koksangun |
2010-12-07 15:48 |
تۇرۇپنى بوش چاغلىماڭ،ئۇ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
تۇرۇپنى بوش چاغلىماڭ،ئۇ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى بىز ئىستىمال قىلىدىغان تۇرۇپنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان«ئېسىل دورا»ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە،تۇرۇپ تەركىبىدە ئۆسمىگە ۋە ۋىروسقا قارشى بىر خىل ئاكتىپ ماددا بار بولۇپ،بۇ ھۈجەيرىنى غىدىقلاپ،ئېنتېرفېرون ئىشلەپچىقىرىدىكەن.تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىشىچە،بۇ خىل ماددا ئادەمنىڭ تەن ئەزالىرىنى قىزىلئۆڭگەچ راكى،ئاشقازان راكى،بۇرۇن-كېكىردەك راكى،ماتكا بويۇن راكى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدىغان ھۈجەيرىلەردىن ئايرىپ تۇرۇشقا ئۈنۈملىك تېزگىنلەش رولىغا ئىگە ئىكەن.
بۇ تۈردىكى تەتقىقات تېمىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىنا ئېلمى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋېروس ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ پىشقەدەم تەتقىقاتچىسى شۈ جاۋشياڭ بولۇپ،ئۇ ئون نەچچە يىل مەخسۇس تۈر بويىچە جاپالىق ئىزدىنىپ،نۇرغۇن مولكىلا بىيولوگىيەسى تەتقىقات سانلىق مىلۇماتلار ئارقىلىق بىزنى راك كېسىلىدىن مۇداپىيە كۆرۈشتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان ساقلىقنى ساقلاش رېتسېپى بىلەن تەمىنلەپ.ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى مۇنداق:تۇرۇپنى خام پېتى ئۇزاق چايناپ يېيىش(تۇرۇپنى پىشۇرغاندا ئۇنىڭدىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ)،ئۇزاق چايناپ يېگەندە ئۇنىڭدىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەر ئاجىرىلىپ چىقىدۇ.شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى،تۇرۇپنى يەپ بولغاندىن كېيىن يېرىم سائەتكىچە ئۇسسۇزلۇق ئىچىشكە،يېمەكلىك يېيىشكە بولمايدۇ.تۇرۇپنى 3-2سەردىن ئىستىمال قىلسا بولىدىكەن. مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى 2010-يىللىق 10-سان
|
|