تۆتتاش: دوستۇم ئەكبەر نىيازغا مۇشائىرە
دوستۇم ئەكبەر نىيازغا
مۇشائىرە
تۆتتاش
ھەر كۈنى سىرداش ماڭا دەيمىكىن دوستۇم سېنى؟ قىسمىتىم قۇرداش ماڭا دەيمىكىن دوستۇم سېنى؟
جۇت شىۋىرغان پەيتى كىلىپ، ئىللىتىپ قولنى سىقىپ، يۈرىكى تەڭداش ماڭا دەيمىكىن دوستۇم سېنى؟
تىك قىيالار باغرىدا بۈركۈتۈم سەنلا پەقەت، كۆكتىكى سۇڭداش ماڭا دەيمىكىن دوستۇم سېنى؟
قۇرۇماس توغراق روھىدا خىسلىتىڭ ئالەمچە بار، چۆلدىكى مۇڭداش ماڭا دەيمىكىن دوستۇم سېنى؟
بىر ئىشق بار دىلدا بىزنىڭ قاچمىغىن بۇندىن كىيىن، ھەمنەپەس تورداش ماڭا دەيمىكىن دوستۇم سېنى؟
2014-يىل 2- ئىيۇل
توقسۇ
|