ئەلچى |
2014-07-01 15:51 |
ئادىل ئەلچى:سىنى بار دەپ كەلدىم كوچاڭغا
كەلدىم
ئەلچى
قۇرۇپ قاقشال تىنىم تۇپراق,
چۈشۈمدە مىڭ ئۆلۈپ كەلدىم.
كۆرۈپ تاڭنىڭ جامالىنى,
ساڭا بىرجان بۆلۈپ كەلدىم.
ئىشىق ئەۋجىدە لەڭ ئۇرۇپ,
سىنىڭ ئىسمىڭدا ئاقتىممەن.
كېچە تۈندە زۇۋان سۈرمەي,
خىيالىمدا ئۈزۈپ كەلدىم.
ئوقۇپ سەندە ھېكايەمنى,
رىۋايەتكە ئەسىر بولدۇم.
قىلىپ تۆھمەت قېچىپ كەتكەن ,
باياۋاننى كۆرۈپ كەلدىم.
كۆزۈمدىن بالقىغان يىللار ,
ئاقار دەريادا ئىز بويلاپ.
ۋىسال دەردىڭدە قۇرۇپ قالغان,
ناخشامنى سۆيۈپ كەلدىم.
مۇڭ تۆكۈپ سايراپ بېشىمدا,
يىغلايدۇ تۈننىڭ چاقمىقى.
ۋاپا ئىستەپ جاھانىمدىن,
جاھانىڭغا كۆچۈپ كەلدىم.
2014-يىلى6-ئاينىڭ30-كۇنى
يەكەن
سىنى بار دەپ كەلدىم كوچاڭغا
ئەلچى
سىنى بار دەپ كەلدىم كوچاڭغا،
راۋابىمنى تۈندە سايرىتىپ.
ناخشامدىكى سېغىنىش كۈيى،
يوللىرىمغا كەتمەكتە سىڭىپ.
دېرىزەڭگە قونغان تولۇن ئاي،
كۈندەشلىكنى سالدى ئىچىمگە.
توۋلىماقتا يۇلتۇز كۈز قىسىپ،
تاشلاپ بېرىپ ماڭا تۈگۈنچە.
ئازابلارغا قونغان خىيالىم،
سۆزلەپ بەردى ماڭا ھېكايە.
مەن يۈكۈنۈپ كەلدىم ئالدىغا،
تەنھالىقنى تېڭىپ يۈرەككە.
تاتلىق ھېسقا ئوراپ ئۆزۈمنى،
دېرىزەڭنى چېكىمەن كۈندە.
كۆزلىرىڭگە مەپتۇن بولغان چۈش،
ئولتۇرىدۇ كىرپىكلىرىڭدە.
2014-يىلى6-ئاينىڭ30-كۈنى
يەكەن |
|