查看完整版本: [-- توغراق:بىر قىزغا(7) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> توغراق:بىر قىزغا(7) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

توغراق 2014-07-02 18:29

توغراق:بىر قىزغا(7)

بىر قىزغا(7)
ئابدۇۋەلى تۇردى

چىرايلىق كۆزۈڭدىن تامچىدى شەبنەم،
يۈرەككە شۇ دەقىق سانجىلدى پىچاق.
كائىنات زۇلمەتتە قالدى قۇياشسىز،
ھەسرەتلەر ئېچىشتى ماڭا كەڭ قۇچاق.

سۈكۈتتە ئۇھ تارتتى زېمىن يىغاڭدىن،
دەريالار مۇڭ باستى سالماستىن شاۋقۇن،
قۇشلارنىڭ ناۋاسى ياڭرىماس ھەتتا،
بولۇشقان ھەممىسى سۈكۈتكە تۇتقۇن.

يىغلىۋال يىغلىغۇڭ كەلسە قاتتىق بىر،
ھەسرەتلەر ئىچىڭگە قالمىسۇن ئورناپ.
ساغلاملىق يار بولسۇن، ئۇنتۇما ساڭا-
موھتاج بىز، تەشنا بىز، ھەممىمىز شۇتاپ.
(ئاپتۇر: ئونسۇ ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

ئارزۇيۇم 2014-07-09 16:09
ئاپتۇرى ئۆزىڭىزمۇ؟

گۈلنىھال 2014-07-09 16:41
شىئېرىڭىزنى ياقتۇردۇم ، ياخشى چىقىپتۇ ، ھارمىغايسىز .

گۈلنىھال 2014-07-09 16:42
بۇ مىسالىرىڭىزنى ياقتۇردۇم :


سۈكۈتتە ئۇھ تارتتى زېمىن يىغاڭدىن،
دەريالار مۇڭ باستى سالماستىن شاۋقۇن،
قۇشلارنىڭ ناۋاسى ياڭرىماس ھەتتا،
بولۇشقان ھەممىسى سۈكۈتكە تۇتقۇن...

توغراق 2014-07-09 18:20
ئارزۇيۇم:ئاپتۇرى ئۆز

شۇنداق،تەكلىپ-پىكىر بەرگەيسىز!

tawpek 2014-07-10 20:51
تەۋپىق شىئىرىيەت سىپىگە يەنە بىر قىرىندىشىمىزنىڭ قوشولغىندىن خۇرسەن بولدۇق

مىېھرىما 2014-07-10 22:15
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.


查看完整版本: [-- توغراق:بىر قىزغا(7) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled