查看完整版本: [-- تۇنجى قار ئەسلىمىلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> تۇنجى قار ئەسلىمىلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

arzu 2010-12-19 02:24

تۇنجى قار ئەسلىمىلىرى

تۇنجى قار ئەسلىمىلىرى
\okv}x^L=Z  
xXa4t4 gR  
5MKM;6cA&p  
[{Q $$aV1  
,J-|.ER->  
تۇنجى قار ياغدى. D6+3f #k6  
_ بۇ قار ئەجەپ كېچىكىپ ياغدى - ھە؟ دېكابىر ئايلىرىمۇ كىرىپ قالدى ، _ دېدى ياتاقدىشىم رامىلە. %7w8M{I R3  
مەن دېرىزىدىن سېرتقا قاراپ تۇرىمەن، ياتاق دېرىزىمىز ئۇدۇلىدىكى بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى شاخلىرىمۇ تولۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مانا ئاپئاق قار... مانا پاكىزلىق... دەل - دەرەخلەر شاخلىرى ئۈستىگە چۈشىۋاتقان قارلارنى كۆتۈرەلمەي ئىگىلىپ كەتكەن، ئۇدۇلۇمدىكى مەجنۇنتاللارنىڭ نازۇك شاخلىرى ئۈستىدىكى ئېغىرلىقتىن يەرگە تېگىپلا قالغان ئىدى. %#eQN ~  
_ تېخىچىلا توختىمايدا بۇ قار، _ دېدىم مەن سېرتقا قاراپ تۇرۇپ. A9u>bWIE7  
_ياغمىسا ياغمىدى دېدۇق، ياغسا ئەمدى نېمە گەپ بۇ؟ قىزلار بولدى قىلايلى، 5- بىنانىڭ بىز بىلەن ئوخشاش 420 - ياتىقىدىكى ئوغۇللارغا قارلىق تاشلىمايلىما؟ _ دېدى شەيتان مۇقەددەس. jw {B8<@s  
_ بۇ ياخشى گەپ بولدى، قېنى ھەممىمىز تۇنجى قارنىڭ شەرىپىگە بىر ئېغىزدىن گەپ كەلتۈرۈپ...... &GJVFr~z  
مەن ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىپ قويۇشتىن ئىھتىيات قىلىپ، ئۆيدىن ئەۋەتكەن خالتىنى ئەكىرىۋىلىش ئۈچۈن مەكتەپ ئالدىدىكى پوچتىخانىغا قاراپ ماڭدىم. cfa1"u""e  
" بىچارە ئاپام،_ دەيمەن كېتىۋىتىپ، _ نېمە دېگەن جاپاكەش - ھە؟ پۇل سېلىۋاتقان، ھەر ئايدا بىر قېتىم خالتا ئەۋەتىۋاتقان، تېزراق ئوقۇشۇم پۈتسە بولاتتى، قاچانمۇ تۈگەر - ھە؟ يەنە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن تۆت يىل تۇرسا....." ilHf5$  
ئېغىر خالتىنى كۆتۈرۈپ، قولۇم ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن بىردەم ھاردۇق ئېلىۋالماق بولۇپ، مەكتەپ كۈتۈپخانە يان تەرەپ يول ياقىسىدىكى ئاپئاق قار بىلەن چۈمكەلگەن ئورۇندۇق ئۈستىگىلا خالتىنى قويدۇم - دە، قولۇمنى ئۇۋىلاشقا باشلىدىم.  v t *  
_ ياردەم قىلايمۇ؟ svl!"tMXl  
قارىسام سەن ئىدىڭ. نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم، ئەمما سەن مېنىڭ جاۋابىمنى كۈتمەيلا خالتىنى قولۇڭغا ئېلىۋالدىڭ. a|oh Ad  
يانمۇ - يان كېتىۋاتىمىز... مەن ساڭا ناتونۇش بولۇشۇم مۈمكىن، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن، ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دوستلۇق ئورنىتىش ۋاسكىتبۇل مۇسابىقىسىدە مەن سېنى كۆرگەن، بىلگەن. ئېگىز بويۇڭ، كېلىشكەن قەددى - قامىتىڭ، قىسقا ، تىك ياسىتىۋالغان چاچلىرىڭ، كىچىكرەك بولسىمۇ گۈزەللىكىڭگە قىلچە نۇقسان يەتكۈزەلمىگەن كۆزلىرىڭ، چاققان - چەبدەس ھەرىكىتىڭلا ئەمەس، ۋاسكىتبۇل ئويناشتىكى ئاجايىپ ماھارىتىڭ بىلەن ھەممەيلەننى تاڭ قالدۇرغان ئىدىڭ. .Wy'  
_ سىز غۇلجىدىن بولىسىز - ھە؟ مەن كورلىدىن، مەن سىزنى بىلىمەن، ئىسمىڭىز نازاكەت، ئەمما سىز ماڭا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيسىز... :DNI\TmhJ  
ئىشقىلىپ بىرنېمىلەرنى دەۋاتىسەن... گەپ -سۆز قىلىشلىرىڭ شۇنچە ئەركىن، ئۆزۈڭنى تۇتىشىڭمۇ شۇنچە ئەركىن، مەن ئالدىڭدا خۇددى بىر گاچچىدەك بىر ئېغىزمۇ گەپ - سۆز قىلالمىدىم، پەقەت قىززىق گەپلىرىڭگە مىيىقىمدا كۈلۈپلا قوياتتىم... تۇيۇقسىز كۆزۈم كۆزۈڭ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. " توۋا، ئادەمنىڭ كۆزىمۇ شۇنداق ئوتلۇق بولىدىكىنا" دەپ ئويلاشقا ئۈلگۈردۈممەن شۇنچە ھۇدۇقۇپ تۇرۇپمۇ.
EK"/4t{L_  
********************************
k_wcol,W  
Pvi2j&W84  
K|-m6!C!7  
تۇنجى قار ياغدى. nYZ6'Iwi'  
ياتاقداشلار مەكتەپ كۈتۈپخانىسى يېنىدىكى دەرەخزارلىقتا قىن - قىنىمىزغا پاتماي قار ئېتىشىپ ئويناۋاتىمىز.  'F. P93  
_ دوستلار توختاڭلار، _ دېدى يەنە ھېلىقى شەيتان دوستۇم مۇقەددەس،_ بەك ھېزى بولۇڭلار - ھە؟ 420- ياتاقنىڭ بالىلىرى بۇلتۇرقى ئۆچىنى ئېلىپ بىزنى چايغا يېقىتىپ يۈرمىسۇن. ?z l<"u  
بىز قاقاھلاپ كۈلۈشتۇق. rnhLv $  
_پاھ ، قىززىپ كېتىپسىلەرغۇ، بىللە ئوينىمايلىمۇ؟ ut560,h~  
تونۇش ئاۋازدىن ھۇدۇقۇپ بېشىمنى شۇنداقلا كۆتۈرگەن ئىدىم، كۆزۈم يەنە شۇ ئوتلۇق كۆزلەر بىلەن ئۇچراشتى، يەنە سەن ئىدىڭ. بۇ قېتىم سەن يالغۇز ئەمەس، ئۈچ ئاغىنەڭ سەن بىلەن بىللە ئىدى. ئاغىنىلىرىڭدىن پەرھات بىلەن ئۆمەر ياتاقداشلىرىم تۇرسۇنئاي ھەم رەيھانلار بىلەن بىر يۇرتلۇق ھەم ساۋاقداش بولغاچقا، ئۇلارنى مەنمۇ تونۇيتتىم. سىلەر بىزنى بىرگە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدىڭلار. ئويۇن بىلەن بولۇپ، كەچلىك تاماق ۋاقتىنىپ بوپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيماپتۇق ئەمەسمۇ؟ مەن سىلەردىن ئايرىلىپ قىلىشقا شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ، كۆرسەتكەن ھەممە باھانىلىرىم دوستلىرىم تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ رەت قىلىندى. !0Nf`iCQ(  
ئاشخانىغا كىردۇق، تاماق شېرەسىدە ئۇدۇل ئولتۇرۇپ قاپتۇق. سەن پات- پات ماڭا قاراپ تۇرساڭ قاچامدىكى تاماقنى قانداقمۇ تارتىپ - تارتىپ يېيەلەيمەن؟ ئاران بىر چوكا ئېلىشىمغا شۇنداق بىر نەزىرىڭدىن قولۇم تىترەپ، چوكىغا ئاران ئىلغان لەڭمەننىڭ بىر ئۇچى جوزىغا تېگىپ قالدى.بەك خېجىل بوپ كەتتىم... قورسىقىم ئاچ بولسىمۇ، چوكا تۇتۇشلىرىمغىچە كالاڭپايلىشىپ قالدىممۇ قانداق، شۇ بىر تەخسە تاماقنى يېيەلمەي شۇ پېتىچە قالدۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم . 7R:Ij[dV  
كىنو كۆرىۋاتىمىز... كىنو ئارلىقلىرىدا سەن قارىماققا يېنىمدىكى رامىلەگە گەپ قىلىۋاتقاندەك قىلغىنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ گەپلەر ماڭىلا ئېيتىلىۋاتاتتى، مەن سېزىپ ئولتۇراتتىم. قەستەن سەندىن قېچىپ رامىلە بىلەن گۈلنارنىڭ ئوتتۇرىغا كىرىپ ئولتۇرىۋالغان ئىدىم. سېنىڭدىن قېچىشىم بەلكىم ئورۇنسىزدۇر. ئەمما توقۇنۇشۇپ قالساق، ئورۇنسىز بىرەر ئېغىز سۆز ياكى ھەرىكەت قىلىپ قويۇپ، نەزىرىڭدىن چۈشۈپ قىلىشنى خالىمايتتىم. "%^_.Db>|  
يانمۇ -يان كېتىۋاتىمىز. ئاياق ئاستىمىزدىن " غاچ - غۇچ، غاچ - غۇچ " قىلىپ چىققان ئاۋازلار جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى. 8YlZ({f  
_ نازاكەت، مېنىڭ ئىسمىم ئەركىن، _ دېدىڭ سەن ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ. MSM8wYcD  
توۋا، مەن ئىسمىڭنى ئالدىنقى يىلىلا بىلەتتىم ئەمەسمۇ؟ &M?b 08  
_بايا كىنوخانىدا نېمىشقا مەندىن قېچىپ دوستلىرىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ ئولتۇرىۋالىسىز؟ مەن سىزنى يەپ قويارمىدىم، _ دېدىڭ- دە، قاقاھلاپ كۈلدۈڭ. t.;._'  
_ .............. 06AgY0\  
_ نازاكەت، بىز ئىككىمىز ئىككى يۇرتلۇق، ئەمما بۇ ھېچنىمىگە سەۋەپ بولالمايدۇ.سىزگە يېقىنلىشاي دەپ ئويلايمەن، ئەمما سىز مېنىڭدىن قېچىپلا يۈرىيسىز. زادى نېمىشقا ئۆزىڭىزنى مەندىن قاچۇرىسىز؟ V||b%Cb1g  
_ قاچان قېچىپتىمەن؟ ;AOLbmb)H4  
تىترەپ، غەلىتىلا چىقىپ كەتكەن ئاۋازىمدىن ھەر ئىككىلىمىز كۈلۈپ كەتتۇق، ئارىمىزدىكى تارتىنىش، ئەيمىنىش ئارىلاش ھېسلار شۇنىڭ بىلەن تارقاپ كەتكەندەك بولدى. $nmt&lm  
_ نازاكەت، ئارىلىشىپ ئۆتسەك بولامدۇ؟ TX$dxHSPK  
_ ياق. yD& Y`f#  
_ دوست بوپ ئۆتسەك بولامدۇ؟ Jb*QlsGd  
_ ئۇنىڭغا بولىدۇ. rM= :{   
يەنە كۈلۈشتۇق.ئەمدىكى كۈلكەم ئۆزەمەە شۇنداق بەختىيار، شۇنداق شادىيانە بىلىندى. #|je m   
_ سىز بىلەن مۇڭداشقۇم كەلگەندە ياتىقىڭىزغا، سىنىپىڭىزغا ئىزدەپ بارسام بولىدىغاندۇ؟ +zche  
_ ئەلۋەتتە بولىدۇ، سىنىپتا سىنىپ مۇدىرىمىز بولمىسىلا چىقالايمەن. K5LJx-x*j  
بۇ چاغدا ياتاق بىناسى ئالدىغىمۇ كېلىپ قالغان ئىدۇق. qVfn(rZ  
_ يەنە بىردەم ئايلانمايلىمۇ؟ _ دېدىڭسەن يەنە كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ. n;:.UGl9.  
_ كېيىنچە بولسۇن، ئوقۇيدىغان دەرسىم بار ئىدى . _ چىرايلىق رەت قىلدىم، سەنمۇ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالمىدىڭ. AC <2.i_  
_ بوپتۇ ئەمىسە، پات - پات كۆرۈشۈپ تۇرايلى. Pi5MFw'v  
_ ماقۇل، خوش! }03 ?eWk/y  
_ ياخشى چۈش كۆرۈڭ نازاكەت، چۈشلىرىڭىزنىڭ بىر بۇرجىكىدە مېنى كۆرۈپ قويارسىز. 9=iMP~?xF  
ساڭا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم- دە، يۈگۈرۈپ ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەتتىم. ئۆگىنىش قىلىش مۈمكىنمۇ؟ ياتاق توكىنىڭ ئۆچۈرۈلگىنىگىنمۇ خېلى بوپ قالدى. نېمىشقىدۇر كۆزلەردىن ئۇيقۇ قاچقان، ھاياجاندىن يۈرەك رېتىمسىز.... mp sX4  
n7ZJ< ~wl  
**********************************
**********************************
تۇنجى قار ياغدى. +foz E?  
" غاچ - غۇچ ، غاچ - غۇچ" ئاق پاختىدەك يۇمشاق، يىنىك قارلارنى دەسسەپ يانمۇ - يان كېتىۋاتىمىز. yP- $@Ry  
_ بەك تەسىرلىك كىنو ئىكەن - ھە؟ tnb'\}Vn  
_ شۇنداق نازاكەت، كۆڭلىڭىز بەك يۇمشاقكەن، باش قەھرىمان بەختسىزلىككە ئۇچرىسا، سىز يىغلاپ يۈرىيسىزغۇ؟ p4uObK,  
_ ئويلىسام ھازىرمۇ يىغلايمەن. 0|\A5 eG  
_ ئۇ دېگەن كىنو، رىئاللىق بولمىسا يا؟ l~1l~Gx_&n  
_ كىنو رىئاللىقنىڭ كارتىنىسى، تۇرمۇشتا بولمىسا ئۇنى كىنو قىلىپ ئىشلەيتتىمۇ؟ _ دېدىم مەنمۇ تەن بەرمەي. -?)z@Lc  
فاكولتېت بىنايىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى دەرەخزارلىققا كەلگەن ئىدۇق، يەردىن بىر چاڭگال قارنى ئالدىڭ-دە، پومىلاپ تۇرۇپلا بوينۇمدىن تېقىۋەتتىڭ. چىقىراپ كەتتىم... سەن قاقاھلاپ كۈلدۈڭ. }f6_ 7W%5  
قار ئېتىشىش دېگەن مانا... ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ، چىراق يورۇقىدا جىددىي ھەم قىزىقارلىق جەڭ باشلىنىپ كەتتى. مەن پومىداقلىق قارنىڭ ساڭا تېگىپ كېتىشىدىن ئىھتىيات قىلىپ ئاۋايلاپ ئاتاتتىم. ئەمما سەن بەك قارام ئىكەنسەن، ئاتقان قار پومزەكلىرىڭ ئۇدۇل كېلىپ ماڭا تېگەتتى. بىر پەس، كۈلۈشتۇق، ئويناشتۇق.قولۇم مۇزلاپ كېتىپ توختاپ قالدىم. kbx4I?  
_ نازاكەت، نېمە بولدى؟ قاتتىق تەگدىما؟ T^nOv2@,  
_ ياقەي، قولۇم مۇزلاپ كەتتى. !='L`.  
_ ئىسسىتىپ قويايمۇ؟ |il P>b  
بۇنداق گەپنى شۇ كەمگىچە تۇنجى ئاڭلىشىم بولغاچ، گاڭگىراپلا قالدىم. ئىسىمنى بىلسەم، سەن ئاللىقاچان ئىككى قولۇمنى جۈپلەپ چىڭ تۇتۇۋالغان ئىدىڭ. ھۇدۇقۇپ كەتكىنىمدىن قولۇمنى دەرھال تارتتىم، ئەمما سەن تېخىمۇ چىڭ تۇتتۇڭ... <3[0A;W=1  
_ _ نازاكەت ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سۆيىمەن، ئىككى يۇرتلۇق ئىكەنلىكىمىزدىن غەم قىلماڭ. سىز نەگە بارسىڭىز مەنمۇ شۇ يەردە بولىمەن. سىزنى ياخشى كۆرۈشۈمگە ، سۆيۈشۈمگە رۇخسەت قىلىڭ. مەندىن ئايرىلماڭ. SH1)@K-  
مەن نېمە دەيمەن، گاڭگىراپلا قالغان تۇرسام، قانداق بولغىنىنى بىلەلمەيلا، ئۆزەمنى قوينۇڭدا كۆردۈم. دەسلەپ يۇلقۇندۇم، تىپچەكلىدىم، كېيىن تىترەپ تۇتۇپ ئاستا - ئاستا ۋۇجۇد بوشلۇقۇڭغا سېڭىپلا كەتتىم...... eIt 
_ مەن بەك خوشال ، _ دېدىڭ سەن. (cm8x  
_ جىم مېڭىڭ، باشقىلار ئاڭلاپ قالسا سىزنى ساراڭكەن دېمىسۇن يەنە . 9%^O-8!  
_ باشقىلار نىمە دېسە دەۋەرسۇن، ئۇلار شۇ تاپ مېنىڭ قانچىلىك بەختلىك ئىكەنلىكىمنى بىلەتتىمۇ؟،_ دېدىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ. C?t!Uvs  
_ ئۇلار سىزدىنمۇ ئۆتە بەختلىك. cSYMnB  
_ مۈمكىنمۇ؟ ;={3H_{3  
راست دەيسەن، ئەتراپىمىزدا، جاھاندا بىزدەك بەختـلىك بىر جۈپلەر بارمىدۇ؟ شۇنچە ئۇزۇن سىناشتۇق، مۇڭداشتۇق. ئاخىرى ھەر ئىككىلىمىز بىر - بىرىمىزنى خوپ كۆردۇق. قوبۇلمۇ قىلىشتۇق. ~ ;ObT=  
_ كەچ بولۇپ كېتىپتۇ، ياتاق بىنايىمىزنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋەتسە سېرتتا قالىمەن. 5+a5p C  
_ مەن سىزنى سېرتتا قويارمەنمۇ؟ O2"5\@HfE  
_ ئوشۇق گەپ قىلماڭ، تېز ماڭايلى. 8Oz9 UcG  
_ يەنە بىردەم ئايلانساق بولماسمۇ؟ سىزگە پەقەتلا قىيالمايۋاتىمەن. \ &47u1B  
مەنمۇ ساڭا قىيالمايمەن، يېنىمدىن كېتىشىڭنى تېخىمۇ خالىمايمەن. ئەمما چوقۇم ياتاققا قايتىشىم، ياتاقتا يېتىشىم كېرەكتە. تەلىيىمگە ياتاق ئىشىكىنى تاقىماقچى بولىۋاتقانننىڭ ئۈستىگە كەپتىمەن. *Qyu QF  
_ خوش ، مەن كىرىپ كەتتىم، _ دېدىم- دە ، سېنىڭ خوش دېيىشىڭنىمۇ كۈتمەستىن ئىتتىك مېڭىپ كىرىپ كەتتىم. ~tn$AtK  
4- قەۋەتكە چىققۇچە ھەر بىر قەۋەت پەلەمپەيدىكى سېترقا قارىغان دېرىزىدىن بويۇنداپ قارايمەن. سەن تېخىچىلا جايىڭدا تۇرىسەن. لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارلار ئۈستى - بېشىڭغا يىنىككىنە قونماقتا. ئەمما سەن مىدىرلىماي تۇرىۋاتىسەن. &2S-scP  
ياتاققا كىرىپ ئۇدۇل ياتاق دېرىزىسى يېنىغا باردىم - دە، دېرىزىنى ئېچىپ سېرتقا قارىدىم. سەن كېتىپ قالغان ئىدىڭ. كارىۋىتىدا شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتقان مۇقەددەسنى بىرنى سۆيۈپ قويدۇم. شادلىقىم كۆكرىكىمگىلا ئەمەس، ئالەمگىمۇ سېغمايتتى.
>@Pw{Zh$  
*********************************
ZMLN ;.{Na  
w 62m}5eA  
~!=Am:-wr  
تۇنجى قار ياغدى. :aBm,q9i:}  
_ ۋەي ، نازاكەتما؟ !#~KSO}zW2  
_ ھەئە مەن. DBG0)=SHy  
_ مەن ئەركىن، تېز چىقىڭە، سىزنى ساقلاۋاتىمەن. \4^zY'  
_ تېلېجفۇنىڭنى قويدۇم - دە، ياتاق دېرىزىسىگە يۈگۈرۈپ كەلدىم. سەن لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردا بىزنىڭ ياتاقنىڭ دېرىزىسىگە قاراپ تۇراتتىڭ، مېنى كۆرۈپ قول پۇلاڭلاتتىڭ. سېنى كۆرۇپلا، چاپىنىمنى كېيىپ سېرتقا يۈگۈردۈم. 8EMBqhl  
_ بايىتىن بېرى نېچچە قېتىم تېلېفۇن قىلىپ بولدۇم، يا تېلېفۇنىڭىزنى ئاچمايسىز. >2# 
_ توكى تۈگەپتىكەن، توكقا چېتىپ قويغان ئىدىم، نېمىگە شۇنچە ئىزدەپ كەتتىڭىز؟ bcjh3WP  
_ ما گەپنى كۆرۈڭ يۈرىكىمنىڭ نازۇك يىپى سىزنىڭكىگە چىتىقلىق تۇرسا، يەنە نېمىشقا ئىزدىمەيمەن؟ .P7q)lj36h  
تاتلىق گېپىڭگە زوقۇم كېلىپ، قار پومزەك بىلەنلا بېشىڭغا بىرنى قويدۇم. مىجەزىڭنى بىلىمەن، گەپنى بىر قىلىسەن، قارشىلىق قىلمايلا ساڭا ئەگەشتىم. }!k?.(hpE  
_ تۇنجى قارنىڭ شادلىقىدا سىزنى بىر مېھمان قىلىۋالاي دېگەنىدىم، يۈرۈڭ، دۆڭكۆۋرۈككە بېرىپ تاماق يەپ كېلىمىز. r7>FH!=:  
سەھەردە ياغقان يامغۇر چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ قارغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن يوللار سۇ بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئاۋايلاپ مېڭىپ كېتىۋاتىمىز، توساتتىن قولۇمنى كاپپىدە تۇتتۇڭ - دە، ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا ماڭدىڭ. بەكلا ھۇدۇقتۇم، گويا كوچىدىكى ھەممىلا ئادەم بىزگىلا قاراۋاتقاندەك...... 5+!yXkE^e  
_ قولۇمنى قويۇۋىتىڭە. lhJY]tQt/  
_ ئارتۇق گەپ قىلماڭ. {fDRVnI?  
_ ھەممە كىشى قاراۋاتىدۇ. l3u+fE,;_  
_ قارىسا قاراۋەرمەمدۇ، يا بىز جىنايەت قىلمىساق... "PElQBLP:  
بۇ كۈنلەردە مۇناسىۋىتىمىزنى ئاللىقاچان ھەممەيلەن بىلىپ كەتكەن ئىدى. يولدا ئۇچرىغان ساۋاقداشلار بىزگە مەستلىكى كەلگەندەك يىنىككىنە باش لىڭشىتىپ قويۇشۇپ ئۆتۈشۈپ كېتىشەتتى. c(vi,U-hC  
ئالدىمدا ئوخشىغان بىر چېنە لەڭمەن، سېنىڭ ئىشتىھا بىلەن تارتىپ - تارتىپ يېيىشىڭگە زوقلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقتىمىزمۇ كېلىپ قىلىۋاتىدۇ، نېمىشقىدۇر كۆڭلۈمدە ئەنسىزلىك، ئوقۇش پۈتسىلا، سېنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك، سېنى قايتا كۆرەلمەيدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىمەن - دە، تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز بىر خخل غېرىپ تۇيغۇغا چۆكىمەن. [.Md_  
'' بىزگە بولالارمىزمۇ؟ _ دەيمەن ئۆز - ئۆزەمگە _ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر غۇلجىغا كېلىشىگە قوشۇلارمۇ؟ قوشۇلماي قالسا مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇنداقلا يوق بولسا... *oIIcE4g7  
ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايمەن، ئويلىرىم شۇ يەرگە يەتكەندە، كۆز ئالدىمنى تۇمان قاپلايدۇ- دە، ھېچنىمىنى كۆرەلمەيلا قالىمەن. `FNU- I4s  
_ تاماق يېمەي نېمە ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز؟ k5bv57@  
_ سېزنىڭ يېگىنىڭىزگە مەستلىكىم كېلىپ... y6sY?uu  
_تالاي كۆرىسىز تېخى، چاققانغىنە چىرايلىق ئۆيىمىز بولىدۇ، ئىشچان ئايالىم ئۆينى گۈلدەك تۇتىدۇ. بىر ئوغۇل، بىر قىز بولسا - زە... چۇۋۇرلىشىپ ئولتۇرۇپ ئايالىم ئەتكەن ئوخشىغان ئاچچىق - چۈچۈك غۇلجا لەڭمىنىنى ھوزۇر بىلەن يەيدىغان كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدى. بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ كۆزۈمگە لۆممىدە ياش كەلدى ، جېنىم. RiZ}cd  
_ شۇنداق كۈنلەر كېلەرمۇ؟ #\Q)7pgi.  
_ چوقۇم كېلىدۇ، ئىشقىلىپ مەن سېزنى بەك بەختلىك قىلىمەن، ماڭا تەككەنگە ھەرگىز پۇشايمان قىلدۇرمايمەن. $1)NYsSH/H  
شۇنداق گەپلىرىڭنى ئاڭلىسام يەنە خاتىرجەم بولۇپ قالىمەن، '' بوپتۇلا، قالغىنىنى پىشانەمدىن كۆرەي'' دەيدىغان چاغلىرىمممۇ كۆپ. يېنىك قار دەسسەپ كېتىۋاتىمىز. گەپلىرىڭنى ئاڭلاپ بەزىدە كۆزۈمگە ياشكەلسە، بەزىدە كۈلۈپ كېتىمەن. كەلگۈسى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىڭ شۇنچە گۈزەل ، شۇنچە مەنالىق... خىيال بىلەن كېتىۋىتىپ تۇيۇقسىزلا تېيىلىپ كەتتىم.سەن چاققانلىق بىلەن مېنى يۆلىۋالدىڭ.... ^( C,LVP<  
ئاھ، شۇ چاغ..... EmP2r*"rb  
_ ئەركىن، مەڭگۈ مەن بىلەن بىللە بولۇشقا، ھەرقانداق كۈن كەلسىمۇ، ئايرىلىپ كەتمەسلىككە ۋەدە بېرەلەمسىز؟ Pff-eT+~m  
_ نېمە دەيدىغاندۇ ئەمدى بىزنىڭ خوتۇن، _ دەپ چاقچاق قىلغاچ قولۇمنى چىڭ تۇتتۇڭ ،_ مەن ئېغىزىمدىن چىقارمىغىنىم بىلەن سېزنى تۇنجى كۆرگەن چېغىمدىلا، شۇ قارارغا كېلىپ بولغانمەن. قارارىم _ ۋەدەم. نازاكەت، سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟_ دېدىڭ ماڭا ھەيرانلىقتا تىكىلىپ، _ ئارىدا ئۇقۇشماسلىق بوپ قالمىسۇن دەپ قىز ساۋاقداشلىرىم، قىز يۇرتلۇقلىرىم بىلەنمۇ، بەك ئارىلىشىپ كەتمەيمەن، بىرەر ئىشتا سىزگە خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويمىغاندىمەن؟ !a'{gw  
_ ياق جېنىم، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقتىمىز كۈن ساناپ يېقىنلاشقانسېرى، سىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەكلا ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ?PB}2*R  
_خاتىرجەم بولۇڭا، خوتۇن، ئامال قىلىپ ئۈرۈمچىدە قالىمىز، پەقەت ئامال بولمىغاندا يا غۇلجىغا، يا كورلىغا كېتىمىز. ئىشقىلىپ سىز نەدە بولسىڭىز مەنمۇ شۇ يەردە. Pc~)4>X<  
گەپ بىلەن ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىمىزنىمۇ تۇيماپتۇق. xxdxRy9/  
_ بىردەمدىلا كېلىپ قاپتۇققۇ، يەنە بىردەم ئايلانساقچۇ؟! *qIns/@  
_ ھېلىمۇ سائەت 11 بولۇپ كېتىپتۇ، _ دېدىم يان تېلېفۇنىمنى بېسىپ كۆرۈپ،_ بولدى، ئىككىلىمىز ياتاققا كىرىپ كېتەيلى،خوش! <,T#* fg  
_ قولىڭىزنى قويىۋەتكۈم يوق،_ دېدىڭد- دە، قولۇمنى تېخىمۇ چىڭ سىقتىڭ. غۇژژىدە بىر سېزىم بىلەن ۋۇجۇدۇمغا ئىللىق بىر ئېقىم تارىدى. !un_JZD  
_ كىرىپ كېتەي، ئەتە كۆرۈشمەيمىزمۇ؟ كۈن مۇشۇنىڭ بىلەنلا ئاياقلىشىدىغاندەكلا قىلىسىزغۇ؟ v|>'m#Ln2  
يەنە كۈلۈشتۇقتە ، خوشلىشىپ ھەر ئىككىلىمىز ئۆز ياتاقلىرىمىزغا مېڭىشتۇق.
#1f8A5<  
********************************
nF| m*_DW  
T k>N4yq  
Nb;Yti@Y.  
تۇنجى قار ياغدى. (@?PN+68|  
دېرىزىدىن سېرتقا قاراپ قار تاماشىسى قىلىۋاتىمەن، گەرچە بۇ يىللىق تۇنجى قار بولسىمۇ، خېلىلا قاتتىق باشلاندى. لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارلار ئاستا - ئاستا دەرەخ شاخلىرىغا، يەرلەرگە، مەن يۆلىنىپ تۇرغان دېرىزىنىڭ قىرلىرىغا قونىۋاتىدۇ. قارغا قاراپ كۆڭلۈم يەنە بىئارام بولدى. iPJZ%  
ئىسىت، تۇنجى قاردا تونۇشقان، تۇنجى قاردا ۋەدىلەرنى قىلىشقان، يەنە تۇنجى قاردا ئايرىلىشتۇق.... QJ s /0iw  
شۇنداق بولدى... ئۈرۈمچىدە خىزمەت تاپماق بەك مۇشكۈلكەن، قانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ چىدار ئىدۇق، ئەمما خىزمەتكە ئامال قىلالمىدۇق. wLC|mB yq  
سەن غۇلجىغا بارايلى دېدىڭ، سېنى غۇلجىغا ئاپارغىنىم بىلەن نەدە تۇرغۇزىمەن؟ بېرىپلا خىزمەت تاپالىشىمىز ناتايىن. ئاۋال سەن تۇرغىدەك ماكان ھازىرلىشىم كېرەك. ئامالسىز سەن كورلىغا، مەن غۇلجىغا... كۆزلىرىمىز ياشلانغان، قەلبىمىزگە ھەسرەت تولغان ھالدا بىر - بىرىمىزگە قىيالماي يول ئالدۇق. (byFr9z  
كۆرۈشۈپقۇ تۇردۇق، ئالدىنقى يىلى ئىككى قېتىم... ھەر ئىككىلىمىز دۆلەت مەمۇرىيلىق ئىمتىھانىغا تىزىملاتتۇق.'' چوقۇم ئۆتىمەن '' دېگەن ئىدىڭ، ئۆتۈپ كەتتىڭ. ئەمما مەن ئۆتەلمىدىم. ,.f GZ4  
دەسلەپ ھەر كۈندە تېلىفۇن ئېلىشتۇق، گەپ - سۆزلىرىمىز تۈگىمەيدۇ. سەن خىزمەت ئەھۋالىڭنى ھەر كۈنى ماڭا دوكلات قىلىپ تۇرىسەن، مەن ھەر كۈندە ئۆيدە تۇرسام، ساڭا تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىپ قالغانلىقىمنى، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىمنى ، يەنە سېنى بەكمۇ سېغىنغانلىقىمنىنىلا دېيەلەيمەن. ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بولسىمۇ، ئاۋازىڭنى ئاڭلاش بىلەنلا نېمە دېيىشىمنىمۇ بىلەلمەيلا قالىمەن، ساڭا چاندۇرمىغىنىم بىلەن، كۆزۈمدە ياش...... nK6{_Y>  
تۇرۇپ يەنە شۇ تامتىقى يوق گەپلىرىمدىن زىرىكتىمىكىن دەپمۇ ئويلايمەن، چۈنكى، تېلېفۇنلارمۇ كەلمەس بولدى، مانا، بۈگن سەندىن تېلېفۇن ئالمىغىنىمغا بىر ئاي توشتى. K$\]\qG6  
ئېغىزىڭدىن ئەڭ ئاخىرقى جاۋاپنى ئاڭلاش ئۈچۈن، تېلېفۇن قىلماقچى بولدۇميۇ، ئەمما جۈرئەت قىلالمىدىم. جاۋابىڭدىن قورقتىم. ئەتىگەن يوللىغان ئۇچۇرۇمغا ھازىرغىچە جاۋاپ يوق. rRL:]%POT  
سېرتقا قاراپ تۇرىمەن، ۋۇجۇدۇم سېرتتەكلا سوغۇق، لەپىلدەپ يىغىۋاتقان قار يەرگە ئەمەس، ياپراقتەك تىترەپ تۇرغان ئاجىز يۈرۈكۈمگە چۈشىۋاتقاندەك.... ئىتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغىنىم بىلەن، سېنىڭدىن ئاللىقاچان ئايرىلىپ قالغان ئىدىم....
4?,N;Q  
3j(GcR 9  
مەنبە:ئارزۇ
9dr\=e6) C  
NI \jGR.  
kf>oZ */  
ne4hR]:  
lphQZ{8  
K2<"O qp_W  

tawpek 2010-12-19 12:48
ئىلگىرىمۇ بىر قىتىم ئوقوغاندەك قىلىمەن. =r z7x  
<@:RS$" i  
تۇنجى قار! EzII!0 F  
an q1zH  
بىز بۇ يەردە تىخى بۇيىلغا تەۋە قار كۆرۆپ باقمىدۇق.

yingiyoloqi 2010-12-21 19:05
تۇنجى قارنىڭ سوغۇقىدىن ھاسىل بولغان ئوتلۇق مۇھەببەتنىڭ تەپتىدە بەزى خەتلەرمۇ خاتا يىزىلىپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ ، ئەمما نىمىلا بولمىسۇن  ئادەمگە شىرىن ئەسلىمىلەرنى ئەسلىتىپ ، يۈرەك تارىنى چىكىدىكەن . ساداقەتمەن تىرىشچانلار ھامان ۋىسال پەيزىنى سۈرىدىكەن . lb{X6_.  
------------------ شۇنداق تاتلىق تىما ئىكەن -------------

kok-sultan 2010-12-26 13:39
تۇنجى قاردا ئەسلىدىم سېنى، V~_6t{L  
گەرچە ئۇنتۇپ كەتسەڭمۇ مېنى....

nazperwer 2010-12-29 00:04
ھەر يىلى تۇنجى قار ياققاندا، بىز تونۇشقان ئاشۇ سېھىرلىك دوقمۇشنى ئەسكە ئالىمەن ... &lo 
ھەر يىلى تۇنجى قار ياققاندا ، بىز ئەڭ ئاخىرى خوشلاشقان ئاشۇ سېھىرلىك دوقمۇشنى يوقلاش ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالدى .... ujn7DBE"  
ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخرقى مىنۇتلىرى ، تۇنجى قار ياغققان كۈنلەرگە توغرا كېلپ قالسا ،ساڭا قىيالماي بۇ دۇنياېدىن ئرمان بىلەن كېتىپ قالارمەنمۇ دەپ ئەندىشە قىلىمەن ئەركەم .... nf-6[dg  
شۇڭا ، تۇنجى قار ياققاندا جاھاننىڭ ئۇ تەرىپىدە بولساڭمۇ بىر كېلىپ كەت ....

tawpek 2010-12-29 13:19
يىڭى يىللىق سوۋغا بۇ قارلىق كۈندىكى "u'dd3!  
بىر يىگانە قەلىب بۇ قارا تۈندىكى _ t.E_K  
ئاڭلىغىن سىردىشىم دوستۇم ئارزۇخان BwYR"  
بۇ مىنىڭ  يىغلىشىم تۆۋەن ئۈندىكى DB'3h7T  
qL$\[(  
ئاپئاق قار پاكلىقنىڭ سىموۋىلى ئۇ MnQ 6 !1Z  
ئاشىقلار قەلبىگە سالغان ھاياجان "Z"`X3,-z  
بىراق بۇ قەلبىمدە ھاياجان نەدە 9S?b &]  
ۋىسالدىن شاد بولوپ كۈلەرمەن قاچان؟ t?p>L*  
OSK:Cb.-?F  
d 8z9_C-  
ئىسىمدە مۇشۇنچىلىك قاپتۇ، تولوق ئوتتوردىكى بىر دوستۇم شۇ ۋاقىتلاردا قەلىب ئىزھارىمغا كۈچ قوشوشوپ بىرىپ يىزىپ بەرگەن شىئىر ئىدى. 602=qb  
كۆرۆشۆپ باقمىغىلى 10 نەچچە يىل بوپتۇ. لىكىن قار توغورلۇق ئەسەر كۆرسەملا ئىسىمگە كىلىدۇ. 8yGo\\=T  
ۋاقىت چىقىرىپ تولوقى بىلەن يوللاپ قويارمەن. H"rIOoxf  
ئاڭلىسام ئۇ ھازىر بىر مەسچىتكە ئىمام بوپتۇدەك.

رەيھان 2014-04-18 10:26
پاھ ھەجەپمۇ كۆملۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى.ئىچىدىكى مەزمۇنلاردىن سۆرەتلەر بەكرەك رومانتىك ئىكەن

kok-sultan 2014-05-12 18:58
بۇ ھېكايىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيمەن دېسە....

مىېھرىما 2014-07-11 10:02
مانا مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرلەر ئاەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقرىدۇ ئەمەسمۇ. @RS |}M^4  
51x)fZQ  
Y&`nB,'  
سىزگە رەھمەت  ئارزۇ. مۇشۇنداق ياخشى تىملارنى سۇنۇپ تۇراسىز!!


查看完整版本: [-- تۇنجى قار ئەسلىمىلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled