qartikin |
2010-08-06 13:16 |
قەرىزنى سېتىش ( چارتېكىن)
قەرىزنى سېتىش ) 3YE$,
ZV;#ZXch ;2dhue مۇشۇ كۈلەردە ئۆزۈمدىن ئۆزىم ئەنسىرەپلا يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدىم . نىمىشقا دەمسىز ئسكەندەر قۇغۇشۇندا لاي تۈمۈردە قىش ياساپ ھەجۇجە – مەجۈقىلارنىڭ چىقىش يولىنى ئىتىۋەتكەن ھىلىقى تاغ بارغۇ،كان ئاچىدىغانلار ئاشۇ تاغنى كولاۋېرىپ، ئۇيەرگە بەنىت قىلىنغان ھەجۈجى – مەجۈجىلەر چىقىرۋېتىپتۇ. ئۇلار ئادەملەر ئارسىغا كىرۋېلىپ كىشلەرنى خىلمۇ – خىل ئۆزگەرتىپ باشقىلا بىر ئەدەمگە ئۆزگەرتىپ قۇيۇۋېتىپتۇ دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ كىچىللىرى سىرىتقا چىقىشتىنمۇ قورقىدىغان بۇلۇپ قالدىم . دىمىسىمۇ بىزنىڭ مەھەلىدىكى توختى ياۋاش تۈزۈكلا بىر ئادەم ئىدى خۇدايىمنىڭ مۆمىن بەندىسى ئالدىغا چۈمۈلە ئۇچراپ قالسىمۇ دەسسىۋەتمەي يانداپ ئۆتەتتى. توۋا دىمسە بولمايدۇ ئۇ ھازىر ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم ئۇنىڭ تۆت بالىسى بار ئىدى ، ئايالىمۇ تۈزۈك بىر ئايال ئادەمگەرچىلىكى بار ئۇشۇقچە گەپ سۆزى يوق خۇدايىمنىڭ مۆمىن بەندىسى ئىدى . نىمىشقا شۇنداق قىلغاندۇ دەيمەن بۇنىڭمۇ بىر سەۋەبى بولىشى كىرەك تە! سورغۇچىلارغا كىلىشەلمىدۇق دەيمىش ئەسلىدى شۇ ھەجۈجە- مەجۈجىنىڭ باللىرى ئۇنىڭغا چاپلىشىۋېلىپ ئۇنى ئەنە شۇنداق باشقىلا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قۇيۋاتقان گەپ ،بولمىسا بىكاردىن بىكار 4 بالىسىنى يىتىم قىلىپ ئاجرىشامدۇ . تېخى يەنە ئاجراشقان تۇرۇپ كىچىللىرى، يەنە شۇ ئۆيدە يېتىپ قۇپارمىش. شەرىئەتچىلەر پەتىۋا چىقارسا « بىز جاڭزىنى ئاقارتقان بىلەن نىكايىمىزنى تېخى بىكار قىلمىدۇق ئۇنىڭ ئۈستىگە سوتتا ھەممە تەلۇقاتىمنى بالىلارنىمۇ قۇشۇپ ئايالىمغا بۇيرىۋەتى مېنىڭ ھازىرچە باردىغان يىرىم بولمىغاچقا بالىلارغا تارتىشىپ مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ تۇرۋاتىمەن » دېگۈدەكمىش دېمىسىمۇ بۇ دەملىك بولغاندا ئۇ نەگىمۇ بارالايتى . بەزىلەر ئۇ بانكىدىن ئالغان 100 مىڭ يۈئەنگە ئۆي زىمىنى رەنىگە قۇيۇپتىكەن قەرىزنى قايتۇرالماپتۇ بانكا ئۆينى، زىمىننى بانكا قەرزى ھىساۋىغا ئېلىۋېلىشىدىن قورقۇپ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ بارلىق تەلۇقاتنى ئايالىغا قالدۇرۇپ جاڭزىنى ئاقارتىپتۇ دىيشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن قەرىزنى قايتۇرماي تۇرۋاپتىكەن كېيىن بەختىگە بۇ قەرىزنى بانكا دېھقانلارغا تارقاتقان نۇرغۇن قەرىزلەر قاتاردا بىراقلا كۆتىرۋېتىپتۇ . بۇ قىپ – قىزىل يالغان توختى ياۋاش دېگەن شۇنداق ساددا ئاق كۆڭىل ئادەم تۇرسا ھەجۈجى – مەجۈجى ئازدۇرمىسا ھەرگىزمۇ قورقماي مۇنداق كۆپ پۇل قەرىز ئالالمايدۇ مۇنداق قىلالمايدۇ تېخى ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى ئۇ ئايالىنى داۋالىتىمەن دەپ بىر بايدىن 60 مىڭ يۈئەن قەرىز ئاپتىكەن كىيىن بۇ قەرىزنى قەتئى قايتۇرماپتۇ . باي پۇلنى ئالالماي سوتقا ئەرىز سۇنغان ئىكەن سوتمۇ ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۈرىپ ھازىر قايتۇرغۇدەك مادارى يوقكەن ئۇ ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئاستا-ئاستا قايتۇرسۇن دەپتۇ . بۇ بايغا تىجارەتكە ئىشلىتىشكە جىدى پۇل لازىم بۇلىپ قالغاچقا بۇ پۇلنىڭ ھۆججىتىنى بىر جازانىخورنىڭ ئېلىۋېلىشىغا 50 مىڭ يۈئەن نەخ پۇلغا سېتىپتۇ . بۇ جازانىخورمۇ تۇلا كېلىپ بۇ پۇلنى ئالالماي تاپىنى تىشىلگۈدەك بولىپتۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم كۆپ توپلاشقان يەرلەردە بۇ توختى ياۋاش جازانىخورلىقنى يامان ئىش ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەتىۋا چىقىرىپ بۇ جازانىخورنى بەك ئۇسال قىپتۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ جازانىخور شۇ ئاچچىقىدا بۇ پۇلنى مەھەلىدىكى خېلى مۆتىۋەر بىر ئىمامغا 40 يۈئەن نەخ پۇلغا سېتىپتۇ . ئىمام كۆڭلىدە خېلى – خېلى ئادەملەر گىپىمنى يىرمايدۇ ، كۆپچىلىك بار يەردە دىسەم باشقىلەر مەن تەرەپتە تۇرۇپ 4 ئېغىز بىرنىمە دېسە 60 مىڭنىڭ ھەممىسىنى بەرمىسىمۇ ھېچ بولمىغاندا 50 مىڭنى بىرەر دېگەن ئۈمۈت بىلەن مىچىتتىن چىقىپ ھىلىقى 60 مىڭنىڭ ھۆججىتىنى توختى ياۋاشقا كۆرسىتىپ ئەھۋالنى دېگەن ئىكەن بۇ توختى ياۋاش شەرىئەتتىن سۆز ئېچىپ بايلارنىڭ ئىلىم ئەھلىللىرىنىڭ نامراتلارنى قەرىزدە قىستىسا قانداق يامان بولىدىغانلىقىنى ئىلىم ئەھلىللىرى بايلارنىڭ، نامراتلارنى قانداق باپلايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىپ بۇ ئىمامنى ئېغىز ئاچالماس قىلىۋېتىپتۇ . 30 نەچچە يىلدىن بىرى ئىماملىق قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ نەزىردىن يۇقۇرى ئۇرۇن ئېلىپ كىلىۋاتقان بۇئىماماخۇنۇممۇ بۇنىڭ زۇۋاندارازلىقى ئالىدا ياقىسىنى تۇتۇپ توۋا دەپ قاپتۇ .توختى ياۋاش بۇ ئىماماخۇنۇمدىن ئۈزىل كىسىل قۇتۇلۇشنى ئويلاپ .« مېنىڭدەك يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئادەم كىرگىلى ئۆي تاپالماي قۇيۇپ بەرگەن خۇتۇنۇمنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۋاتىمەن . يۇرىت ئەھلى !بۇنى كۆرىپ توۋاتامسىلەر ! ئىماماخۇنۇم مۇشۇ يۇرتنىڭ ئاتىسى، ھەر كىمنىڭ بېشىنى سىلاش مەجبۇتيىتى بار شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىسسىق جېنىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق مەندەك بىر نامرات مۆئىمىننى دۇزاققا ئىتتىرۋاتىدىغۇ، بۇ جاندىن تۇيدۇم بولدى دەرياغا ئۈزۈمنى تاشلاپ بۇ قەرىزدىن بىراقلا قۇتۇلاي . ئۇ دۇنيدغا بارغاندا ئۇۋالىمنى خۇدايىم ئۆزى كۈرىپ تۇرغاندىكىن بىرنىمە دەر مەندىن رازى بولۇڭلار يۇرىتداشلار!» دەپ يۇم – يۇم يىغلاپ دەرياغا قاراپ ماڭغانكەن ئىماماخۇنۇم بىر تاغا يالۋۇرۇپ ئۇنى ئۆزى قايتۇرۇپ كەپتۇ .ئىماماخۇنۇم ئۈزىنىڭ قاراپ تۇرۇپ بىرمۇنچە زىياننى نەخ پۇلغا سېتىۋالغانلىقىغا ئىچى ئېچىشىپ بۇ قەرىزنى مەھەلىدىكى بىر قانخور ئىچكىرچىگە 30 مىڭغا سېتىپتۇ . بۇ ئادەمدىن قورىقمايدىغان ئىچكىرچى بېلىگە پىچاقنىڭ چوڭىنى قىستۇرۇپ ھەيۋە بىلەن تۇختى ياۋاشنىڭ ئالدىغا بارغان ئىكەن، قورقۇپ كەتكەن توختى ياۋاش لاغىلداپ تىترەپ تۇرۇپ پۇلنى ئەتە كەچ كىلىپ ئېلىۋېلىشىنى ئېيتىپتۇ .شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئۇنى ئىچكىرچى جايلاپتۇ دېدىڭىزمۇ؟ نەدىكىنى توختى ياۋاش ئەتىسى ئۆيگە ئىچكىرچى بالىلاردىن بىر نەچچىنى چاقىرىپ بىر ئوغلاقنى سۇيۇپ كاۋاپ قىلىپ ، بىرنەچچە پوتولكا ھاراقنى تىكلەپ قۇيۇپ ئاۋال ئۇ ئىچكىرچىنى راسا مېھمان قىپتۇ، ئاندىن ھاراقنى ئىچكۈزۈپتۇ كىيىن نەدىنمۇ تاپقاندۇ مومدەك نىشىدىن بىرنەچچە پىنەك چەككۈزۈپتۇ. سورۇن تازا قىزىغاندا ، توۋا دەيمەن بۇگەپلەر نەدىن كەلگەندۇ بۇنىڭ ئاغزىغا ، خۇدى جاھان كۆرگەن قارا جەميەتنىڭ كاتتىۋېشىدەك باشتا جاھان كەزدىلەرنىڭ قايدىسى مەرتلىگى توغرىسادا سوزلەپتۇ، ئاندىن باشقا كۈن چۈشكەندە مۇنچىۋالا قىلىپ كەتمىسىمۇ كېيىن ئۆسىمى بىلەن قايتۇردىغانلىق توغرىسىدا بىر ھازا سۆزلەپتىكەن، ھىلىقى بىر نەچچە كۇلىچىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپلا قاپتۇ . ئاندىن « مەن جاھان كەزدىلەرنىڭ قائىدىسىنى ئوبدان بىلىمەن ئۇلار دەرغەزەپكە كىلىپ شۇنچە ئۈچەكەشىپ كەتسە پۇل بولمىسا بىرەر ئەزاسىنى كىسىدۇ . ئاكا مەن بۈگۈن بۇ ئىشقا گۇۋاچى بولسۇن دەپ بۇ بىرنەچچە جاھان كەزدى ئاغىنىللىرىمنى چاقىرىپ كەلدىم بۇلارنى سىزمۇ ئوبدان تۇنۇيسىز ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا شۇنداق كەچۈرگىسىز ئاداۋەت پەيدا بولغان بولسا بولدى مېنىڭ مۇنۇ قۇلۇمنى كىسىپلا ۋېتىڭ! يۇقسىزلىق قاتتىقكەن خۇدايىم بىزگىمۇ بىرەر دەپ قىڭراقنى ئېلىپ كىلىپ يىڭىنى جەينىكىگىچە تۈرۈپ تۇرۋاپتىكەن ھىلىقى ئىچكىرچى باشقا ئىچكىرچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ مەرت سېخىلىقىنى كۆرسىتىپ قۇيۇشنى ئويلاپ مەن –مەنچىلىك قىلىپ بۇ قەرىزنى كۆتىرۋېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ 60 مىڭ يۈئەن قەرىز تۈگەپتۇ دەمسىز .تۈگمەپتۇ بۇ كۇلىچىمۇ چىكەرمەنكەن پۇلى تۈگەپ ئۇنىڭ ئالدىغا باراي دېسە تېخى بارالماي باشقا بىرىگە 20 مىڭغا سېتىپتۇ . بۇ توختى ياۋاش ئۇنىمۇ بىر نىملەرنى دەپ يولغا ساپتۇ . ئاخىرى بۇ قەرىز 5 مىڭغا كىلىپ توىتاپتىكەن ، توختى ياۋاشنىڭ چوڭ ئوغلى 5 مىڭنى بىرىپ بۇ قەرىز ھۆججىتىنى قايتۇرۋاپتۇ . ھەي توۋا دىمىسە بولمايدۇ ، ھەجۈجە- مەجۈجىنىڭ ئېزىقتۇرشىغا ئۇچرىمىسا بۇ توختى ياۋاش مۇنچىلىك ئىشلەرنى قىلالامدۇ دەيمەن ئۆزىنىڭ ئېتىزغا جايلاپ سۇ تۇتالمايدىغان ئادەم، مۇمكىن ئەمەس .تېخى ئاڭلىشىمچە ئۇنىڭ ئايالىمۇ يېقىندا شەھەرگە كۈچىپ كىرىپ تۇخۇ پىشۇرۇپ سېتىۋېتىپتۇدەك. چوڭ ئوغلىغا، 100 مىڭ يۈئەن قەرىز ئېلىپ بىر ماشىنا ئېپ بىرىپتۇ شەھەرگە يېقىن قايغا بىر قورو جاي سېلىۋېتىپتىمىش بۇ قورو پۈتكەندە خۇتۇنىغا دەپ بۇ يەردىكى ئۆي - جاينى سېتىپ شەھەرگە كۈچىپ كەتكۈدەك . ھەيران قالدىم نەچچە يىلدىن بىرى بىر خالا سالالمىغان بۇ توختى ياۋاشنىڭ مۇنچۇۋالا ئىش قىلىشى مېنى راستىلا ھەيران قالدۇردى . شۇ كان كولايدىغانلارمۇ قىززىقكەن شۇ ھەجۈجى- مەجۈجى كۈمىىلگەن يەرنى كولىغۇچە باشقا بىر جاينى كولىسا بولمامدۇ دەيمەن بەلكى ئۇقۇشماي تاش ياردىغان مىتەن تىگىپ كەتكەن گەپتە شۇ . 3QV|@5L`[ W&bh&KzCW مەنبە: 1Ete;r%5= [IV8 QARTIKIN. 1RcaE!\p C'5i>;
|
|