查看完整版本: [-- ئەھمەد يەسسەۋى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> ئەھمەد يەسسەۋى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2010-11-22 20:23

ئەھمەد يەسسەۋى

ئەھمەد يەسسەۋى +GtGyp  
`5jB|r/  
ئەھمەد يەسسەۋى(1105-1166)ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە-ئىدىيە تارىخىدىكى مۇھىم شەخس. ئەھمەد يەسسەۋى سۇفىزمنىڭ تەركىيدۇنيا چىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان«يەسسەۋىيە-جەھرىيە-قادىرىيە»ئېقىمىنىڭ ناماياندىسى سۈپىتىدە ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىنىڭ تارىخىدىمۇ  كۆرىنەرلىك  ئورۇن تۇتقان. 5Jd {Ev  
ئەھمەد يەسسەۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قوشاق شەكلى بىلەن يەسسەۋىزىملىق سۇفىزىم ئىدىيىلەرنى تۇنجى بايان قىلىپ،دىنىي روھانىيەتچىل ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر ئۈلگىسىنى كۆرسەتتى.ئۇ ساپ ئۇيغۇر جانلىق خەلق تىلىدا يېزىلغان شېئىرلىرىدىن قاراخانىلار دەۋرىدىكى«بۇغراخان تىلى»(خاقانىيە تىلى)بىلەن«چاغاتاي ئەدەبىياتى»نى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇئەييەن تارىخىي قىممەت ياراتتى. ~4gKA  D  
ئەھمەد يەسسەۋى تەخمىنەن 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراخانىلارغا قاراشلىق يەتتسۇ ۋىلايەتلىرىنىڭ بىرى بولغان تۈركىستان-يەسسىي دېگەن جايىدا دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ بوۋىسى مەھمۇد بولۇپ،دادىسى سايرام شەھىرىنىڭ شەيىخلىرىدىن ئىبراھىم يەسسىي دېگەن كىشى.ئانىسى قاراچاچ  ئانا دېگەن ئايال ئىدى. $6%;mep  
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ بالىلىق چاغلىرى سايرامدا ئۆتكەن.ئۇنىڭ دادىسى ئىبراھىم شەيىخ ۋاپات قىلغاندىن كېيىن ئۇ«ئارسلان بابا»ناملىق ئىشاننىڭ قولىدا داۋاملىق تەربىيىلەندى.ئۇ كىشى قازا تاپقاندىن كېيىن سايرام شەھىرىدىن بۇخارا شەھىرىگە كېلىپ،مەشھۇر تەسسەۋۋۇپچى شەيخ يۈسۈپ ھەمەداننىڭ تەربىيىسىدە بولدى.يۈسۈپ ھەمەدانى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ مەشھۇر ئىشاننىڭ ئورنىدا ئەھمەد يەسسەۋى خەلىپىلىك قىلىپ داڭ چىقاردى.بۇ جەرياندا ئەھمەد يەسسەۋى تەركىيدۇنياچىلىق بىلەن تولغان ئۆز قاراشلىرىنى ــــ يەسسەۋىچىلىك ئېقىمنى شەكىللەندۈرگەن. Gl:T  
ئەھمەد يەسسەۋى مەشھۇر تەسەۋۇپچى ئىشان سۈپىتىدە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ،شەيخلىق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ،شۇنچىلىك زور شۆھرەت قازاندىكى ھەتتا «مەدىنىدە مۇھەممەد،تۈركستاندا خوجا ئەھمەد » دېگەن سۆزلەر تارقالغان. l+qtA~V&2  
ئەھمەد يەسسەۋى ئۆز يۇرتىدا –يەسسىيدە (تۈركستاندا) 1166-يىلى ۋاپات قىلغان.ئۇنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرگەنلىكى سىرلىق رىۋايەتلەر بىلەن يۇشۇرۇنغان.ئېيتىلىشچە،ئۇ گەرچە مۇھەممەد پەيغەمبەردىن ئارتۇق ياشىماسلىقىنى ئىستەپ،63 يېشىدا چىللەخانىغا كىرىپ،روزا تۇتۇپ،ئىستىقامەت قىلغان بولسىمۇ،ئىككى پەيغەمبەر يېشى-130 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. #$T"QL@  
تۈركستان شەھەر ئەتراپىدا ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ قېرىنداشلىرى لاتىپ ئاتا،مۇستاپاقۇل ۋە دادىسى ئىبراھىم شەيخ،ئانىسى قارا چاچ ئانىنىڭ قىزلىرى جامال خانىم،گەۋھەر خۇشتار خانىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان.ئەلشىر نەۋائىينىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس»،«نەسائىمۇل مۇھەببەت» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇچۇر قىلىنىشىچە،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەدەبىيات كلاسسىكلىرىدىن شەيخزادە ئاتاي،ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ ئىنىسىنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئاتانىڭ ئوغلى ھېسابلانغان. 4?uG> ;V  
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ قەبرى ۋە يەسسەۋىلەرگە ئائىت مول مال-مۈلۈكلەر ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ (جۇجىخان ئۇلۇسىنىڭ) خانلىرىدىن توختامشىخان تەرىپىدىن بۇلاپ- تالانغان ئىدى. تۆمۈر توختامشىخان ئۈستىگە قىلىنغان جەڭدە غەلبە قازانغاندىن كېيىن 1395-1397-يىللىرى بۇ نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ ئېلىپ،يەسسەۋىلەر قەبرىلىرىنى كېڭەيتىپ نەقىشلەپ ياساتقۇزدى. ئەھمەد يەسسەۋى قەبرىگاھلىقى 1980- يىللاردا خەلقئارا سەيلە ساياھەت ئۈچۈن قايتا رېمونت قىلىنىپ ئېچىلدى.ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ سوفىزىملىق ئىدىيىسى ئۇنىڭ «دىۋان ھېكمەت» (پەلسەپىلىك شېئىرلار توپلىمى) ناملىق ئەسىرىدە مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن.«دىۋان ھېكمەت » جانلىق،ئاھاڭدار ئۇيغۇر شېئىرىيىتى بويىچە يېزىلغان تەسسەۋۋۇپ دەستۇرى بولۇپ،ئۇنىڭدا سوفىزىملىق ئىدىيە ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى شەكلى ئىككى گەۋدىلىك قىممەت ياراتقان،ئۇنى ھەم ئەدەبىيات،ھەم پەلسەپىۋىي ئىدىيە نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىش مۇمكىن. _qNLy/AY  
ئەھمەد يەسسەۋى دۇنيانىڭ ماھىيىتى ئىنساننىڭ ماھىيىتىدۇر.ئىنساننىڭ ماھىيىتى دۇنيانىڭ ماھىيىتىدۇر. ئىنساننىڭ ياشاشتىن مەقسىتى مۇشۇ ماھىيىتىنى بىلىش-ھەقىقەتكە ئېرىشمەك،دەيدۇ. QP0X8%+p  
ئىلمىي خادىملار ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرق رايۇنىدا 9- ئەسردىن 14-ئەسىرگىچە بىر قېتىملىق ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرى بولغان،دەپ ھېسابلاشماقتا.شەرق ئويغىنىش دەۋرىدە تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن ئەڭ مەشھۇر زاتلىرىنىڭ بىرى ئەھمەد يەسسەۋى بولدى.ئۇ ئۆزىنىڭ سوپىستىك ئىدىيىلىرى چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن،ئاجايىپ بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولغان ھېكمەتلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئەسىر تەسەۋۋۇپ دۇنياسىدا ئۆز ئالدىغا «يەسسەۋىيە»دىن ئىبارەت پۈتۈن تەرىقەتچىلەر تىلغا ئالىدىغان ئۆزىگە خاس سۈلۈكنى مەيدانغا كەلتۈردى. 4'| :SyOm  
ئەھمەد يەسسەۋىي ھېكمەتلىرىدە ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ئاساسىي روھ دىداكتىك نەسىھەت روھىدەك بىلىنسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ جىسمى پەندى-نەسىھەت بىرلا مەقسەتكە يەنى مۇتلەق ھەقىقەتنى بىلىش مەقسىتىگە قارىتىلغان.چۈنكى «ھەقنى سۆيگەن ئاشىقلار» يولدىن ئېزىپ نەپسى دۇنيا ئۈچۈن ئىمان ئېلىپ ساتارلىق قىلمايدۇ.ئۇنىڭچە،بۇ دۇنيادا پاكىز ئەقىدىنى،پاكىز ۋۇجۇد،پاكىز قەلبنى،قىسقىسى،ئىنسانىي پەزىلەتنى بىرلا نەرسە،نەپىس(ئادەمنىڭ تويماس نەپسى) يۇيۇپ تاشلايدۇ.پەقەت نەپسانىيەتلا ئىنساننى ئۆزىگە خاس ماھىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇپ،نىجاسەت ئازگىلىغا   ئېلىپ بېرىپ تاشلايدۇ.شۇڭا ئىنسان نەپسانىيەتتىن كېچىپ ئىشىق يولىغا كىرىش،دەردتىن قورقماسلىقى لازىم. rmJ847%y`  
دەردسىز ئادەم ئادەم ئەمەس،مۇنى ئاڭلاڭ، kfECC&"  
ئىشىقسىز ئادەم ھايۋان جىنسى،مۇنى ئاڭلاڭ. h%e!f#  
شائىرنىڭ دېيىشىچە،ئىشىق يولىنى تاشلاپ،نەپسابىيەت يولىغا ماڭغۇچىلار «ھايۋان جىنىسىدىنبولۇر،ئىنسانىي پەزىلەتتىن مەھرۇم قالۇر. » nP5fh_/  
نەپسى يولىغا كىرگەن كىشى رەسۋا بولۇر، 5aQg^f%\  
يولدىن ئېزىپ،تېيىپ-تىزىپ گۇمران بولۇر. H.K`#W&  
ياتسا-تۇرسا شەيتان بىلە ھەمراھ بولۇر. 6GvnyJ{[  
مانا بۇ شائىرنىڭ نەسىھتى،مانا بۇشائىرنىڭ «تەرىقەت»ى.مانا بۇ شائىرنىڭ خىتابى. ئەھمەد يەسسەۋى مانا مۇشۇنداق بۈيۈك ئىدىيال(غايە) بايرىقى ئاستىدا ئۆز ئالدىغا شەكىللەندۈرگەن تەرىقىتى-پەلسەپىۋىي دۇنيا قاراشنى تىكلىدى. brot&S2P><  
ئومۇمەن ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ«ھېكمەتلىرى»نى ئوقۇغان ھەر قانداق بىر كىتابخان ئۇنىڭدا سوپىلىقنى تەرغىپ قىلىش ئاساسى ئورۇندا تۇرسىمۇ،لېكىن جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىشلار،ئەخلاقى جەھەتتىكى بۇزۇلۇش،يۇقىرى قاتلامدىكىلەرگە بولغان نارازىلىقلارنى ئىپادىلەيدىغان پىكىرلەرنىمۇ بايقايدۇ.بۇ پىكىرلەر شۇ دەۋىرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى چۈشىنىشتە بىزنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان مىسىرالارمۇ دىققەتتىن يىراق ئەمەس. [)u{-  
يەسسەۋى ئۆز ھېكمەتلىرىدە: Fowh3go  
غەرىبلەرنى كۆرگەن يەردە ئاغرىتمەڭىز ، Ry3 f'gx  
غەرىبلەرگە ئاچچىقلىنىپ سۆز قاتماڭىز . F tjm@:X  
زەئىپ كۆرۈپ غەرىبلەرگە تاش ئاتماڭىز ، q>X 2=&1  
بۇ دۇنيادا غەرىبلىكتەك بالا بولماس. `h6W@ROb  
دەپ يازىدۇ.ئۇ يەنە: KYN{iaj  
سۇننەت ئىرمىش،كاپىر بولسا بەرمە ئازار، z& jDOex  
كۆڭلى قاتتىق دىل ئازارىدىن خۇدا بىزار. N3) v,S-  
دەپ كىشىلەرنى بىر –بىرىگە مېھىرلىك،رەھىمدىل بولۇشقا ئۈندەيدۇ. O?Tg`]EX  
مەنبە: غەيرەتجان ئوسمان تۈزگەن : «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قىسقىچە تارىخى»ناملىق كىتابتىن ئېلىندى. مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بۇيىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش دەرسلىكى y jzNU5F  
ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى باستۇرغان <^{:K`  

arzu 2010-11-23 00:34
رەھمەت سىزگە ، كۆپ ئاۋارە قىلىۋەتتىم.

tawpek 2010-11-24 21:27
تەپسىلى تەرجىمھالىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر. 8n?.w:Y/  
E3!twR*Aw  
ئۆلۆم تىلەپ ئۆمۆرگە ئىرىشىپتىكەن دىسە.

مىېھرىما 2014-03-18 10:48
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن .سىزگە كۆپ رەھمەت .

ۋارىس60 2014-03-19 12:27
ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ ئىسلام دىنى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىسىمۇ خېلى زور

پاراسەت 2014-04-15 17:18
ۋارىس60:ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ ئىسلام دىنى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىسىمۇ خېلى زور (2014-03-19 12:27) 
FGC[yz1g:  
ھازىر بۇ كىشىنى قازاقلار بېقىۋالدى.خۇددى بىز تاشلىۋەتكەندەك.قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىدا جۇڭگو تەشۋىقات ۋاستلىرى يەسسەۋى بىلەن فارابىنى مەشھۇر قازاق پەيلاسوپلىرى،دەپ كاامەت ماختاپ كەتتى.

ۋارىس60 2014-04-15 18:09
پاراسەت:ھازىر بۇ كىشىنى قازاقلار بېقىۋالدى.خۇددى بىز تاشلىۋەتكەندەك.قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىدا جۇڭگو تەشۋىقات ۋاس .. (2014-04-15 17:18) 
arm26YA-,  
بوتۇلكىلارنى تاشلىۋەتتۇق، تەرگۈچىلەر بىيىپ كەتتى. دەسمايىسىز پايدا ئالماق ياخشى ئىش تۇرسا. قېرىندىشىم.

ھاتەھاتەم 2014-06-19 10:22
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا«دۇنيا ئەدەبىياتى»دا بىر ماقالە ئوقۇغان ئىدىم.ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن بىر ئەدىپىمىز ئۆزبىكىستاندا ئۆتكۇزۇلگەن مۇھاكىمە يىغىنىغا بېرىپ لىكسىيە سۆزلەشنىڭ ئالدىدا،ئۆزبېك ئەدىپ ئەلشىر ناۋايىنى ئۇيغۇر دەپ سالما دەپ ئۆتۈنگەن ھەم شۇ يىغىندا ئەلشىر ناۋايىنى پۈتۈنلەي ئۆزبېك دەپ سۆزلىگەن. بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى بىلىپ بولغىچە، باشقىلار  ئۇلارنى بېشىدا كۆترۈپ بولىدۇ.

مىېھرىما 2014-07-12 00:36
بۇ مەزمۇنلادىن بەلەنلا پايدىلاندىم سىزگە رەھمەت !!

لاچىن 2014-07-12 06:13
    ئاجايىپ ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. ھېلىمۇ قايتا تەھرىرلەپ يېڭىدىن يوللاپسىز بولمىسا مەن خەۋەرسىز قالاركەنمەن. PKJw%.-  
    قىززىق، 63 يىل ئۆمۈر ككرۈشنى تىلەپ 130 يىل ياشىغان بولسا ئاجايىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپتۇ. \8g'v@$wG  
    ھەر ئىشتا ئاللاھنىڭ بىر ھېكمىتى بار.


查看完整版本: [-- ئەھمەد يەسسەۋى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled