تۆتتاش: ئىمتىھانمۇ تۈگىدى بۈگۈن
ئىمتىھانمۇ تۈگىدى بۈگۈن
تۆتتاش
ئاچچىق تولغاق يىگەندەك سىنىپ، قاپاق تۈرۈپ تۇراتتى دائىم. ئۇيقىسىراپ كەتكەن پارتىلار، يىمەس ئەمدى جاۋاپتىن ۋايىم.
ئىمتىھانمۇ تۈگۈدى بۈگۈن، نالە قىلار چېچىلغان كىتاپ. مەن نىمانچە بۇلىمەن بوزەك، دەپ ئۆزىگە قىلاتتى خىتاپ.
قۇلۇپلىرى ئېچىلغان ئىشىك، تەلمۈرۈدۇ ياخشى خەۋەرگە. دەرىزىمۇ سۇزۇپ بوينىنى، ناز قىلىشىپ تۇرار سەھەرگە.
ئىمتىھانمۇ تۈگۈدى بۈگۈن، خوش دىمەستىن كەتتى سۇئاللار. سەھرا تەملىك ئۇيۇنغا ئەمدى، قېنىۋالغىن كەپسىز ئويناقلار.
2014-يىل 30-ئىيۇن توقسۇ
|