查看完整版本: [-- بۇ خىل مېڭىش ئادىتى سالامەتلىككە پايدىلىق --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> بۇ خىل مېڭىش ئادىتى سالامەتلىككە پايدىلىق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2010-12-07 15:51

بۇ خىل مېڭىش ئادىتى سالامەتلىككە پايدىلىق

پۇتنىڭ ئۇچىدا مېڭىش:پۇت ئۇچىدا مېڭىش ھەركىتىنى ئىشلەپ بەرسە،پۇت ئالقىنى ۋە پاقالچاق ئارقىسىدىكى مۇسكۇلار چىڭىپ،ئۈچ مۇزەككەر پەلىسىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
تاپاندا مېڭىش:تاپاندا مېڭىپ بەرسە ئىككى ساغرا قىسمى ھەرىكەتلىنىپ،پۇت ئالدى تەرەپتىكى مۇسكۇللارنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۈچ مۇزەككەر پەلىسىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
«8»شەكلىدە مېڭىش:پۇتنى قايچىلاشتۇرۇپ مېڭىش ھەركىتى ھاردۇقنى چىقىرىدۇ.

ئارقىچە مېڭىش:ئارقىچە ماڭغاندا،پۈتۈن بەدەن بوشىاپم،تېز بۇغۇم ئارقىغا سىلجىپ،ئىككى ساغرا ئالدى-كەينىگە ھەرىكەتلىنىپ،دائىپ ھەرىكەتلەنمەيدىغان مۇسكۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ،قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق مېڭە يىگىلەش ۋە بەل ئاغرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ.

ئوڭدا بولۇپ مېڭىش:ئاستا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ،ئىككى قول ئالقىنىنى يەرگە تېرەپ،باشنى تۆۋەن سېلىپ تۆت«پۇت»لاپ مېڭىش كېرەك.بۇنداق قىلىش ئارقىلىق باش قىسىمدىكى قان مىقدارىنى ئاشۇرۇپ،يۈرەكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش،بويۇن ئومۇرىتقا كېسىلى،بەل-پۇت ئاغرىش،پۇت ۋىنا تۇمۇرلار كۆپۈشى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپى» 2010-يىللىق11-سان


tawpek 2010-12-07 17:16
بۇ دىگەنلىك كۆپلەپ  تانسا -پانسا، ئۇسۇل- پۇسۇل ، ھەتتا كوچا ئۇسۇلىنىمۇ ئويناپ بىرىڭ دىگەنلىككەن دىسە.

دادامنى ئارقىچە ماڭدۇرۇپ بەرسەم بولغۇدەك.

mikray 2011-07-19 00:14
بىلىۋالدىم، بەك ياخشى تېمىكەن

tawpek 2011-07-19 20:18
پۇتنىڭ ئۇچىدا مېڭىش:پۇت ئۇچىدا مېڭىش ھەركىتىنى ئىشلەپ بەرسە،پۇت ئالقىنى ۋە پاقالچاق ئارقىسىدىكى مۇسكۇلار چىڭىپ،ئۈچ مۇزەككەر پەلىسىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.


ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىدىغانلار ئۈچۈن ئادەتتىكىچە ئىشتە بۇ.

ئەكبەرنىياز 2012-12-09 07:35
مەنمۇ بىلىۋالدىم ، ياخشى تېما ئىكەن ، ۋاقىت چىقىرىپ مېڭىپ بەرسەك بولغۇدەك ، تېما ئىگىسىگە رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- بۇ خىل مېڭىش ئادىتى سالامەتلىككە پايدىلىق --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled