查看完整版本: [-- كەچۈرۈڭ، سىزنى سۆيەلمەيمەن(نادىرەئاي) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> كەچۈرۈڭ، سىزنى سۆيەلمەيمەن(نادىرەئاي) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nadiraay 2014-06-30 01:41

كەچۈرۈڭ، سىزنى سۆيەلمەيمەن(نادىرەئاي)

كەچۈرۈڭ، سىزنى سۆيەلمەيمەن gCm?nb)  
(بىر ئايالنىڭ تىلىدىن)
ئۇزۇندىن بېرى ماڭا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. بەزى سۆز- ھەرىكەتلىرىڭىزدىن مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىز، سۆيىدىغانلىقىڭىزدىن بىشارەت بېرىپ تۇرىۋاتىسىز. ھەر قېتىم ئۇچىرىشىپ قالغاندا كۆزلىرىمگە مەنىلىك قاراپ ئاغزىڭىزنى ئۆمەللەيسىز-يۇ، ئەمما ھېچنىمە  دېيەلمەيسىز. B6pz1P?e}  
بەلكىم مېنىڭ ھەر كۈنى يالغۇز يۈرۈشلىرىمگە قاراپ ، ئائىلىۋى مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەسكەن دەپ ئويلىغانسىز ۋە ماڭىمۇ ئەرلىك تۇل خوتۇنلار قاتارىدا «سۆيگۈ سەدىقىسى» بېرىپ ئازىراق بولسىمۇ ھېسداشلىق قىلغۇڭىز كەپقالغاندۇ. ۋە ياكى بالىرىمغا ھەم ئاتا، ھەم ئانا  بولۇپ ئۇلارنى ياخشى تەربىيلەپ كېتىۋاتقىنىمغا قاراپ ماڭا ھەقىقەتەن چىن كۆڭلىڭىزدىن قايىل  بولغانسىز. مېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ، ماڭا چىن كۆڭلىڭىزنى بەرمەكچى بولىۋاتقانسىز... yED^/=\)}  
لېكىن ، ئالدى بىلەن سىزگە ئەسكەرتىدىغىنىم:  مەن- ئەرلىك ئايال، بالىلىرىمنىڭ ئاپىسى. مەن ئالدى بىلەن ئائىلەمگە، بالىلىرىمغا مەسئۇل بولۇشۇم، ئۈلگە بولۇشۇم لازىم. UQdQtj1'  
گەرچە كۈندە ئۈچ ۋاق قۇلاقلىرىمنىڭ تۈۋىدە شىۋىرلاپ « سېنى سۆيىمەن» دېگەندەك تاتلىق گەپلەرنى قىلالمىسىمۇ ،خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ماڭا ھەمراھ بولۇپ كوچىلارنى ئايلانمىسىمۇ ، ئەمما، مەندىن ئۆزگە ئايال زاتىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان، مەستلىكتە سۆزلىسىمۇ، ئۇخلىغاندا جۆيلىسىمۇ « ماڭا ئەقىللىق، ئوماق بالىلارنى تۇغۇپ، تەربىيلەپ بەردىڭ، سەندىن مىننەتدارمەن، كىم ساڭا كۆز ئالايتىپ قارىسا ، شۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋالىمەن » دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، مېنىڭ بېشەملىكىم ۋە ھورۇنلىقىمنىمۇ  تەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەركەكتەك  ئېرىم بار. pnG8c<  
سىزمۇ  نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرىڭىز بىلەن مېنى قايىل  قىلىپ كېلىۋاتىسىز، مېنىڭ  سىزگە بولغان قىزغىن، سەمىمىي  مۇئامىلەم  بەلكىم  سىزدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويغان بولۇشى  مۇمكىن. ئەمما مەن ھەممە ئادەمگە شۇنداق  مۇئامىلە  قىلىمەن. بۇنى تەپسىلىي كۈزىتىپ باقسىڭىز بىلەلەيسىز.  ئەگەر  راستىنلا  شۇنداق  خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويغان بولسام  سىزدىن سەمىمىي ئەپۇ  سورايمەن.ھەم شۇنداقلا  بۇندىن  كېيىن ماڭا  بەرمەكچى  بولغان مېھرىڭىزنى ، كۆيۈنىشىڭىزنى ئائىلىڭىزگە بېرىشىڭىزنى، ئۆز ئائىلىڭىزگە قايتىدىن ئىللىقلىق ئاتا  قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. g`6wj|@ =W  
«ھېچقانداق ئادەم ھاياتىمىزغا مۇنداقلا كىرىپ قالمايدۇ، بەزىلەر ئىمتىھاندۇر، بەزىلەر جازا، بەزىلەر تەڭرىنىڭ ھەدىيىسىدۇر» .خۇددىي مۇشۇ جۈملىدە ئېيتىلغاندەك مەن بەلكىم رەت قىلغىلى  بولمايدىغان بىر سىناققا دۈچ كەلگەندىمەن ؛ مەن بەلكىم سىزنىڭ سۆيگۈڭىزنى رەت قىلىپ تېخىمۇ قىزغىن سۆيۈلۈشتىن ۋاز كەچكەندىمەن. ۋە ياكى ساختا سۆيگۈنىڭ قۇربانى بولۇشتىن ئۆزۈمنى تارتقاندىمەن. ئەمما نېمىلا  بولمىسۇن مەن ئۆزۈمنىڭ تاللىغان يولۇمنى توغرا دەپ قارايمەن . ھەم سىزنىڭمۇ مېنىڭ بۇ  قارارىمغا ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن. Gehl/i-  
سىزنى چوڭ بىلىمەن، بىلىمىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن، سىزنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمما كەچۈرۈڭ، سۆيەلمەيمەن. ]VH@\ f  
2014-6-30


گۈلنىھال 2014-06-30 10:39
ياخشى ئەسەركەن ، رەھمەت !

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-07-01 11:13
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن ،رىئالنى ئەھمىيەتكە ئىگە تېمىنى تاللاپ ئەسەر يازغانلىقىنىڭىزدىن بەكمۇ خوش بولدۇم.

nadiraay 2014-07-01 12:11
كۆپچىلىكنىڭ  ياقتۇرغىنىغا  رەھمەت.

ئەكبەرنىياز 2014-07-02 21:05
ئاجايىپ ئېسىل چىقىپتۇ ، ئاياللار ژۇرنىلىغا ئەۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن !!!

nadiraay 2014-07-05 22:53
ئەكبەرنىياز:ئاجايىپ ئېسىل چىقىپتۇ ، ئاياللار ژۇرنىلىغا ئەۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن !!! (2014-07-02 21:05) 
IypWVr   
ئەۋەتىپ باقسامغۇ بولاتتى، ئەمما قانداق ئەۋەتىشنى  بىلمەيمەن.

tawpek 2014-07-10 14:36
قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي، 3ximNQ} S  
BIV 
شۇنچىلىك چىن ۋە تەبىئى چىقىپتۇ. hj&fQ}X  
Zk=*7?!!  
بۇ ئەسىرىڭىز ھاشارات ئۆلتۆرۆش دورىسىنىڭ ئۆزىلا بولدىمۇ نىمە؟

nadiraay 2014-07-10 23:37
tawpek:قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي، شۇنچىلىك چىن ۋە تەبىئى چىقىپتۇ.بۇ ئەسىرىڭىز ھاشارات ئۆلتۆرۆش دورىسىنىڭ ئۆزىلا بولدىمۇ نىمە؟ (2014-07-10 14:36) 
8d!GZgC8R  
|;+qld[4z  
رەھمەت. VWx]1\  
ھاشاراتسىمان ئادەملەرنى  ئۆلتۈرەلىگەن  بولسا، مەقسىدىمگە يېتىپتىمەن  ئەمىسە.


查看完整版本: [-- كەچۈرۈڭ، سىزنى سۆيەلمەيمەن(نادىرەئاي) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled