kok-sultan |
2010-12-03 22:17 |
«ئۇنتۇپ كەتتىم» دىگىنىڭ يالغان
«ئۇنتۇپ كەتتىم» دىگىنىڭ يالغان، ئېلىپ ئۇلۇغ سۆيگۈنى تىلغا. ئاشىق يۈرەك تەلمۈرەر ھالسىز، دەستە تۇتۇپ شېرىن ئىقبالغا. «ئۇنتۇپ كەتتىم» دىگىنىڭ يالغان، قىلىپ روھسىز ناتوغرا قەسەم. ئۇلۇغ چۈشتەك چىقمايدۇ ئەستىن، شەھلا كۆزۈڭ ئاقتۇغان زەمزەم. «ئۇنتۇپ كەتتىم» دىگىنىڭ يالغان، يۈرگەن بىلەن شامالدەك قېچىپ. ياڭراق كۈلكەڭ يېقىملىق گۈلدەك، تۇرغان چاغدا باغرىنى ئېچىپ. «ئۇنتۇپ كەتتىم» دىگىنىڭ يالغان، بولۇپ ئوتلۇق تۇيغۇڭغا ئەسىر. ئوينار جۇشقۇن قەلبىڭدە لاۋا، جانغا يەڭگىل كۆرسىتىپ تەسىر. «ئۇنتۇپ كەتتىم» دېگىنىڭ يالغان، باشلاپ گۈزەل ھاياتقا سەپەر. ئۆتۈپ كېتەر جۇدالىق پەسلى، قۇچۇپ ۋىسال پۇرسىتى زەپەر.
مەنبە: ئىجادىيىتىم |
|