تەۋپىق ئەپەندى كۆرۈۋاتامسىز؟
تەۋپىق ئەپەندى كۆرۈۋاتامسىز؟ ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىر يول بار، ئۇ يۈرەكتىن - يۈرەككە تۇتىشىدۇ. بۇ يولدىن پىداكارلىق، ئادىمىيلىك، ئىلىم - پەن، ھۆرمەت - ئىززەت، مېھرىبانلىق، سەمىمىيلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ.
************************ قەدىرلىك ئۇستاز، ئوتلۇق يۈرىكىڭىز سوقۇشتىن توختىغىلى 67 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈنلەردە سىزنى چەكسىز ھۆرمەت، سېغىنىش بىلەن ئەسلەۋاتىمەن. ھەر قېتىم مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگىنىمدە، دەرس مۇنبىرىدە تۇرغىنىمدا سىزنىڭ قۇياشتەك مەڭگۈ نۇر چاچىدىغان تۇرقىڭىز كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ، ئالدىمدا كۆزىنى مۆلدۈرلىتىپ ئولتۇرغان ئىلىم تەشنالىرىغا مۇھەببىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. سىزنىڭ تومۇرىڭىزدا ئاققان ساپ قان مېنىڭ تومۇرلىرىمغا سىرغىپ چۈشۈۋاتقاندەك، سىزنىڭ جاھالەتنى يورۇتقۇچى مەشئەل بولغان روھىڭىز ماڭا مەدەت بېرىۋاتقاندەك، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت مۇقەددەس، خاسىيەتلىك يولدىن قايتمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن دۈشمەن ئوقىدا تېشىلگەن باغرىڭىز، ئالۋاستىلارنىڭ كۆزلىرىدىن چاچراپ چىققان ئوتتا كاۋاپ بولغان جىسمىڭىز مېنى ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە ئىتتىرىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. سىزمۇ ماڭا ۋە بىزلەرگە ئوقۇتقۇچى ئىدىڭىز. ئەمما سىزنىڭ بىزلەرگە ئوخشاش مۇقىم ئوقۇغۇچىلىرىڭىز يوق ئىدى. رەت - رەت بىنالىرىڭىز، تەييار كىتابلىرىڭىز، تەجرىبىخانا، كۇتۇپخانىلىرىڭىز، تەنتەربىيە سايمانلىرىڭىز يوق ئىدى. ئۇ چاغدا ياڭ زېڭشىن، شىڭ شىسەيلەر سىزنى چەكلەپ تۇراتتى، مۇتەئەسسىپ كۈچلەر سىزگە قارشى تۇراتتى. مىللىتىمىزنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن ئاۋۋال مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان، تونۇغان ئوتلۇق يۈرىكىڭىز بارلىق قاماللارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يىللاردىن بېرى سۈت ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان بۇ قەدىمىي تۇپراقنى سىلكىشلەپ ئويغاتتى. بۇنىڭ بەدىلىگە سىز 36 يېشىڭىزدا ھاياتىڭىزنى تەقدىم ئەتتىڭىز. تەۋپىق ئەپەندى، مەقسىتىڭىز: «ئەۋلادلارنىڭ جاھالەت تۇمانلىرى ئىچىدە ئېزىپ قالماسلىقى ئۈچۈن» ئىدى. قەشقەر، ئاتۇشلارنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىنى ئارىلاپ، مەرىپەت ئۇرۇقىنى چاچتىڭىز. خەلق سىزنىڭ خالىس روھىڭىزدىن تەسىرلەندى، سىزگە ئىشەندى، سىزگە ئەگەشتى. سىزدىكى ساپ يۈرەك خەلقنىڭ قاراڭغۇ دىلىغا شام - چىراغ بولۇپ يېقىلدى. كۆزىڭىزگە ئۆلۈم سايىسى كۆرۈنگەندە، قاچقان بولسىڭىزمۇ بولاتتى. سىز: «قاچسام ئوقۇغۇچىلىرىمغا يۈز كېلەلمەيمەن، نېمە كۆرسەم تەڭ كۆرەي» دەپ، قاچماي جاھالەت كۈچلىرى بىلەن باتۇرانە ئېلىشتىڭىز. تەۋپىق ئەپەندى، سىز ھاياتىڭىز ۋە ئۆلۈمىڭىز ئارقىلىق قانداق ئادەملەرنىڭ »ئوقۇتقۇچى«لىققا لايىقلىقىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ نېمىلىكىنى بىزلەرگە تونۇتۇپ قويدىڭىز. تۈمەنلىگەن ئوقۇتقۇچىلار سىزدەك پىداكارلىق بىلەن ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش يولىدا قان - تەر تۆكتى ھەم تۆكمەكتە. بۇلارنى كۆرۈپ روھىڭىز خۇش بولغاندۇ! ئوقۇتۇشنىڭ ھازىرقىدەك ياخشى شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانسىز!؟ تەۋپىق ئەپەندى، كۆرۈۋاتامسىز، مانا، قولۇمدا «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ (2004) 17 - فېۋرال سانى تۇرۇپتۇ. مەن بۇ گېزىتنى ئىككى ئايدىن بېرى ساقلاۋاتىمەن. مەن ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، مائارىپ، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى توغرىسىدىكى ھەرقانداق ئۇچۇرغا دىققەت قىلىمەن. ئىلگىرى گېزىت - ژۇرناللاردىن ئوقۇتقۇچىنى مەدھىيىلەيدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش تېمىسىدىكى خەۋەر، ماقالىلەرنى كۆپرەك كۆرەتتىم. قولۇمدىكى گېزىتتە ئۇنداق ئەمەس. قاراپ بېقىڭ، خەۋەرنىڭ ماۋزۇسى: «ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن تەڭ ئىمتىھان ئېلىندى، بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارچىلىك نومۇر ئالالمىدى». خەۋەر مەزمۇنىدىن قارىغاندا، مەلۇم ۋىلايەتنىڭ بىر قېتىملىق مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن تەڭ ئىمتىھان ئېلىنغان، 30% ئوقۇتقۇچى لاياقەتسىز بولۇپ چىققان، ھەتتا 18 نومۇر ئالغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ بولغان. تەۋپىق ئەپەندى، بۇ خەۋەردىن ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ 18 نومۇر ئالغان ئوقۇتقۇچىغا ئېچىندىڭىزمۇ؟ ئازابتىن يۈرىكىڭىز ئۆرتەندىمۇ؟ مەنمۇ ئېچىندىم، ئازابلاندىم. ئەمما، قىلچە ھەيرانلىق ھېس قىلمىدىم. نېمىشقا دېسىڭىز، خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدا ساختىلىق، كۆپتۈرمىچىلىك يوق. يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمدىن قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلارچىلىكمۇ نومۇر ئالالمايدىغان، ھەتتا 18 نومۇر ئالىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ بولۇشى شەكسىز. مەن تولىمۇ «ئەپسۇسلاندىم»، تەۋپىق ئەپەندى، بىز يېقىندىن بېرى مەدھىيە، ماختاشلارغا كۆنۈپ كەتكەن تۇرساق، بىزلەرنىڭ نۇقسانلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇنداق خەۋەرلەر گېزىتكە بېسىلماسلىقى، بىزلەردەك «ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرلىرى»نىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشلار جەمئىيەتكە ئاشكارىلانماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۆزىمىزنى ئەۋلىيا چاغلاپ، ئۆدەككە سۇ يۇقمىغاندەك كەمچىلىكلىرىمىزنى تۈزۈلمىگە، شارائىتقا، ئوقۇغۇچىلارغا دۆڭگەپ قويۇپ ئۆگىنىپ قالغان بىزلەرنىڭ ئەپتى - بەشىرىمىز ئاشكارىلاپ قويۇلسا، «ئەپسۇسلانماي تۇرالامدىم؟» خەير، بولار ئىش بولدى. مەن سىزگە ئۆزىنى «ئوقۇتقۇچى» دەپ ئاتىۋالغان بىر قىسىم نائەھلىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىپ قوياي، روھىڭىز قوزغىلىپ، قوشۇنىمىز پاكلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. تەۋپىق ئەپەندى، روھىڭىز ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ «سېسىق توققۇزىنچى» بولۇپ، جەمئىيەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان كۈنلىرىمىزمۇ بولغان. «ئەپەندى دېگەنلىك ئېشەك قۇيرۇقى دېگەنلىكتۇر» دەپ ھاقارەتلەشلەرمۇ تۈگىگىنى يوق. بىر نەرسە سېتىۋالغاندا ئازراق باھا تالاشساقلا،«سىلى ئوقۇتقۇچىمۇ؟ ! » دەپ تىكىلىۋاتقان مەسخىرىلىك كۆزلەردىن تارالغان زەھەرلىك نۇر يۈرىكىمىزنى لەختە قىلىدۇ، خۇددى باشقا ئادەملەر باھا تالاشمايدىغاندەك. بۇ مۇرەككەپ دۇنيادا ئۇنداق ياكى مۇنداق قاراشلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. بەزىلەر دېھقانلىرىمىزنى «قالاق، نادان» دەپ ھاقارەتلەيدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن دېھقانلىرىمىز يەردىن ۋاز كەچمەيدۇ. بىزمۇ شۇنداق، ھەرقانچە ھاقارەتلەنسەكمۇ بىز دەرس مۇنبىرىدىن ۋاز كەچمەيمىز. بىز سىزگە ئوخشاشلا دەرس مۇنبىرىدىن سەبىي قەلبلەرگە ئىلىم ئۇرۇقىنى، ئادىمىيلىك ئۇرۇقىنى چېچىپ ئۇنىڭدىن ھوسۇل ئالىمىز. بالىلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولغانلىقى بىزنىڭ ھوسۇلىمىز. نادانلار بىزنى ھاقارەتلىسە، ئاقىللار بىزنى ماختاپ، قەدىرلەپ، شان - شەرەپ ئاتا قىلىپ كەلگەن. بىزنى قۇياشقا، ئايغا، شامغا، باغۋەنگە، ئانىغا تەققاسلاپ، «ئون قەدەم يىراقلىقتىن سالام بېرىشكە ئەرزىيدىغانلىقىمىز» نى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. باشقىلار بىزنى ماختىسۇن ياكى ھاقارەتلىسۇن، بىز ھامان ئوقۇتقۇچى، بىز دۇنيانىڭ مەركىزى __ ئادەمنى تەربىيىلەۋاتىمىز. مۇقەددەس ئورۇن __ دەرس مۇنبىرىدە تۇرۇپ، قۇياش بولىمىز، شام بولىمىز، باغۋەن بولىمىز، مېھرىبان ئانا بولىمىز. مەن ئويلايمەن، ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەمدە سىزنىڭكىدەك روھ بولۇشى، ساپ، سەمىمىي يۈرەك بولۇشى، تومۇرىدا ئەبجەش يۇندا ئەمەس، سۈپسۈزۈك قان ئېقىشى كېرەك. بىز ھەممىمىز شۇ تەلەپكە لايىقمۇ؟ توغرا، ھەممىمىزنىڭ سىزدەك يۈكسەك پەزىلەتكە ئىگە بولۇشىمىز ناتايىن. بىزمۇ ئادەم. ئادەم كۆپ جايدا ياخشىسى بىلەن ناچىرى، ئوبدىنى بىلەن ئەسكىسى ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. لېكىن ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى مەلۇم بىر پەننىڭ(دەرسلىكنىڭ) ماھىرى بولۇشى، ھېچ بولمىغاندا پىششىقراق بىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئادەتتىكى، ئەڭ تۆۋەن تەلەپكىمۇ يېتەلمەي، ئۆزىنى »ئوقۇتقۇچى« دەپ يۈرۈپ، سىزگە ۋە بىزلەرگە داغ تەگكۈزۈۋاتقانلارمۇ بار. تەۋپىق ئەپەندى، سۆزلەپ بەرسەم تېخىمۇ ھەيران قالىسىز. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر كۈنى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇلارغا بىزنىڭ (ئەدەبىيات) فاكۇلتېتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى «ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىياتى» دەرسىنى ئۆتۈپتۇ. ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىدىكەن - دە، كونىراپ كەتكەن قېلىن دەپتەردىن باش كۆتۈرمەي ئوقۇپ بېرىپ، ۋاقىت توشسا چىقىپ كېتىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار بۇنداق خەت ئوقۇشتىن زېرىكىپتۇ. بىر كۈنى ئوقۇتقۇچى يەنە شۇنداق خەت ئوقۇۋاتقاندا قوڭغۇراق چېلىنىپتۇ. ئوقۇتقۇچى دەپتەرنى قويۇپ سىرتقا تاماكا چەككىلى چىقىپ كېتىپتۇ. بىر ئوقۇغۇچى دەپتەر ۋارىقىنى ئالدىغا يىگىرمە نەچچە بەت ئۆرۈپ قويۇپتۇ. ۋاقىت توشقاندا، ئوقۇتقۇچى مۇنبەرگە چىقىپ ئۆرۈپ قويۇلغان جايدىن باشلاپ ئوقۇشقا باشلاپتۇ - دە، ۋاقىت توشقاندا چىقىپ كېتىپتۇ. تەۋپىق ئەپەندى، قاراڭە، ئاشۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىشقا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغانلىقى، نېمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىرەر قېتىم ئويلىنىپ باققانمىدۇ؟! ئۇنىڭ قارانچۇقتىن نېمە پەرقى؟! 2001 - يىلى مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ناھىيىمىزنىڭ بىر يېزىسىدا تۆت ئاي تۇرۇپ قالدىم. ۋەزىپەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدىيە، خىزمەت ئەھۋالىغا قارىتا ئانالىز ماتېرىيالى يېزىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش ئىدى. ماتېرىيالنى ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئۆز قولى بىلەن يېزىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار يازغان ماتېرىياللاردىكى باغلاشمىغان جۈملە، خاتا ئىشلىتىلگەن سۆز، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ پەقەت يوقلۇقىنى سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا. مېنى ئېچىندۇرغىنى، ئوتتۇز يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە شتاتلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ ساۋاتسىزلىقى بولدى. ئۇ لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىلا بىلىدىكەن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى (كونا يېزىق)نى بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ قانداقلارچە 30يىل خىزمەت قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. 2001 - يىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى بىر يولداش بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كەچلىك بازارغا لەڭپۇڭ ئالغىلى بېرىپ، لەڭپۇڭچىنىڭ غالتىكى ئاستىدا بىرمۇنچە تاپشۇرۇق دەپتەرنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئېلىپ قارىسا، مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەپتىرى ئىكەن. ئوقۇتقۇچى دەپتەرنى لەڭپۇڭچىغا تەكشۈرۈشكە بېرىپتۇ. بىر دەپتەرنى «تەكشۈرۈپ»(نومۇر قويۇپ) بەرسە، بىر موچەن بېرىدىكەن. قاراڭ، تەۋپىق ئەپەندى، تاپشۇرۇق دەپتەرنىڭ گېپى چىقىپ، بىر ئىش ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ جيەن قىزم بار. ئۇ مەلۇم ناھىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. قىشلىق تەتىل ۋاقتى ئىدى. ئايالىم ئۇ قىزغا: «تەتىل تاپشۇرۇقلىرىنى ياخشى ئىشلەڭ، تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلسا، ساۋاقداشلىرىڭىز ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالىسىز» دېدى. قىز شۇئانلا: «ئىشلىسەكمۇ خانىم تەكشۈرمەيدۇ، ئۆتكەن يىلقى تەتىلدە تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بارغانىدۇق، خانىم تاپشۇرۇقلارنى يىغىپلا: <قىشتا ئوت قالايمىز> دەپ، تام ئىشكاپقا سېلىۋەتكەن» دېدى. ئايالىم بىلەن نېمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدۇق. 2002 - يىلى مەن قۇربان بولغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ھاياتىغا دائىر ماتېرىيال توپلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا خىزمەت قىلغان باشلانغۇچ مەكتەپكە باردىم. 2 - يىللىقتا ئوقۇۋاتقان سەبىيلەر قۇربان بولغان ئوقۇتقۇچىسىنى تەرىپلەپ، يەنە بىر ئوقۇتقۇچىدىن قاقشاپ كەتتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ماتېماتىكا دەرسى بېرىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى (ئايال) بولۇپ، دەرس ۋاقتىدا قولىدىن ئېلېكترونلۇق ھېسابلىغۇچ چۈشمەيدىكەن. سانلار ئىچىدىكى تۆت ئەمەل (قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشلەر)نى ھېسابلاشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسابلىغىنىنىڭ توغرا - خاتالىقىنى ھېسابلىغۇچنى بېسىپ كۆرگەندىن كېيىن ئايرىيدىكەن. بىر كۈنى بىر ئوقۇتقۇچىدىن: «سىز قايسى گېزىت - ژۇرنالغا مۇشتەرى بولدىڭىز؟» دەپ سورىدىم. ئۇ قىلچە خىجىل بولماستىن: «ھېچقانداق گېزىت - ژۇرنالغا مۇشتەرى بولمىدىم. پەقەت ئوقۇغۇم كەلمەيدۇ. دەرسلىك كىتابنىمۇ ئوقۇشقا خۇشياقمىسا …» دېدى. ھەيرانلىق، غەزەپ ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم. 2002 - يىلى ۋىلايەت بويىچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى باھالاشقا قاتناشتىم. بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماقالىسىدە تەنتەربىيە دەرسىنى قانداق ئۆتۈش توغرىسىدا ئۇزۇن توختىلىپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن: «تەنتەربىيە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سورىغانىدىم، ئوقۇتقۇچى جاۋاب بېرەلمەي، ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ تەنتەربىيە كەسپىدە ئۈچ يىل ئوقۇغانىكەن. ماقالە باھالاش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىزلىقىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن كۈلكىلىك، ئېچىنىشلىق ئىشلار بولدى. ھەممىنى سۆزلىسەم، سىز بەلكىم غەزەپتىن يېرىلىپ كېتىسىز. «بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار! » دەپ يۇقىرى - تۆۋەن مۇراجىئەت قىلىۋاتقان، ھەر جەھەتتىن قوللاۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى بىر قىسىملارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقنى جان بېقىش دەسمايىسى قىلىۋېلىپ، ئىلىمگە تەشنا دىللارغا مەرىپەت چىرىغى ياقماي، ئىلىم - ئىرپان ئىشقىدا يېنىشقا باشلىغان تالاي چىراغلارنى ئۆزىنىڭ ساپاسىزلىق شامىلى بىلەن ئۆچۈرۈۋاتقانلارنى كۆرۈپ، غەزىپىڭىز قايناپ تاشىدۇ. تەۋپىق ئەپەندى، سىز دوختۇر ئەمەستىڭىز. ئەمما مۈرىڭىزدە تۈركىيىدىن ئالغاچ كەلگەن دورا ساندۇقى بار ئىدى، ئوقۇغۇچىلاردىكى، خەلق ئارىسىدىكى ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە دورا بېرىپ ماڭاتتىڭىز، تازىلىقنى تەشەببۇس قىلاتتىڭىز؛ ساقچى ئەمەستىڭىز، قىمار ئوينىغان، ئۇرۇشقانلارنى جازالايتتىڭىز؛ سىز ئورمان كادىرى ئەمەستىڭىز، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ يۈز مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكتۈرگەنىدىڭىز؛ سىز ئوقۇتقۇچى، پېداگوگ بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارغا، خەلققە پايدىلىق ھەرقانداق ئىش سىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىز ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق ئىشلىرىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتىڭىز. ئېيتىڭا، تەۋپىق ئەپەندى، سىز ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ قويغانمۇ؟ سىز ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەنمۇ؟ قىز ئوقۇغۇچىلىرىڭىز بىلەن ئىش - پەش تارتىشىپ قالغانمۇ؟ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى ھاراققا، تاماكىغا، قىمارغا زورلاپ باققانمۇ؟ ئۇلارنىڭ يارىلىنىشى، ئاغرىشى بىلەن كارىڭىز بولماي يۈرگەنمۇ؟ ... بىلىمەن. تەۋپىق ئەپەندى، سىز: «ياق!» دەپ جاۋاب بېرىسىز ھەم «ئوقۇتقۇچى ئۇنداق بولمايدۇ، ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك» دەيسىز. سىزگە ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا پوخۇرلۇق قىلغان، باسقۇنچىلىق قىلغان، مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ ياقا - بۇلۇڭلارغا سۆرىگەن، ئوقۇغۇچىلىرىنى تانسا سورۇنلىرىغا باشلاپ كىرىپ كۆڭۈل ئاچقان، ئوقۇغۇچىلىرىنى «مېھمان كۈتۈش»كە سېلىپ، باشقىلارغا خۇشامەت قىلغان، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھاراق ئىچكەن، ئوقۇغۇچىلاردىن تاماكا سورىغانلارنى سۆزلىسەم ساماندەك جىق. ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ، سېسىق پۇراپ سىنىپقا كىرىپ ئالا - جۇلا سۆزلەيدىغانلار، سىنىپتا خورەك تارتىپ ئۇخلايدىغانلارنىمۇ ئۇچرىتىش ئانچە تەس ئەمەس. ئەمما، سىز ھاراق ئىچىپ سىنىپقا كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا سىنىپقا كىچىك تەرەت قىلغانلار بار دېسەم ئىشەنمەسسىز. بۇ راست، ھەقىقەتەن شۇنداق ئىش بولغان. بۇ ئىش ناھىيىمىزدە غۇلغۇلا قوزغاپ پەسىيىپ قالدى. تەۋپىق ئەپەندى، يەنە بىر ئىش دىلىمنى تولىمۇ غەش قىلدى. سىزگە تاپشۇرۇق دەپتەرنى ئوت قالاشقا ئىشلىتىدىغان خانىمدا ئوقۇيدىغان جيەن قىزىمنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەنىدىم. بىر كۈنى قىزىم مەكتەپتىكى بايراق سۇپىسىدىن چۈشۈۋېتىپ پۇتى قايرىلىپ سۇنۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ۋايجانلاپ يىغلاپ ياتقاچقا، ساۋاقداشلىرى جىددىيلىشىپ، خانىمغا خەۋەر قىلىپتۇ. خانىم ئىشخانا ئالدىدا ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك: «ئەجەب بىر يەرلىرى سۇنىدىغان بالىكەن» دەپ قويۇپ، ئىشخانىغا كىرىپ كېتىپ، چىقماپتۇ. ساۋاقداشلىرى ئۇنى يۆلەپ مىڭ تەستە ئۆيدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىپتۇ. قىز نەچچە ئون كۈن ياتسىمۇ خانىم بىرەر قېتىم يوقلاپ كەلمەپتۇ. تەۋپىق ئەپەندى، سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ قولىغا تىكەن كىرىپ كەتسە، يۈرىكىڭىز «چىممىدە» قىلار ئىدى. پۇتى سۇنغان ئوقۇغۇچىسى بىلەن كارى بولمىغان ئۇنداقلارنى قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى دېگىلى بولسۇن! يىغلاپ ياتقان شۇ قىز، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىر ئېغىز تەسەللى سۆزىگە نەقەدەر موھتاج بولىدۇ - ھە! ئوقۇتقۇچى بېرىپ، ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويغان بولسا، ئىللىق ئېقىم ئۇنىڭ سەبىي قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مېھرىبان ئانا، مەكتەپنىڭ ئىللىق ئائىلە ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقى مۇمكىن ئىدى. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى، ھەتتا بىرەر قېتىم يوقلاپ قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نۇرلۇق سىماسى خىرەلەشكەندەك بولدى. تەۋپىق ئەپەندى، سىز ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەنكى، ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بىر يول بار، ئۇ يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتىشىدۇ. بۇ يولدىن پىداكارلىق، ئادىمىيلىك، ئىلىم - پەن، ھۆرمەت - ئىززەت، مېھرىبانلىق، سەمىمىيلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. شۇندىلا ئوقۇتقۇچى قۇياشقا، ئايغا، شامغا، باغۋەنگە تەڭداش تۇرىدۇ. شۇڭا سىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقتىڭىز. ئوتلۇق يۈرىكىڭىز جاھالەت زەنجىرلىرىنى ئېرىتىپ كۈل قىلدى. سىزنىڭ نۇرلۇق سىمايىڭىز مائارىپىمىزنىڭ كۆپكۆك ئاسمىنىدا، ھەربىر ۋىجدانلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي نۇرلىنىدۇ. تەۋپىق ئەپەندى، سىزگە دەيدىغانلىرىم تۈگىدى. يۈرەكنى ئۆرتەيدىغان ئىشلارنى يەنە ئۇچراتسام يەنە دەيمەن. سىزگە دېسەم كۆڭلۈم خېلى ئازادىلىشىپ قالىدىكەن. روھىڭىز ئۆزىنى ئوقۇتقۇچى دەپ يۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق لاياقىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەرنى تەربىيىلەپ، سىزگە ئوخشاش پېداگوگ قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققاي ! كەسىپداشلىرىمغا دەيدىغىنىم: ساپاسىزلىقىمىز، مەسئۇلىيەتسىزلىكىمىز تۈپەيلى ئەۋلادلار بىزنىڭ قولىمىزدا نابۇت بولمىسۇن. گۈزەل ئارمانلار بىلەن مەكتەپ بېغىدا بىخ سۈرگەن ئاشۇ غۇنچىلار بىزنىڭ پەرۋىشىمىزدىن پورەكلەپ، ھەر يەردە خۇشپۇراق چاچسۇن. ئۇلار بىزدىن ئىلىمگە بولغان ھېرىسمەنلىكنى، پەرىشتىدەك پاكلىقنى، يۈكسەك پەزىلەتنى ھېس قىلسۇن. تەۋپىق ئەپەندىنىڭ جاھالەتلىك دۇنيادىكى خالىس نىيىتى، قەيسەر ئىرادىسى، پىداكار روھى بىزگە ئۈلگە بولسۇن !
(ئاپتور: گۇما ناھىيە كىلياڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى) جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى 2004.5 - سانىدىن
|