查看完整版本: [-- ئامانگۈل :  سالام باھار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> ئامانگۈل :  سالام باھار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2014-07-02 11:28

ئامانگۈل :  سالام باھار

سالام باھار rMfp%DMA  
g G~UsA  
ئامانگۈل تۇردى |={><0  
RmxgCe(2a  
سالام باھار ! <9 lZ%j;  
قىشنىڭ زىمىستان كۈنلىرى دىيارىمىز بىلەن ۋىدالىشىپ، گۈزەل باھار يۇرتىمىزغا ئىللىق نۇرى بىلەن يېتىپ كەلدى. باھار كەلدى، زىمىستان سوغاق كۈنلەردىن ئايرىلىپ گۈزەل باھار كۈنلىرىنى داغدۇغىلىق ھالدا كۈتۈۋالدۇق. باھار كېلىش بىلەنلا دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى. پۈتكۈل كائىنات يېشىللىقا تولدى، مەجنۇنتاللارنىڭ ئىنچىكە چاچلىرىنى ئىللىق باھار شامىلى سۆيۈپ ئۆتەتتى. دەل-دەرەخلەر يۇمران بىخ چىقاردى. ئوت-چۆپلەر تۇپراق ئاستىدىن بىلىندۈرمەي باش كۆتۈردى. ئاقۋاش تاغنىڭ چوققىسىدىكى قار مۇزلار ئېرىپ، ئەگىز سۇلىرى ئېرىق ئۆستەڭلەردە شىلدىرلاپ ئېقىشقا باشلىدى. باھار ئەلچىسى- قارلىغاچلار تىنماي سايرىشاتتى. جاھاننى كۆكلەم قاپلىدى. قارمۇزلار ئېرىگىلى تۇردى. سۆگەت تاللار لەرزان ئۇسۇلغا چۈشتى. باغ – ئېتىزلار نازنىن قىزلاردەك  گۈزەل ياسىنىشقانىدى. «ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن، يىلنىڭ بېشى باھاردىن » دېگەندەك دېھقانلار تېرىلغۇنى باشلىۋەتتى. ئېتىزلارغا قوش سېلىشاتتى. كۆپكۆك ئاسماندا تۇرنىلار سەپ تارتىشىپ ھەريانغا ئۇچىشاتتى. گۈل-گىياھلار بەللىرىنى تولغىشىپ ئۇسۇلغا چۈشتى. قۇشلارمۇ ۋىچىرلاپ باھارغا ھۆسىن قوشتى.  شوخ بالىلار يەردە، لەگلەكلەر ئاسماندا كۆپ ئىدى. لەگلەكلەر قارلىغاچتەك لەرزان ئۇچۇپ يۈرىشەتتى. قارلىغاچلارمۇ ساما سېلىشقانىدى. قىز –يىگىتلەر بەزمە قۇرۇپ نەغمە -–ناۋا قىلىشاتتى. سېخى قۇياش بوۋاي ئىللىق نۇرىنى زىمىنغا چاچاتتى. باھار يېڭى ئىدى. كائناتتىكى ھەممە نەرسىلەر يېڭىلاندى. يېشىل گىياھلار، دەرەخلەرنىڭ نوتىللىرى باھارنى كۈيلەپ چاۋاك چېلىشاتتى. باھار خۇددى ھازىرلا ئىڭڭەلەپ تۇغۇلغان بوۋاقتەك پاك سەبى يېڭى ئىدى. باھار خۇددى زەبەرداس جەڭچى ۋە پالۋانغا ئوخشاش جەسۇر، باتۇر، قەيسەر ئىدى. s, m+q)  
باھار كۈلمەكتە. زىمىن كۈلمەكتە. بارلىق جانلىقلار كۈلمەكتە. باھارنى مەدھىيلىمەكتە. :'?%%P  
سالام باھار !ساڭا ھەممىمىزدىن ئوتلۇق سالام ! باھارنىڭ گۈزەل ئامەتلىرى ساڭا يار بولسۇن: سالام ساڭا باھار ! بىز سېنى مەدھىيلەيمىز. سېنىڭ ئىللىق شامىلىڭ پۈتكۈل باھارنى قاپلىدى. ئەي باھار !سەن نېمانچە گۈزەلدۇرسەن-ھە! ھەممىمىزنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك باھار سەن! ساڭا پۈتكۈل كائىناتتىن سالام ئېيتىمەن. q4{Pm $OW  
باھار سالام ساڭا . `}.K@17  
57j:Lw~   
توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق 6-سىنىپتىن %-*vlNC)  
2014-يىل 4-ئاپرېل M\<!m^~  
يىتەكچى ئوقۇتقۇچى: تۆتتاش P0Jd6"sS"  
مەنبە: شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى(چارشەنبە)3140-سان ,mX|TI<*  
j(BS;J$i  

ئارزۇيۇم 2014-07-06 11:15
تۆتتاش ئەپەندى ياخشى يېتەكچىلىك قىپسىز.

ئەكبەرنىياز 2014-07-06 22:57
سىزنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئىزچىللىقىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىز بىزنى بىر تەرەپتىن قايىل قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن سىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئەۋلادلارغا ئىجادىيەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىڭىز تېخىمۇ بەكرەك قايىل قىلىدۇ . ياشاپ كېتىڭ بۇرادەر !!!

گۈلنىھال 2014-07-07 15:47
تۆتتاش ئاكامنىڭ بۇ روھىدىن ئۈگەنسەك بولغۇدەك جۇمۇ ، راستىنىلا ياخشى بوپتۇ .

مىېھرىما 2014-07-09 23:11
بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەش بىزنىڭ بۇرچىمىز !! E-)VPZ1D  
mDQEXMD  
ئەجىر ئۇنتۇلماس!!

tawpek 2014-07-10 20:20
ئۆزىنىڭ يازغىنىدىن سۆيۆنۆپ يۈرسەك، ئەمدى تىيەكلەۋېتىپتۇ. 6 
O^9CV*]!n  
يەنە قانداق يىڭى قەدەملەر بار ئابلاجان؟


查看完整版本: [-- ئامانگۈل :  سالام باھار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled