查看完整版本: [-- رامزىنىم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> رامزىنىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ablatmuhamma 2014-07-02 13:59

رامزىنىم

رامزىنىم

مىڭ تەششەككۈر قەدىمىڭگە ئالەمچە قىممەت رامزىنىم ،
نۇرچېچىپ مىسلى ھاياتقا دىللاردا ھۆرمەت رامزىنىم .
چىن ھۆكمىدە بەلگىلەنگەن سۈرئەتتە سائەت رامزىنىم ،
زىل ئېتىقاد چاڭقاقتىكى تۇيغۇغا زىننەت رامزىنىم ،
قىممىتى گۈزەل ئەخلاق مۆھمىنگە قامەت رامزىنىم.


يېيىلغاندا دەستۇرخېنى بار بەرىكەت ئىپتارىدا ،
يادلىنار ئايەت ھەدىس ھەر بىر كىشى تىل تارىدا ،
شاخلىنار چىن مۇھەببەت بولغاچ تەببەسسۇم مول كانىدا ،
پەرلىنەر باي -باياشاد بۇلبۇل ناۋا خەندانىدا ،
ئېپ كېلەركۈندۈز -كېچە ھەر كىمگە ئامەت رامزىنىم.



چۈشكىنى ئېنىق زىمىنغا ئەھلى ئىسلام پەرىزى ،
تولغىمىسۇن چوڭ -كىچىك باش ئادا قىلىنسۇن قەرىزى ،
ۋاقتىدا بولغاي ئادا بامدات پېشىن ۋە ئەسىرى ،
قالمىسۇن شامنى ئوقوپ خۇپتەن نامازنىڭ كەسىرى ،
يولىدا بولسۇن ئادا ھەققە ئىبادەت رامزىنىم .



چەكلىنىپ يىيىش -ئىچىش سىنالدى ئادەم تاقىتى ،
بى ئىمانلار چىدىماستىن سۈكۈت شېشىنى چاقتى ،
غەپلەتتە ھايات بىمەھەل ئەجەل ئىشىكنى قاقتى ،
كىم بىلەرغېرىچ-غۇلاچ قالدى ئۆمۈرنىڭ ۋاقتى ،
مۇستەھكەم بولغاي ئىمانىم تاڭلا قىيامەت رامزىنىم.



ھۆسنىدە ئايلار خىجىل رامىزان ئېيى تەنناز كېلەر ،
ئىخلاسى كۆنگەن ئىبادەت ئۇيقىسى يوق يۈرەك كۆيەر ،
ھەق ئادابولغاچ ۋەزىپە ئاي كۈلەر، قۇياش كۈلەر ،
ھەق ئىگىسى مۆھمىنىنى بۇ ئايدا بەك  قىزغىن سۆيەر ،
تەنلىرىم بولغاي تەسسەددۇق ساڭا ساداقەت رامزىنىم .



شەيتىنى ئىنسان دىگەننىڭ سالىدۇ ۋەسۋەسىگە ،
بۇزدۇرۇپ تۇتقان نىيەتنى قالدۇرۇپ يا  ئەتىگە ،
چىڭ تۇرايلى  ئېتىقادتتا ئالدانماي سەپسەتىگە ،
كۆنمىگەي ئاپئاق كۆڭۈل ئازغۇن خىيالنىڭ شەرتىگە ،
بىر ئۆمۈر ھايات يولۇمدا تۇرغاي پاراسەت رامزىنىم .


تەڭ تىلەيلى ئەلگە بەخت كۆتىرىپ قول -قول دۇئا ،
بىر نيەتلەر بولغاچ ئېنىق رىزقىنى  بەرسۇن خۇدا ،
پاكلىنىپ تۇرسۇن بەدەنلەر يۇيۇلسۇن ھەر خىل گۇناھ ،
ئەل بېغى ئىشقى ئۈچۈن چېچەكلىگەن بۇ جان پىدا ،
دوقمۇشى بولسۇن ئاۋات، كۈلسۇن جامائەت رامزىنىم .



چۆمكىسۇن ئۆيلەر ئاۋات قۇرئانى كەرىم نۇرىغا ،
ياغسۇن بەرىكەت ھەر دۇئادا  پېقىر مىسكىنلەر قولىغا،
تىڭىرقاپ يۈرگەن ئادەملەر كىرسۇن ئېتىقاد قوينىغا ،
ھەق ياشايلى تىزغاچ كېسەك ئىسلامىيەتنىڭ ھولىغا ،
سەن  ئۈچۈن ئىزدەپ ساۋاب ئالدىم تاھارەت رامزىنىم .


مىڭ ھەدىس زەم زەم مىسالى سۇغىرار چاڭقاقىنى ،
بىر قۇدرەت ھېكمىتىدە ئايلاندۇرار تۇرمۇش چاقىنى ،
قالمىغىن پەيات چېكىپ كۆرگەندە ئەجەل پالتىنى ،
ئويلىسۇن ھەر بىر كۆڭۈل ئۇ ئالەمنى -باقىينى ،
ھەر ناماز تەۋبە  قىلىپ  تاپتىم قانائەت رامزىنىم .


كۈن ساناپ تۇتساق ئەمەل بولماس كۆڭۈلگە تارچىلىق ،
روھلىرىمىزتاپسا قانائەت چانمايدۇ ماددىي ئازچىلىق ،
شۆھرىتى كىبىر تەمەننا ماس كەلمەيدۇ بىزگە ھالچىلىق ،
ئىككى ئالەم ئىزدىنەيلى ئاللاھ رىزاسى ياخشىلىق ،
سۇ بولۇپ كەتسۇن  ۋۇجۇت  ئاڭلاپ  قىرائەت رامزىنىم .


ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن

گۈلچىمەن 2014-07-06 14:14
        

مىېھرىما 2014-07-08 15:31
ياخشى چىقىقىپتۇ ئاپىرىن !!!

tawpek 2014-07-10 20:30
چەۋەنداز شائىرلىرىمىزدىن بولوپ قالدىڭىز دىسە.


ئەمدى  شىۋى قەدىر  ھەققىدە بىر شىئىر پۈتسىڭىز بولغۇدەك.

ئەكبەرنىياز 2014-08-14 14:18
شىئېر بولار ، مۇشۇنداق بولار ، ئاپىرىن !!!


查看完整版本: [-- رامزىنىم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled