجاڭ ) مۇ تەسىرلىنىپ مەمتىلى ئەپەندىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئىككى ئەسكەرنى مەخسۇس مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يېڭى مائارىپ تەشۋىقاتى ۋە شەخسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا تەيىنلەپ ، ئاتۇشتىكى يۇرت ئاقساقاللىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش خېتى ئەۋەتكەن . مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى يەتكۈزۈش يىغىنىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىغا مۇنداق خىتاپ قىلدى :
<< ... قېرىنداشلار ، ئاتىلار ، ئانىلار ۋە ئارقاداشلار !
مەن بېشىمدىن ئېغىر سەرگۈزەشتىلەرنى كەچۈرۈپ ، يۇرتۇم ئۈچۈن ئىشلەش مەقسىتىدە بىلىم ئېلىپ كەلگەنمەن . يۇرت خەلقنى ئاسارەت كىشەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مۇئەللىملىك كەسپىنى ئەڭ ئۇلۇغ كەسىپ ، ئوقۇتقۇچىلىق يولىنى ئەڭ توغرا يول دەپ تاللىۋالغانمەن . قاچاندۇر بىر كۈنى مېنى ئالتە پۇڭلۇق قۇغۇشۇن ئوق ئاخىرەتكە ئۇزىتىشى مۇمكىن . مەن ۋەتەن يولىدا ، مەرىپەت يولىدا ئىسسىق قېنىمنى تۆكۈشتىن زادى يانمايمەن ... >> مەرىپەت دۈشمەنلىرىنىڭ رەزىل نىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن كۆزەتكەن مەمتىلى ئەپەندى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى مائارىپ يولىدا يەنىمۇ ئىجتىھات بىلەن ئىشلەيدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ، ئاڭ سېزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن دەرىسخانا ۋە مائارىپ تەشۋىقاتىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمايدۇ . قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ ، ئۆزى تاللىغان توغرا يولدا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزدىنىدۇ . 1935- يىلى يانۋاردا مەمتىلى ئەپەندى ئالتە ئايلىق كۇرسنى تاماملىغان 60 نەچچە ئوقۇغۇچىنى رەتلىك تىزىلدۈرۈپ ، نەي ، بارابانلارنى چالدۇرۇپ ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئۆگەتكەن << مەرىپەت مارشى >> نى ئېيتقۇزۇپ ، ئاتۇش كوچىلىرىنى چاڭ كەلتۈرۈۋەتكەن . يېكى مۇئەللىملەر مەمتىلى ئەپەندىنىڭ :
بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز ،
خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز .
تالاي يىللار زۇلمەتتە تىنەپ خار بولدۇق،
ئىلىم – ئېرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق .
خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار ،
كۆزلىرىمىز قارىغۇ كۆپ ناچار بولدۇق
بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى ،
بىز ۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۈلى .
ئوقۇتىمىز ئەۋلادنى يېڭى پەن بىلەن ،
پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ئۇلى .
يۇرۇق تاڭغا تەلپۈندى ۋىلايىتىمىز ،
ئىلىم بىلەن تىكلىنەر ئىناۋىتىمىز .
مەنبە بولدى ئېرپانغا يۇرتىمىز ئاتۇش،
ئېرپان بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز .
دېگەن مارشنى ئوقۇپ ماڭغاندا مىڭلىغان كىشىلەر يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ ھەيرانلىق ۋە ھەۋەس نەزىرى بىلەن يېپيېڭى قىياپەتتىكى بۇ مۇئەللىملەرگە قاراپ تەنتەنە قىلىشقان . مەمتىلى ئەپەندى بۇ يېڭى مۇئەللىملەرنى ئاتۇش كوچىلىرىدا 3- 4 كۈن ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ھەر قايسى كەنتلەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلغان . تەقسىم قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپكە بېرىپ سىنىپقا كىرگەندە ئۇلارنى سىنىپتا تۇلۇپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت سالىمى بىلەن قارشى ئالغان . بۇنى كۆرگەن مۇئەللىملەر مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قاچانلاردا بۇ ئوقۇغۇچىلارنى مۇشۇ ھالەتكە كەلتۈرۈپ بولغانلىقىغا ھەيران قېلىشقان . ئۇلار بۇ ئۇلۇغ ئۇستازىنىڭ نەقەدەر كۆپ جاپا چەككەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقان . ئۇلار ھاياجاندىن تىترىگەن قوللىرى بىلەن مۇنبەردە تۇرغان يوقلىمىنى ۋاراقلاپ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان . مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۇلۇغ مائارىپچىغا خاس نۇرانە ئوبرازى ، سەنئەتكارغا خاس مەغرۇر خىسلىتى ، جەڭچىگە خاس قەيسەر خاراكتىرى ۋە يالقۇنلۇق تەلىم – تەربىيىسى بۇ يېڭى مۇئەللىملەرنىڭ ۋۇجۇدىنى ئاللىقاچان بىر پارچە ئوتقا ئايلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى . شۇنداق قىلىپ 1935- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئاتۇشتا ئۇيغۇر تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتى باشلانغان . 24 كەنتتىكى يېڭى سېلىنغان مەكتەپلەردە ئون مىڭلىغان ئوقۇغۇچى ئوقۇشقا باشلىغان . مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى شۇنداقلا مەمتىلى ئەپەندى ئىجاد قىلغان مەكتەپ ناخشىلىرى ھەممە مەكتەپلەردە بىردەك ئۇمۇملاشقان . مەمتىلى ئەپەندى قوزغىغان بۇ يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ داغدۇغىسى پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنى لەرزىگە سالغان . ئاقسۇ ، قەشقەر ، يەكەن ، كورلا ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يېڭى مەكتەپ ئېچىشتىكى چارە – تەدبىرلىرى ، ئوقۇتۇش پروگراممىسى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ھەل قىلىش ، << ئىزچىلار ئەترىتى >> تەشكىللەش ئۇسۇلى ، گىمناستىكا شەكلى ۋە جەڭگىۋار ناخشا مارشىلىرى كەڭ كۆلەمدە ئۇمۇملاشقان . ئۇنىڭ مەمتىلى ئەپەندى دېگەن مۇبارەك نامى جەنۇبىي شىنجاڭنى قاپلىغان يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى بىلەن تەڭداش مەنىلىك بولۇپ قالغان . مەمتىلى ئەپەندى تۇنجى قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باسقاندىن كېيىن تېخىمۇ ئۇلۇغ مەقسەتلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يەنە بىر قاتار پىلانلارنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن . بۇ چاغدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەل ئىچىدىكى ئىززەت – ئابرۇيى بەكمۇ ئۆسۈپ ، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان پىلانلارنى قوللايدىغان ، ھىمايە قىلىدىغانلار ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردىمىنى ئايىمايدىغانلار بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپەيدىغان . مەمتىلى ئەپەندى 15 كۈندە بىر قېتىم ئېچىلىدىغان << توپلاندى >> دەپ ئاتىلىدىغان كەسپىي يىغىن ئارقىلىق ئاتۇشتىكى بارلىق مەكتەپلەرگە يېتەكچىلىك قىلغان . مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى نورمال ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 10 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئىچىدىن يېشى بىر قەدەر چوڭ ، ئوقۇشتا ئەلاچى ، ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن 80 نەپەرنى تاللاپ مەشھەتتە ئىككى سىنىپلىق ئوتتۇرا مەكتەپ تەسىس قىلغان . بۇ مەكتەپنى ئۆزى بىۋاستە تۇتقان . بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار << مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزچىلىرى >> دەپ ئاتالغان . مەمتىلى ئەپەندى سىياسەت ، ئانا تىل ، ۋەتەن تارىخى ، مىللەت تەربىيىسى ، ھەربىي مەشىق ، ناخشا دەرىسلىرىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكەن . بۇ << ئىزچىلار >> بەكمۇ قاتتىق تەلەپلەر بىلەن تەربىيىلەنگەن . مەمتىلى ئەپەندى يەنە مەشھەت ، تىجەن كەنتلىرىدە << چوكانلار سىنىپى >> تەسىس قىلىپ ، ھەر قايسى مەكتەپلەر ئۈچۈن ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرگەن . كىشىلەر ئەر ئوقۇتقۇچىلارنى << ئەپەندىم >> ، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى << خانىم >> دەپ ئاتاشقان . مەمتىلى ئەپەندى يەنە ھەر قايسى كەنتلەردىكى مەكتەپلەردە ئۈچتىن بەشكىچە كەچ كۇرس سىنىپلىرىنى ئېچىپ ساۋات چىقىرىشقا تېگىشلىك ئەر – ئاياللارنى تەشكىللەپ ساۋاتىنى چىقارغان . نەتىجىدە 1935- يىلىدىن 1937- يىلىغىچە ئاستىن ئاتۇشتىكى ساۋات چىقىرىشقا تىگىشلىك ئاھالىنىڭ %70 تىن ئارتۇقراقى ساۋاتلىق بولۇپ قالغان . مەمتىلى ئەپەندى يەنە ھەر يىلى نۇرۇز بايرىمىدىن كېيىن مەكتەپلەرنى كۆچەت تىكىشكە سەپەرۋەر قىلىپ ، ئاتۇشنىڭ يول ياقىلىرى ۋە ئېرىق – ئۆستەڭ بويلىرىغا 100 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىككەن . مەمتىلى ئەپەندى 1936- يىلى كۈزدە يەنە بىر نۇرلۇق سەھىپىنى ياراتقان . مەمتىلى ئەپەندى ئۆزىنىڭكى ئىزچىلىرىدىن 40 نى تاللاپ ئاتۇشتا يولغا قويۇلغان يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ، كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇشنى تەرغىپ قىلىش مەقسىتىدە ئاتۇشتىن پىيادە يولغا چىقىپ بىر ئايدەك ۋاقىت ئىچىدە پەيزىۋات ، يېڭىسار ، تاشمىلىق ، ئوپال ، توققۇزاق ، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق جايلارنى ئايلاندۇرۇپ كەلگەن . << ئىزچىلار >> يىتىپ بارغانلا جايدا مەمتىلى ئەپەندى ئۆگەتكەن ناخشىلارنى ئوقۇپ ، سەنئەت نومۇرلىرىنى ئۇرۇنداپ ، تەشۋىقات تېكىستلىرىنى سۆزلەپ يېڭى مائارىپنى تەشۋىق قىلغان . ئۇچىسىغا ئاتۇشنىڭ تۆتلۈك ماتاسىدىن تىكىلگەن ماشرەڭ << ئىزچىلار >> فورمىسى ، پۇتىغا بىر خىلدا تىكىلگەن خۇرۇم ئۆتۈك كىيگەن ، دۈمبىسىگە پالتا قىستۇرۇلغان ، كىچىك چامادان ئارتىۋالغان ، قوللىرىغا قىپقىزىل بويالغان << ئىزچىلار>> كالتىكى تۇتۇۋالغان ، رەتلىك تىزىلىپ تەكشى مەشكە دەسسەپ نەي ، بارابانلارنى ماھىرلىق بىلەن چېلىپ ، جەڭگىۋار ناخشا مارشلارنى ياڭرىتىپ ھەيۋەت بىلەن كېتىۋاتقان << بۇ ئاجايىپ قوشۇن >> نى كۆرگەن . مىڭلىغان ، ئونمىڭلىغان كىشىلەر ھاياجانلىنىپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشقان . مەمتىلى ئەپەندى باشلاپ ماڭغان بۇ << ئىزچىلار >> بارغانلا يەردە كىشىلەرنى لەرزىگە سېلىۋەتكەن . مەمتىلى ئەپەندىنىڭ 1934- يىلى كۈزدىن باشلاپ شىنجاڭنى زىلزىلىگە سالغان << مەھمۇت شىنجاڭ ۋەقەسى >> يۈز بەرگەن . بۇ چاغدا سىتالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شىڭ شىسەينىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى مۇستەملىشىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن شىنجاڭغا ئەۋەتىلگەن قەشقەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قادىر ھاجى مەھمۇت مۇھىتى چەت ئەلگە قاچقاندىن كېيىن قەشقەر تەۋەسىدىكى مىللەتپەرۋەر زىيالىيلارنى ، دىنىي ئۆلىمالارنى ۋە يۇرت كاتتىلىرىنى دەرھال قولغا ئېلىشقا كىرىشكەن . بۇ قاتاردا 1937- يىلى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى مەمتىلى ئەپەندى ، قۇتلۇق شەۋقى ، تۇرسۇن ئەپەندى قاتارلىقلار قولغا ئېلىنىپ قەشقەردە قامالغان . 5- ئاينىڭ 30 – كۈنى تاڭ سەھەردە مەمتىلى تەۋپىق باشلىق 300 گە يېقىن مەھبۇس تۈرمە ھويلىسىدا ئوققا تۇتۇلۇپ كەينىدىن ئوت قويۇلۇپ ۋەھشىيلەرچە پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئوت يۈرەك رەھبەرلىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مائارىپ ئىشلىرى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان . مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاتۇشتا قوزغىغان يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى ئاتۇش چېگرىسىدىن ھالقىپ قوشنا ۋىلايەت ، ناھىيلەرگە ، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىپ ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى تارىخىنىڭ 3- باسقۇچىنى شەكىللەندۈردى . مەمتىلى ئەپەندى ئىجاد قىلغان << بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز >> ، << بىز ئىزچىلارمىز >> دېگەن مارشلار جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ مەكتەپلىرىدە ياڭراپ شەھەر قىشلاقلارنى زور ھاياجانغا سالدى .
مەنبە:<<مەمتىلى ئەپەندى>> دىن ئېلىندى. |