查看完整版本: [-- يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغاندا يۆتىلىپ بېرىش كېرەك --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغاندا يۆتىلىپ بېرىش كېرەك [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2010-12-07 15:52

يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغاندا يۆتىلىپ بېرىش كېرەك



تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى رورلاپ يۈتىلىپ بەرسە،يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىزز قوزغىلىش ۋە ھوشىنى يۇقىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

ياشانغانلار،بولۇپمۇ ياشانغان يۈرەك قان تومۇر بىمارلىرى يۈرەك قان تومۇرى ساغلام بولمىغاندا ئورىنىدىن تۇرغاندا قان بېسىمى تۆۋەنلەپ،مېڭىدە قان يېتىشمەي ھوشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئورنىدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن يېتەرلىك نەپەس ئېلىش،ئاندىن كۈچەپ بىر نەچچە قېتىم يۆتىلىۋېتىش كېرەك.بۇنداق قىلغاندا،ھوشىدىن كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.يۈتەلگەندە قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يۈرەككە ئېقىپ كىرىپ تەۋرىنىشى نەتىجىسىىدە يۈرەكنىڭ تارىيىشى تېزلىشىدىكەن.يۈرەك تارايغاندا قان بېسىمى 50 ـــ 80 مېللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىگىچە ئۆرلەيدىكەن.بۇ ، چوڭ مېڭىىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە پايدىلىق ئىكەن.

ئەسلىي مەنبە: «جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى»

مەنبە : « شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى» 2010-يىللىق 10-سان

tawpek 2010-12-07 17:12
يۈرەك قان تومور بىمارلىرى يۆتەلسە مىڭىسىگە قان چۈشۈپ كىتىش ئىھتىماللىقى يوقمىكەن؟

ئەكبەرنىياز 2012-12-09 03:56
بۇ ناھايتى مۇھىم تېما ئىكەن ، كۆكسانغۇن ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغاندا يۆتىلىپ بېرىش كېرەك --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled