تۆتتاش: سۈزۈك يامغۇر
سۈزۈك يامغۇر
تۆتتاش
سۈزۈك يامغۇر سۈزۈك پىچىرلار، چاڭقاپ كەتكەن زىمىن قوينىغا. يۇپۇرماقتىن قۇشلار ھال سوراپ، ئاق مەرۋايىت چاچار بوينىغا.
تاشتەكتىكى يۇيۇلغان بەدەن، سۈيۈپ بولدى يامغۇر لىۋىنى. ھەسەت قىلىپ ئەپقاچار بۇلۇت، پاك سۆيگۈنىڭ تاتلىق سىرىنى.
كۆز يېشىغا چىلىنىپ يامغۇر، تامچە بۇلۇپ تۈكەر دەردىنى. قەدەھلەردە سۈزۈك كەچمىشلەر، چىغىر يولنىڭ قىلماس قەدرىنى.
رەڭلىك كۈنلۈك ئاستىدا دۇنيا، يامغۇرلارغا يازماقتا داستان. ساداقەتتىن چاچرىتىپ بۇژغۇن، پاك سۆيگىنىڭ كۆكسىگە فونتان.
2014-يىلى 28-ئىيۇن توقسۇ
|