پەمىدۇر ساتىمەن بىر ياز ئىشلەپ تىرىدىم سورتلۇق پەمىدۇر، ئاينىدى،يوغىنىدى قان-تەرىم بىلەن. بىر ئائىلە ئوتاپ كۈندە سۇ قۇيۇپ، سورتىمىز سوپۇنلانغان دەسمىلىمىز بىلەن.
پاھ.قاراڭ ئەنە ئوخشاپ كەتتى پەمىدۇرلىرىم، بىرى قىزىل،بىرى سىرىق چىچىلىپ ياتار. كۈندە كىلىپ قارايمەن،ئىڭەكنى قاشلاپ، پەمىدۇر بولمىغان بولسا ئىتىزىم بىكار.
پەمىدۇرنى پەرۋىش قىلىپ ئىرىنماي كۈندە، گەپ ئاڭلايمەن بالا-چاقامدىن كىچەيۇ-كۈندە. پەمىدۇرنان،پەمىدۇر تاماق،پەمىدۇر سەيلەر........ پەمىدۇردىن باشقىسىنى يىمەمدۇق ئۆيدە.
تىرىكمەڭلار ئازلا قالدى ياخشى كۈنلەرگە، پەمىدۇرنى ساتساق قولغا كىرىدۇ پۇللار. پۇل بولسىلا قازىنىمىزدا قاينار كۈندە گۆش، راھەتتىن ياشناپ كىتەر قىينالغان جانلار.
ئەپسۇس مانا بۈگۈن دوسلىرىم پەمىدۇر ساتتىم، بىر كىلوسى،ئىككى جىڭىنىى سەككىز پۇڭدىن. بىر مو يەردىن كىرىم بولدى160يۇئەن، قانداقمۇ قۇتۇلارمەن سۇلياۋ قەرزىدىن. نىسىي سالغان <<پۇخاپى>>ئوغۇتتىن ئەمدى.. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەردە ساتىمەن پەمىدۇر. چوڭ ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدىكى دىھقان قوشنىلىرىمىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ بۇ شئېرنى يازدىم.ئۇلارنىڭ ھالىغا بەكلا ئىچىندىم. بىراق........... مەنبە :ئۆز قەلىمىم |