koksangun |
2010-11-26 00:22 |
شەھەر ئەدەبىياتى ھەققىدە
شەھەر ئەدەبىياتى=city literature=城市文学 LXEu^F~{u# شەھەر ئەدەبىياتى ئوتتۇرا ئەسىر بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى ئايرىپ تۇرغان ئەڭ دەسلەپكى پىروزا ئېقىمى بولۇپ، 15-ئەسىردىن باشلاپ فىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەدە گۈللىنىپ تەرەققى قىلغان، كېيىنكى كىلاسسىزىم ۋە رومانتىزىم، رىيالىزىم قاتارلىق ئەدەبى ئېقىملارغا چوڭقۇر ئاساس سالغان، مۇھىم ئەمما پىشمىغان ئەدەبىيات ئېقىمى. `GN5QLg#}0 ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ياۋروپادا ئىشلەيچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئىش تەقسىماتىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭ بىلەن سودا ئىشلىرىمۇ پەيدىنپەي جانلىنىپ، سودا - سېتىق ئىشلىرىغا قۇلايلىق ياتىپ بېرىدىغان شەھەرلەر مەيدانغا كەلگەن. بۇ چاغدا ئىجتىمائىي زىدىيەت تېخخمۇ ئۆتكۈرلەشكەن: دېھقانلار بىلەن يەر ئىگىلىرىنىڭ زىددىيىتىگە يەنە سودىگەرلەر ۋو ئاقسۆگەكلەرنىڭ زىددىيىتى، دېھقانلار بىلەن يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سودىگەرلەرنىڭ زىددىيىتى قوشۇلغان. شەھەر ئەدەبىياتى مانا مۇشۇنداق ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن، روھانىيلار ئەدەبىياتى ۋە رېتسارلار ئەدەبىيەتىغا ئوخشىمىغان ھالدا شەھەر ئەدەبىياتى شەھەر خەلقى مەيدانىدا تۇرۇپ سۆزلەيدىغان ئەدەبىيات ئىدى. ئۇ مەيدانغا كېلىشى بىلەنلا، روشەن ھالدا دىنىي جەمىيەتكە، فېئوداللىققا قارشى خاھىشقا ئىگە ئىدى. =`.5b:e شەھەر ئەدەبىياتى ياۋروپادا كاپىتالىستىك شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا شەھەر خەلقى تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان بولغانلىقتىن شەھەر ئەدەبىياتى دەپ ئاتالغان. شەھەر ئەدەبىياتى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا شەھەر تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئىدىيە - ئېڭىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، كۈچلۈك رېئالىستىك تۈسكە ئىگە ئىدى. ئۇ غايىنى قەدىرلەيدىغان، خام خىيالغا كۆپرەك بېرىلىدىغان، رېتسارلار ئەدەبىياتى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگە ئىدى. شەھەر ئەدەبىياتنىڭ تىلى ئاممىباب، جانلىق بولۇپ، ھەمىشە ھەجۋىي ئۇسۇل قوللىنىلاتتى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ژانىرلىرى قاپىيىلىك ھېكايەتلەر، ساتىرىك داستان، كومېدىيە، مەسەل ۋە ياپما شېئىر قاتارلىقلار. K}*p(1$u شەھەر ئەدەبىيات فرانسىيىدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلەر: «ئامىس پوپ» ، « دېھقان، دوختۇر»، «بادران»، «تۈلكە رىنات»، «ئەتىرگۈل ھەققىدە ھېكايە» قاتارلىقلاردۇر. k49n9EX ئوتتۇرا ئەسىر شەھەر ئەدەبىياتى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئويغىنىش دەۋرىدىكى يازغۇچىلارغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە كلاسسىزمغا ئاساس سالغان. ئەمما، شەھەر ئەدەبىياتنىڭ روشەن كەمچىلىكلىرى بار ئىدى: پېرسوناژلار خاراكتېرى بىرلا خىل، قېلىپلىشىپ قالغان بولغاچقا، رەڭگارەڭ تۇرمۇشنى ۋە ئۆزگىرىۋاتقان مۇرەككەپ ھالەتلەرنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيتتى. مەسىلەن، روھانىيلار ۋە مۇناخلار ھەمىشە ئالدامچى، ئاقسۆڭەكلەر ھەمىشە زوراۋان ۋە ئەخمەق، بايلار ھەمىشە ئاچكۆز، ھىيلىگەر قىلىپ تەسۋىرلىنىپ، مۇستەسناسىز ھالدا پۈتۈنلەي ئوخشاش قىلىپ قويۇلغان. v&/-&(+ q>l kLHS ]be2jQx3 ۋەقەلىكنى ئەسەردە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويماسلىق، يەنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىق ئاتالغۇسى بىلەن بىللە ئېيتقاندا، ئەسەرنى «ۋەقەسىزلەشتۈرۈش» - باغراشنىڭ ئىزلەنمە ھېكايىللىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ئىلگىركى ئەدەبىيات چۈشەنشىلىرىمىزدە ۋەقەلىكنى ھېكايىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق ئامىلى، باش-ئاخىرى تولۇق، زىددىيەت توقۇنۇشلىرى كۈچلۈك ۋەقەلىك بولمىسا ياكى پىرسوناژ خارەكتىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئىنچىكىلىك ببىلەن يېزىلمىسا ھېكايە بولمايدۇ دەپ قارايتتۇق. ھازىرقى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا ۋەقەلىك ئەڭ مۇھىم، بەلگىلەش خارەكتىرلىك ئامىل بولماي قالدى. ھازىرقى زامان ھېكايىللىرىدا گەرچە ۋەقەلىك بولسىمۇ، لىكىن ئۇ ئانچە مۇكەممەل، ئىزچىل، گەۋدىىلىك بولمىدى. ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقىنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكىنى بىز باغراشنىڭ بەزى ئىزلەنمە ھېكايىللىرىدا ئۇچىرىتىپ قالىمىز. ئالايلى، ئۇنىڭ «يېڭى قەبرە» ھېكايىسى يازغۇچىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋەقەسىزلەشتۈرۈلگەن ھېكايىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ھېكايىدا ئىزچىل ۋەقەلىك يوق، ئۇنڭىدا بىر قانچە كۆرۈنۈش يېزىلغان، بايانچى تەسۋىرلەۋاتقان ئەسەر رىئاللىقى بىلەن پىرسوناژلارنىڭ روھى دۇنياسى، ئاڭ پائالىيىتى ئۆز-ئارا ئۆتۈشمە ھەم مۇستەققىل ھالەتتە ئىپادىلەنگەن. كۆرۈنۈشتە ئۆز-ئارا ئالاقىسى يوق پىرسوناژلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى-تاشقى ھەرىكەتلىرى تەسۋىرلەنگەن.سۆزسىزكى، بۇ يازغۇچىنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتىنى تۇرمۇشقا، قەلىبكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشنىڭ مەھسۇلى. Hw. @Le> يېڭىدىن يېزىلغان پوۋىست «ئوربىتتا» - يېڭى دەۋىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىىياتىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ مۇنەۋەر پوۋىستلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا يازغۇچىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى. بۇ ئەسەردە يازغۇچىنىڭ ھايات قارىشى، جەمىيەت قارىشى، ئاياللار قارىشى، ئائىلە قارىشى شۇنداقلا ئەدەبىيات قارىشى، بەدئىي تالانتى، يېزىش ئۇسلۇبى ۋە ئىجادىيەت غايىسى مەركەزلىك ھالدا ئۆز ئىپادىىسىنى تاپقان. ئەسەرنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنى، ئەسەردە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىدىيە ناھايتى كەڭ ھەم چوڭقۇر. شۇنداقتىمۇ يازغۇچى ئاساسلىق قلىپ يەنىلا ئاياللار، ئائىلە، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى، بالىلار تەربىيىسى، كىشلىك مۇناسىۋەتلەردىكى ياتلىشىش قاتارلىقلار ھەققىدە كىشىنى چوڭقۇر ئۇيلاندۇرىدىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قاراشلار ماھايەتتە ئەسەردىكى ۋەقە، پىرسوناژلارنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ ئوتتۇرغا قۇيۇلغاچقا، ناھايتى روشەن پەلسەپەۋىي خارەكتىر ئالغان. يازغۇچى ئۆزگىچە كۆزىتىش نوقتىسىنى تاللاپ، نەزەر دائىرىسنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ھەرخىل خارەكتىرلارنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ھەرخىل ئۈنۈملۈك ۋاست ئۇسۇللارنى تاللاپ دەۋرىمىز رىئاللىقىنى، دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ مەنىۋىي ھالىتىنى، ئاياللارنىڭ ئورنى، ھوقوقى، ھېسياتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى شۇنداق جانلىق، چىن ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئىپادىلەپ بەرگەن. ئەسەرنىڭ بەدئىي مۇۋەپپەقىيىتىمۇ ناھايېتى يوقېرى. ئەسەر كىتابخانلارنى جەلىپ قىلىدۇ، ئەمما بۇ جەلىپكارلىق نوقۇل ئۇنىڭ ۋەقەلىكىدە ئەمەس، ئەسەر ۋەقەلىكى سىيوژىتسىزلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭدا ھاياتنىڭ، تۇرمۇشنىڭ پارچە – پارچە كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئاشۇ پارچە-پارچە كۆرۈنۈشلەر پېرسۇناژلارنىڭ قەلپ مونولوگى، باغلانما تەسەۋۋۇرى ۋە ئەسەردىكى لىرىكا، مۇھاكىمىلەر، تەبىئەت تەسۋىرلىرى ئاقىلىق باغلىنىپ، كىتابخانلارنى جەلىپ قىلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەسەرنىڭ بايانچىسى ناھايتى ياخشى تاللانغان، ئەسەر بايانىمۇ ئېغىر كەيپىيات، ھېلى مۇقەررەرلىك، ھېلى تاسادبىيلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەسەر بەزىدە ئاچچىق كىنايە، بەزىدە تاتلىق لىرىكىلار بىلەن، بەزىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە، بەزىدە ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلەر بىلەن راۋاجلىنىپ بارىدۇ، ئەمما يازغۇچى تۇرمۇشنىڭ رەڭدارلىقى ئىچىدىن يەنىلا ماھىيەتلىك نەرسىلەرنى، مەسىلىلەرنى ئىزدەيدۇ. ئەسەرنىڭ تىلى كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھەقىقي بەدئىي تىل. مەيلى بايانچى تىلدا بولسۇن، مەيلى پىرسوناژلار تىلىدا بولسۇن بىز ئۇنىڭدىكى نەپىسلىك، پاساھەت، يېڭىلىقنى ھېس قىلماي قالمايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئەسەرنىڭ جۈملە شەكلىمۇ ئۆزگىچە. ئەسەردە قىسقا جۈملىلەر، تولۇقسىز جۈملىلەر كۆپ قوللىنىلغان. ئەسەردىكى «مەن كىم؟نەدىن كەلگەن؟مەنزىلىم قەيەر؟» دىگەن بۇ سۇئاللار ئەسەرگە باشقىچە قىممەت ئاتا قىلغان. k.f:nv5JO ئىزاھات: خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرى بىر تور بېتىدىن چۈشۈرگەن ئىدىم،قايسى تور بېتى ئىكەنلىكىنى يادىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن،ئەگەر تور بەتلىرىدىن بۇ يوللانمىنىڭ خاس يوللانما ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بولسا مەنبەنى ئەسكەرتەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن دەرھال ئۇچۈرۈمەن. {'bkU9+ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرىسى ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى زور بولغانلىقى ئۈچۈن مۇنبىرىمىزدىن پايدىلىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن يوللىدىم... |
|