تۆتتاش: تەتىل قىلدۇق
تەتىل قىلدۇق
تۆتتاش
تاشپاقىدەك ئۆمىلەپ كەلمەكتە تەقەززا قىلىپ، سىنى مىنى بور تۇتقان قوللارنى، كۆۋرۈك بۇلۇپ شۇتا بۇلۇپ ئىگىلگەن بويلارنى.
لىكىن يەنە ھەمرا بۇلىمەن، دىجۈرنى بولغاندا سايرىغاندا جۈمەدىكى ناماز كۈيى پاراڭلىشىمەن سەن ئۈچۈن ئايرىلماي كۈن بۇيى.
مەن داۋالانمايمەن، ساياھەتكە بارمايمەن، ھەتتا ئاتا-ئانامنىمۇ ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتمەيمەن، پەقەت سەن ئۈچۈن. خۇددى سىنى كۆرمىسەم بىر يىرىم كامدەك. پەرزەنتىمچۇ؟ مەڭگۈلۈك ھەمرايىمچۇ؟ ئاران بىر نەچچە سائەتلا باغچىدا كۈرۈشەلەيمەن، مۇھاجىرلار كۈرۈشكەن چاغدەك. ئۆتمۈشلەردىكى تەتىلنى سېغىندىم. ھازىر يۈز ئۈرۈدۈڭ مەندىن، خۇددى مەندە يۇقۇملۇق كېسەل باردەك.
بور يۇقى قوللارنى، يۇيۇۋالاي ئىگىلگەن بەللەرنى تۈزلىۋالاي. سۈزۈك-سۈزۈك ئېقىن سۇلاردىن ئوچۇملاپ قانغۇچە ئىچىۋالاي.
دىلىڭدىكى جارائەت ساقايسا.
2012 - يىزىلىپ قايتا تۈزۈتۈلدى
|