kok-sultan |
2014-07-01 10:50 |
قانداق ئوتقا ئايلىنىپ قالدىڭ؟
قانداق ئوتقا ئايلىنىپ قالدىڭ؟ بەرمەي تۇرۇپ سۆيگۈڭدىن جەۋەر. كۆيۈپ ئۆلسۇن دېدىڭمۇ ياكى، گۈللەر تەكشى ئېچىلغان سەھەر.
قانداق ئوتقا ئايلىنىپ قالدىڭ؟ ئورۇن ئېلىپ مۇزلىغان قاندىن. ۋىلۋىل قۇمدەك قاينايدۇ يۈرەك، ئۆتۈپ قالساڭ پەرۋاسىز ياندىن.
قانداق ئوتقا ئايلىنىپ قالدىڭ؟ قىلىپ مەسۈم يۈرەكنى كاۋاپ. ئۇچۇپ كەلگەن يېقىملىق شامال، سەندىن ئېلىپ كېلەرمۇ جاۋاپ؟
قانداق ئوتقا ئايلىنىپ قالدىڭ؟ سېلىپ جانغا شىرىن بىر ئازاپ. ئالداپ قاچار ئۈمىدلىك خىيال، تۇرسام نۇرسىز يۇلتۇزغا قاراپ.
قانداق ئوتقا ئايلىنىپ قالدىڭ؟ تەپتىڭ كېلەر يىراقتا تۇرۇپ. گىياھ ئۈنمەس پايانسىز چۆلدە، قالار بولدۇم قاخشالدەك قۇرۇپ.
قانداق ئوتقا ئايلىنىپ قالدىڭ؟ كۆكلەپ چىقىپ بەختسىز جاندىن. ۋىلۋىل قۇمدەك قاينايدۇ يۈرەك، ئۆتۈپ قالساڭ پەرۋاسىز ياندىن..
|
|