查看完整版本: [-- ئادەم (تەرجىمە ئەسەر) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> ئادەم (تەرجىمە ئەسەر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2010-12-19 16:45

ئادەم (تەرجىمە ئەسەر)

ئادەم   [bJAh ` I  
a+{95"4  
 (كۆكسانغۇن تەرجىمىسى) |&a[@(N:zf  
لۇڭ يىتەي    <IL$8a  
4>xv7  
ئىلگىرى بالىلارغا مۇندق بىر ئەپسانىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم: بۇرۇن ناھايىتى مەمەدان بىر شىرچاق بولغان ئىكەن،ئۇ ئادەمنىڭ ھەممىدىن ئەسكى مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن، شۇڭا ئادەمنى تېپىپ، ئۇنى بىر ئۇچۇغداپ قويماقچى بولۇپ يولغا چىقىپتۇ. S vR? nN|  
ئۇ يولدا ئۇچراتقان بىرىنچى مەخلۇق يۈزى ئۇزۇن،قۇلىقى چوڭ،تۆت پۇتلۇق ئىكەن. ;qT7BUh(%  
_ سەن ئادەممۇ!؟ _ شىرچاقنىڭ دەھشەتلىك ئاۋازىدىن يەرلەر تىترەپ،دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى بىرسى قالماي يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. y*5bF 0  
يۈزى ئۇزۇن،قۇلىقى چوڭ،تۆت پۇتلۇق مەخلۇق بېشىنى ئېگىپ،ئۆزىنىڭ ئېشەك ئىكەنلىكىنى،بىر ئەبگا،قوتۇر ئىشەك ئىكەنلىكىنى،ئادەملەرنىڭ ئۇنى ئۈچ كۈن ئاچ قويغانلىقىنى،تېخى پۇتىنى سۇندۇرىۋەتكىلى تاس قالغانلىقىنى،شۇڭا ئاران قېچىپ چىققانلىقىنى ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بېرىپتۇ.«ئادەم ئەڭ ئەسكى مەخلۇق» دەپ دادلىنىپتۇ. BnLWC  
شىرچاق ئىشەكنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بەرمەكچى بولۇپتۇ ۋە ئۇنى ئارقىسىغا سېلىپ مېڭىپتۇ.ئىككىنچى قېتىم ئۇچراتقان مەخلۇقنىڭ دۈمبىسىدە يوغان كاللىكى بار ئىكەن. =K2mR}n\;  
_ سەن ئادەممۇ!؟ _ شىرچاقنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازىدىن تىتىرەپ دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى بىرسى قالماي يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. "cUCB  
دۈمبىسىدە كاللىكى بار يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەلۋەتتە ئادەم ئەمەس،بەلكى بىر تۆگە ئىكەنلىكىنى،ئادەملەرنىڭ ئۇنى بوزەك قىلىپ ئىشلىتىپ،سىيگۈدەكمۇ ۋاقىت بەرمىگەنلىكىدىن دادلىنىپ،تولىمۇ غەزەپلەنگەن ھالدا ئادەمنىڭ ھەممىدىن ئەسكى مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. |VL(#U  
ئاخىرىدا ئىككى پۇتلۇق،ئۆرە ماڭىدىغان،ئىسقىرتىپ كېلىۋاتقان بىر مەخلۇقنى ئۇچرىتىپتۇ،ئىشەك بىلەن تۆگە ئۇنى كۆرۈپ ئاللىقاچان تىكىۋەتكەن ۋە ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇنۇشقا ئۈلگۈرگەن ئىكەن. DEw_dOJ(  
_ سەن ئادەممۇ!؟ _ شىرچاق شۇنداق ۋاقىرىغان ئىكەن دەرەخ يۇپۇرماقلىرى ئۆزلىرىنى يەردە كۆرۇپتۇ. zU9G: jH  
ئىككى پۇتلۇق ئۆرە ماڭىدىغان ھېلىقى مەخلۇق تەمتىرىمەستىن: x`vIY-DS  
_ مەن ياغاچچى،_ دەپتۇ. +)Pv6Zog[  
_ ەە، ئادەم ئەمەسكەنسەن- دە،_ شىرچاق ئازراق ئۈمىدسىزلەنگەندەك بولۇپتۇ،ئەمما يەنە: A qKl}8  
_ ياغاچچى توشقان تۇتالامدۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ. /QsFeH  
ئۇ توشقان تۇتالمايدىغانلىقىنى،ئەمما بوران-چاپقۇندىن ساقلىنىيالايدىغان ئۆي ياسىيالايدىغانلىقىنى،ئەگەر شىرچاق خالىسا ئۇنىڭغىمۇ بىرنى ياساپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.شىرچاق مەغرۇرلانغانلىقىدىن بېشىنى لېڭشىتىپ كېتىپتۇ.ياغاچچى مۇرىسىدىكى سايمان ساندۇقىنى چۇشۇرۇپ، تاراقشىتىپ،ياغاچتىن بىردەمدىلا ئۇزۇن تۆتبولۇڭ شەكىللىك ياغاچ ساندۇق  ياساپتۇ.ئۇ شىرغا: J2`b: %[  
_ بەدىنىڭ سىغامدۇ،سىغمامدۇ، كىرىپ سىناپ باق،_ دەپتۇ. شىرچاق تۇگۇلۇپ تۇرۇپ بىر سەكرەپلا ياغاچ ساندۇقنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ.ياغاچچى ئۇنىڭغا: .3%eSbt0  
_  يېتىۋال، قۇيرۇقۇڭنىمۇ يۇغۇشتۇر،مەن ھازىر ئۆينىڭ ھىم بولغان بولمىغانلىقىنى،ھاۋا ئۇتۇشىدىغان ئۆتۈشمەيدىغانلىقىنى سىناپ باقاي،_ دەپتۇ. ]Ph~-O  
شىرچاق يېتىۋېلىپ، ياغاچچىنىڭ دېگىنىدەك قىلىپتۇ. zn T85#]\@  
ياغاچچى ياغاچ ساندۇقنىڭ ئاغزىنى يېپىپ مىقلىۋېتىپتۇ.ياغاچ ساندۇق ھەقىقەتەن ھىم ھەم ھاۋا ئۆتۈشىدىغان بولغانىكەن.ياغاچچى بۇ ياغاچ ساندۇقنى سرك ئۆمىكىگە سېتىۋېتىپتۇ. hv'~S  
ئىشەك بىلەن تۆگە يۇشۇرۇنغان جايىدا بايىقى ئەھۋاللارنى كۆرۈپ،كۆزلىرىنى  چەكچەيتكىنىچە ئەقلى-ھوشىنى يۇقىتىپ،نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قاپتۇ.ئىشەك تۆگىگە: jGzs; bE  
_ ئادەمگە ئەگەشسەك يەيدىغانغا خەشەك،ئىچىدىغانغا سۇ باركەن، يەنىلا ئادەم بىلەن كېتەيلى،_ دەپتۇ. N 5rY*S  
تۆگە ئىشەككە: `e0U-W]kF  
_ راست، ئادەملەردىن يۈز ئۆرۈپ قاچقانلارنى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بىز  يەنىلا ئادەم بىلەن كېتەيلى،_ دەپتۇ. jMUE&/k  
ياغاچچى سايمان ساندۇقىنى تۆگىگە ئارتىپ، گىدىيىپ ئىشەككە مىنىپ ، ئىسقىرتقىنىچە يولغا چىقىپتۇ. ,~FyC_%*  
مېنىڭ پەرىزىمچە،كېيىن ھېلىقى سېرك ئۆمىكى بىلەن شىرچاق دۇنيا كېزىپ يۈردى بولغاي... EA2BN}  
مەنبە: خەنزۇچە «ئوقۇرمەنلەر» ژورنىلى GEwgwenv  

tawpek 2010-12-20 20:16
ئىسىت شۇتاپتا  مۈكۈپ تۇرغان ھايۋانلار قاتارىدا يولۋاس، بۆرە، چايانلارمۇ  بولسىمۇ.  ھەممىسى بىزگە ئەگىشىپ خىزمىتىمىزنى قىلاركەن. 7i~::Z <  
WE4:Jy  
بەك ياخشى ئەسەرنى تەرجىمە قىپسىز. Vlce^\s;  
I'BoP  
مىڭ بىر كىچە ھىكايىللىرى ، ئۇيغۇر خەلىق چۈچەكلىرى  ھەتتا كەلىلە دىمىنە  ئوقوغاندەك بوپ كەتتىم.

ماھى 2011-09-25 22:37
سىزنىڭمۇ تەرجىمىگە ئوبدانلا ئېپىڭىز بارئىكەن كۆكسانغۇن مۇئەللىم؟

koksangun 2011-09-25 22:51
سىزگە يەتمىسەممۇ ھەر ھالدا بىكار ۋاقىتلىرىمدا شۇ ئىش بىلەن مەشغۇل بولىمەن .سىزنىڭ تەرجىمىلىرىڭىزدىن ئۆرنەك ئېلىشنى ئويلاۋاتىمەن ، ئاقگۈل مۇئەللىم .

ماھى 2011-09-25 23:13
مەن سىزدىن ئۈگەنسەم بولىدۇ تېخى.مەن شۇنداق دەپ قارىدىم.

مىېھرىما 2014-03-23 23:40
بۇ تەرجىمە ئەسىرىڭىز بەكلا ياخشى چىقىپتۇ .مەن بەكلا ياقتۇردۇم سىزگە رەھمەت

مىېھرىما 2014-03-23 23:41
كۆك سانغۇن مۇئەللىمنىڭ تالانتىغا ھىكەتەنمۇ قايىلمەن !!!

ئەلدىيار 2014-03-24 00:13
ياخشى ئەسەركەن.


查看完整版本: [-- ئادەم (تەرجىمە ئەسەر) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled