سىزگە ئىشىك ئىچىلدى.(جاۋلىخوڭ)
سىزگە ئىشىك ئىچىلدى M1icj~Jr l8khu)\n4R جاۋلىخۇڭ d%UzQ*s S:XsO9:{ دۇنيادا نۇرغۇن يىپىقلىق ئىشىك بار. ھەر بىر ئىشىكنىڭ ئىچىدە سىزگە ناتونوش بىر دۇنيا يۇشۇرۇنۇپ ياتىدۇ. بىلىم ئىزدەش، جاھان كىزىش دەل بۇ ئىشىكلەرنى ئىچىش جەريانىدۇر. بۇ ئىشىكلەرنى ئىچىپ يىڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچىرىشىش ، بىلىمنىڭ يىڭى دۇنياسىغا قەدەم قويوش ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چەكمەي قالمايدۇ، شۇنداقلا ، چەكسىز شادلىققا تولدۇرىدۇ. ئاشۇ ئىشىكلەرنى ئىچىپ كۆرۆش ئىستىكى يوق كىشىلەر روھى جەھەتتىن نامرات، ئىرادىسى زەئىپ كىشىلەردۇر. تەبىئەت بىلەن ھاياتلىق ئوتتورسىدىكى ئاجايىپ مەنزىرلەر باشقىلارنى ھەيرانلىقتىن مەسىتخۇش قىلغاندا ، بۇنداق كىشىلەر غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاپ ياتقان بولىدۇ.ئىشىك سىرتىدا زىرىكىشتىن لاغايلاپ يۇرشىدۇ. b8_F2 دۇنيادا ئاچقىلى بولمايدىغان ئىشىك يوق. سىز ۋاقىت ۋە زىھنىڭىزنى ئايىمىسىڭىزلا ، يۈرىكىڭىزدە <<ئىشىك>> ئىچىدىكى دۇنيانى كۆرۆش، چۈشىنىش ئىستىكى لاۋۇلداپ تۇرسىلا ، بۇ ئىشىكلەر ئىچىلماي قالمايدۇ. كۆز ئالدىڭىىزدا ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرلەر نامايان بولىدۇ.
yIcTc مۇشۇ تاقاق ئىشىكلەر ئىچىدە ناھايتى مۇھىم بىر ئىشىك بار ، ئۇنىڭ ئىسمى ئەدەبىيات. E%DT;1 ئەدەبىيات ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ نازۇك ھىسياتلىرىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك ۋە مول مەزمۇنلۇق ئىزھارى ، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئوبرازلىق قايتا ئىپادىلىنىش شەكلى . بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ماھىيەتتە دەل شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدۇر. بىر دەۋىرنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەدەبى ئەسەرلىرى شۇ دەۋىرنىڭ ئىخچام كۆرنىشى ، يۈرەك ساداسىدۇر، رەڭگارەڭ ئىجتىمائى تۇرمۇش كارتىنىسى ، شۇنداقلا دەۋىر روھىنىڭ كىشىلەر ھىسياتىنىڭ جەۋھىرى. مۇنەۋۋەر ئەدەبى ئەسەرلەر ئىنسانىيەتنىڭ غايىۋى تەلپۈنىشى ۋە ئارزۇ ئىستەكلىرىنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭغا ئىنسانىيەتنىڭ ھىسيات دۇردانىللىرى ۋە پاراسەت جەۋھەرلىرى مۇجەسسەم قىلىنغان، مۇنەۋۋەر ئەدەبى ئەسەرلەرنى ئوقوش ئارقىلىق تەبىئەتنى چۈشىنىشىمىز، جەمىئەتنى چۈشىنىشىمىز، تارىخنى چۈشىنىشىمىز، ۋە تۇرمۇشنى چۈشىنىشىمىز چوڭقورلىشىدۇ. ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرى يوشورون بولىدۇ. ئەدەبى ئەسەرلەرنى ئوقوش بىرخىل مەدەنىيەت جۇغلاش، ئەقىل جۇغلاش، ھىسيات جۇغلاش، بىلىم جۇغلاش جەريانىدۇر. كۆپلىگەن ئىسىل ئەدەبى ئەسەرلەرنى ئوقوش ئادەمنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، ھىسياتىنى بىيىتىدۇ . ئەدەبىياتتىن خەۋىرى يوق ھالەتتە مەدەنىيەتلىك، يۇقىرى ساپالىق ئادەم بولوشنى خىيال قىلىش بىمەنىلىكتۇر. ئەدەبى ئەسەرلەرنى ئەسلا ئوقومايدىغان ئادەم << ماگىستىر>> ، << دوكتور>> ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئىلمى ئۈنۋاندىكى ئادەم بولسىمۇ ، ئۇ پەقەت << ئالى ئەقىلگە ئىگە ياۋايى ئادەم>> دىن ئىبارەت. چۈنكى ، ئەدەبىياتقا يىقىنلىشىش، مۇنەۋۋەر ئەدەبى ئەسەرلەرنى ئوقوش مەلۇماتلىق ئادەملەرنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇش، تەربىيلىنىش سەۋىيسىنى ئۆستۆرۆش، ھىسياتنى موللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. بۇ، ھەممىگە ئايان بىر ھەقىقەت. X i1|% مەن بۇرۇن <<ئەدەبىياتقا سۆز>> دىگەن ماۋزۇدا بىر پارچە يازغاندىم. مەن بۇ پارچىدا دىئالوگ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئەدەبىيات توغرىسىدىكى بەزى قاراشلىرىمنى ئوتورغا قويغاندىم. تۆۋەندە مەن بۇ پارچىنى كۆپچىلىككە تەقدىم قىلىمەن. ناۋادا ئۇ ئۆسمۆر كىتاپخانلارنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىيالىسا ، بۇ مىنىڭ بەختىمدۇر. vc&v+5Y :SS \2 سەن- بىپايان زىمىن، چەكسىز ئاسمان. سەن- كۆككە تاقاشقان تاغ، دولقۇنلۇق دىڭىز ئوكيان. سەن رەڭدار قەلىمىڭ بىلەن دۇنيادا مەۋقۇت بوپ قىلىشى مۇمكىن بولغان بارلىق گۈزەللىكنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ چىقىسەن. ئەڭ ئۇلۇغ نەرسىلەردىن ئەڭ ئاددى نەرسىلەرگىچە ، ئەڭ ھەيۋەتلىك نەرسىلەردىن ئەڭ كىچىك نەرسىلەرگىچە نەزىرىڭدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قىزغىن داغدۇغىلاردىن ئۇلۇغۋار سۈكۈناتلارغىچە سەندە ئەڭ قانلىق ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. كىشىلەر ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپ سەن ئارقىلىق دۇنيانى سەيلە قىلالايدۇ. 4qz+cB_ سەن كىشىلەرگە كىشىلىك ھاياتنىڭ نەقەدەر رەڭگارەڭ ۋە ئەگرى- توقايلىقىنى ئقىيتىپ بىرىسەن. سەن ئۆز سەھنەڭدە ھەرخىل ئادەملەرنى رول ئالغۇزۇپ ئۇلارغا يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان كومىدىيە ۋە تىراگىدىيلەرنى ئوينىتىسەن . نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان كىشىلەرنى تىلغا كىرگۈزۈپ ، ئۇلارغا ھىسياتلىق ھالدا تارىخنى سۈرەتلىگىلى سالىسەن. ئەڭ تونوش زامانداشلىرىڭنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ئادەم بىشىدىن ئۆتكۆزۆپ قىلىش مۇمكىن بولغان مۇمكىنچىلىكلەرنى سۆزلىتىسەن . ئادەملەر سەندە ئەكىس ئەتكەن خۇشاللىق ۋە قايغۇ، بەخىت ۋە پاجىئەلەرنىڭ تەسىرىدە بەزىدە شادلىنىپ كۈلسە، بەزىدە ئازابلىنىپ ئاچچىق ياش تۆكىدۇ. B,cFvS سەن- ئۇزاق ئۆتمۆش، شۇنداقلا ئەمدىلا ئۆتۆپ كەتكەن تۈنۈگۈن. سەن- چىكى يوق كەلگۈسى . نىپىز ۋاراقلاردىن پۈتكەن كىتاب ئەگەر بىر يەلكەنلىك كىمىگە تەمسىل قىلىنسا ، سەن ئوقورمەنلىرىڭنى شۇ كىمىگە سىلىپ ، چەكسىز ۋاقىت ئىقىنلىرىدا ئەركىن ئازادە سەيلە قىلدۇرىسەن . قىرغاقتىكى مەنزىرلەر ئادەمنى چەكسىز زوقلاندۇرىدۇ. سەن رىئاللقنىڭ ئەكىس ساداسى. سەن ئارزۇ-ئارماننىڭ پاللىدە چاقنىشى . بىز كۆرۆپ تۇرغان ئادەتتىكى تۇرمۇش بىلەن يۈكسەك غايىۋى دۇنيا سىنىڭ قۇچىقىڭدا گىرەلىشىدۇ. _FYA? d} سەن بەزىدە ئۇزاق بىر تارىخنى ئەكىس ئەتتۈرسەڭ ، بەزىدە ئۇنتۇلغۇسىز كىچىك بىر دەقىقىنى تەسۋېرلەپ بىرىسەن . ناۋادا سەن راسچىل ، سەمىمى بولوپ ، تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرسەڭ، ئۆزگىرىشچان تەقدىرنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ بىرەلىسەڭ ، كىشىلەر قۇدرىتىڭدىن ھاياجانغا چۈمۈپ ، ئىختىياارسىز ئاھ ئۇرشىدۇ. سەن كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈچى سىھىرلىك قول. سەن كىشىلارنىڭ قەلبىدە ياڭرىغان ئەكىس سادا. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرلىك ئاۋاز. ئىنسان قەلبى گويا بىر دىڭىز، بۇ دىڭىزنىڭ ساداسى شۇ قەدەر كۈچلۈك ۋە ئۇلۇغۋاركى ، ھىچكىم توسىيالمايدۇ، ھىچقانداق ئاۋاز ئۇنى دورىيالمايدۇ. &hO-6(^I سەن بىر سەمىمى ۋە ۋاپادار دوسىت. سىنى سۆيگەنلەرگە ئۈن-تىنسىز ئۆزۆڭنى تەقدىم قىلىسەن. ئۇلارنى بىپايان گۈزەل دۇنياغا باشلاپ كىرىپ ، دۇنيادىكى ئەڭ جەزبىدار مەنزىرلەرنى كۆرسىتىسەن، ئۇلارغا كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى تونىتىسەن . كىمكى سەن بىلەن دوست بولوشنى ئارزۇ قىلسا ، قەلبىڭنىڭ قەلبىڭنىڭ دەرۋازىسىنى ئۇنىڭغا كەڭرى ئىچىپ بىرىسەن. ئۇلار سىنى تاشلاپ كەتمىسىلا ، ئۇلارغا مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايسەن . تاشلاپ كەتمەيسەن. K^U=" سەن بىر سىرلىق ئىشىك. سىنى ئىچىشنى نيىيەت قىلغانلارنىڭ ھىچقايسىسىنى نائۈمۈت قالدۇرمايسەن. سىنى شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ پەلەمپىيى قىلىشنى خىيال قىلغانلارغا ھەرگىز ئىچىلمايسەن. R\5,H!V9n xy7A^7Li G0UaE1n مەنبە:تەۋپىق بارماق مەتبۇئاتى C8|V?bL ئوتتورا مەكتەپ بىرىنجى يىللىق تىل ئەدەبىيات كىتاپتىن CW+kKN
|