سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟
سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ئابلىكىم ئابدۇللا (ئابدۇللا ئارىپوۋ ئىزىدىن) 7@>/O)>(AS
سىنى كۈتۈپ باھارمۇ كەتتى، قانچە باھار كۈتەرمەن سىنى؟ ۋەسلىڭ ئەجەپ ئىنتىزار ئەتتى، ھىجرانلارغا تاشلىدىڭ مىنى، سەن كەلمىسىەڭ سۈيەرمەن كىمنى؟ سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ سۈرىتىڭنى ئەۋەتىپسەن يار، سېغىنغاندا كۆرگىن شۇنى دەپ. يۈرىگىمدە بىرلا ئۆزۈڭ بار، ئۈزۈڭ نىچۈن كەلمەيسەن ئەجەپ سېغىنىشىم ئاشتى ھەسسىلەپ، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ تۇرنىلارمۇ قايتتى نەچچە رەت، سىنىڭ ھىچبىر خەۋىرىڭ يوققۇ؟ كۆزلەردە ياش يۈرەكتە ھەسرەت، قەسەملەرنى بەرگەن ئىدۇققۇ؟ قايتىپ كەلدى باھاردا ئاققۇ، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ بىللە يۈرگەن ئاشۇ گۈلباغدا، مەن كىلىمەن ئككى كۆزۈم ياش، قويغۇڭ بارمۇ يامىنى داغدا، بېرەلمەيمەن مەن ئاڭا بەرداش. سەن ئەزىزىم قەلبىمگە قۇياش، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ باھار دىگەن جاھان زىننىتى، قەلبىمنىڭكى باھارى ئۆزۈڭ. سەنسىز ھاياتنىڭ نەدە قىممىتى، ئۆزۈڭ كەلمىدىڭ ياكى بىر سۆزۈڭ، مەن تەرەپكە تەلمۈرۈپ كۆزۈڭ، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ 2010.03.21شەھرى پىچان ciN\SA ZY
ئۆكۈنۈشلەر ماڭا نە ھاجەت Y2QX
<
ئۈتەر كۈنۈم خىياللار كەبى ، بۈگۈن ئەتىنىڭ ئارمىنىنى يەپ. باقمايدىكەن تەقدىر ئارمانغا، ئەپلىگىچە قۇياركەن سەپلەپ. ئۇچاڭغا تاپساڭ قۇرساقنىڭ غىمى، بىرگە يىتىشسەڭ بىردىن قىسىلىپ. ئلاجىسىزلىق يەيدۇ روھىڭنى، ئگىلەر قەددىڭ يەلكەڭ بىسىلىپ. ئاتا-ئانا ھەم قېرىندىشىڭدىن، مائاش كارتىسى سۈيۈملۈك بەلكىم. ئۆي ئىلىش،ئۆيلىنىش،ئۈلۈۋىلىشنى، خىيال قىلماي يۈرەلەيدۇ كىم؟ ئايالىمنىڭ گىرىمى ئۈچۈن، مۆھتاجلىقىم كۈيەر چاراسلاپ. قىزىرىمەن شۇڭا نەچچە رەت، قاتار چايغا ئەللىك سوم بېرەلمەي راسلاپ. ئۈكۈنۈشلەر ماڭا نەھاجەت، ياشاش ئۆلچىمى شۇنچىلىك ئىنىق. سىقىلدىم دۇنيانىڭ بىغەملىكىدىن، رومكىنىڭ مىھرى ئىسسىق،بەك ئىسسىق. تۇرمۇش باشقا نىمە بېرەتتى، ئاتا قىلدى تالاي نام ئاتاق. ئەمما غورورنى يەپ كەتتى ئىست، كۈندە يەۋاتقان بىر قاچا تاماق. 2010.6.01شەھرى پىچان ئۆز يارىغا يېتەمدۇ ساداقەتمەن يار بولسا،ئۇ تەڭرىنىڭ ھىممىتى، ۋاپالىق يار ھاياتنىڭ كۆركى تاجى زىننىتى، ۋاپا ئەھلى جۆرەڭسىز نەدە ھايات قىممىتى، گۈدەك كىچىك كۈيۈشكەن ،ئۆ ز يارىڭغا يىتەمدۇ؟ گۈللېرىڭنى پەرۋىشلەر ئۆي دىگەن شۇ بېغىڭدا، تەنلېرىڭگە كۈچ قۇشار ھالسىزلانغان چېغىڭدا، ساڭا كۈيەر بىر ئۈمۈر پەرۋانىدەك يىنىڭدا، قىسمەتلەرگە كۈنۈشكەن ئۆز يارىڭغا يىتەمدۇ؟ باغلېرىڭغا سۇ تۇتۇپ قىر بىشىڭنى ياقلايدۇ، ئەتە،ئاخشام،سەھەر،كەچ بىر سىنىلا يادلايدۇ، ئېيتقان ناخشا،كۈيىنىبىر ساڭىلا ئاتايدۇ، ئۆز ئۆزەڭگە ئۆزلەشكەن ئۆز يارىڭغا يىتەمدۇ؟ تاغ يىقىلسا بىشىڭغا ،سىنى قوغدار قالقان ئۇ، بىتاپ بۇلۇپ يىقىلساڭ شىپا دورا تالقان ئۇ، ۋۇجۇدۇڭنى ئىللىتار قۇياش كەبى ۋولقان ئۇ، ۋىسال پەيزى سۈرۈشكەن ئۆز يارىڭغا يىتەمدۇ؟ ئۆزگە يارلار نۇر جامال،ئايدەك يۈزلۈك بولسىمۇ، ئەسىر قىلار جىنىڭنى ئاھۇ كۆزلۈك بولسىمۇ، بالدىن لەزىز،ھەسەلدەك،شېرىن سۆزلۈك بولسىمۇ، چىن مىھرىڭدىن سۈيۈشكەن ئۆز يارىڭغا يىتەمدۇ؟ مەيلى ئۇنى تاڭدىكى چاراقلىغان چولپان دە، مەيلى ئۇنى تۈندىكى لاۋۇلدىغان گۈلخان دە، مەيلى ئۇنى شۆھرەتلىك خاقان دىگىن ،سۇلتان دە، تاپقاننى تەڭ يىيىشكەن ئۆز يارىڭغا يىتەمدۇ؟ ۋاپاسىزلار بىچارە گۈل ئىچىلماس بېغىدا، ئشەنچ يوق ،ۋاپا يوق ،كىيىك ياتماس تېغىدا، پۇچۇلىنىپ ياشايدۇ شۇڭا ھىجران دېغىدا، قىياندا تەڭ ئۈزۈشكەن ئۆز يارىڭغا يىتەمدۇ؟ 2010.02.14شەھرى پىچان مەنبە: يازغۇچىلار تورى شائىرنىڭ نارازىلىق پىكرى بولسا ئۆچۈرىمەن،"«سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ» ناملىق شېئىرى بەك مەمنۇن قىلغاچقا يۆتكەپ ئېلىپ كەلدىم،تەۋپىقىمىزدىكى مۇنبەرداشلارنى ھۆزۈر ئالسىكەن دېگەن ئۈمىدىم بار ئىدى... |