ياسىنجان510 |
2014-06-29 20:31 |
پېداگوگىكىلىق ھېكمەتلەر
پېداگوگىكىلىق ھېكمەتلەر M$4[)6Y 1 e= vsuqGT ئىككى خىل ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ:بىرى،بىلىملىك ،ئەمما قابىلىيەتسىز؛يەنە بىرى،ياسانچۇق،نايناق،چېچىلغاق. ? 2 uDw.|B2ui ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن تەربىيىسىگە ئۆزى ئەمەل قىلمايدىغان ئوقۇتقۇچى ـــ مەشئەل كۆتۈرىۋالغان قارىغۇ.ئۇ،ئوقۇغۇچىلارغا يول كۆرسىتىدۇ-يۇ،ئۆزى توغرا يولدا ماڭمايدۇ. j]|U 3 m%;D بالزاك:‹‹بىر ئادەمنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنىڭ ئەجىرىدىن كېلىدۇ››دېگەن ئىكەن،مېنىڭچە،بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنىڭ مۇئەللىملىرىنىڭ ئەجىرىدىن كېلىدۇ. /S5|wNu 4 Wq*b~Lw مەلۇم ئوقۇغۇچىنى ساۋاقداشلىرى ئالدىدا ماختاۋەرمەڭ،بۇنىڭ زىيىنى شۇكى،بىرىنچىدىن،ئۇنى ماختانچاقلىق،مەنمەنلىك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىسىز؛ئىككىنچىدىن،ساۋاقداشلىرىنى شۇ ئوقۇغۇچىغىمۇ،ئۆزىڭىزگىمۇ ئۆچ قىلىپ قويىسىز.شۇڭا ئۇنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇش،ۋە تەقدىرلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭ،ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان،شۇنداقلا باشقىلارنىمۇ قەدىرلەيدىغان بولسۇن. W[EKD 7 5 n1
6 `y} مەلۇم ئوقۇغۇچىنى يامان كۆرۈپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ.بولمىسا،دائىم ئۇنىڭغا ئىزا-ئاھانەت،ئاچچىق گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالىسىز.نەتىجىدە ئۇ ئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدىغان،مەيۈس،بۇرۇختۇم بولۇپ قالىدۇ ياكى سىز بىلەن قېرىشىپ زىت ئىش قىلىدىغان،ئىناۋىتىڭىزنى تۆكىدىغان قىساسكارغا ئايلىنىدۇ. \`V;z~@iA 6 (Yo>Oh4 ھەقىقىي پىداگوك ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەرگىز قوپاللىق قىلمايدۇ؛بەك بوشاڭلىق قىلىپ،ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز مەيلىگىمۇ قويىۋەتمەيدۇ.چۈنكى قوپاللىق - ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىڭدىن بىزار قىلىدۇ؛بوشاڭلىق - ئوقۇغۇچىلارنى شۇ ئوقۇتقۇچىنى كۆزگە ئىلماس قىپ قويىدۇ. ()&~@1U 7 'y8]_K* ئىككى خىل ئۇستاز ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ؛بىرى،تەييارلىقسىز دەرس ئۆتكەن؛يەنە بىرى،بىلمىگەننىمۇ بىلىمەن دېگەن. پۈچەك شاكالدا مېغىز نېمە قىلسۇن! {( r6
e 8 g}@OUG"D دەرسخانىدا ئۆزىڭىزلا سۆزلەپ،ئوقۇغۇچىلارنى پائالىيەتسىز ھورۇنلاردىن قىلىپ قويماڭ.ئۇلارمۇ سۆزلىسۇن،خاتا مۇلاھىزىلەرگىمۇ يول قويۇڭ.شۇنىڭدا بەس-مۇنازىرە شەكىللەندۈرۈپ،كېسەلگە قاراپ دورا بېرەلەيسىز.قەدىمقىلار :‹‹بەس-مۇنازىرىسىز بىلىم ھەقىقىي بىلىم بولالمايدۇ››دېگەن. /Q,mJ.CnSR 9 (+0v چۆجە تۇخۇمدىن چىقىپلا دان ئىزدەيدۇ،تېز ئەي بولىدۇ،ئەمما ھېچنەرسىگە ئۇلىشالمايدۇ؛يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بەك تەستە چوڭ بولىدۇ،ئەمما تەربىيە ئارقىلىق قۇدۇرەت تېپىپ،كامالەتكە يېتىپ،ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۆھپە يارىتىدۇ.دېمەك،ئەۋلادنى قەدىرلەش بۈيۈك ئىنسانىي پەزىلەت. 5{g?,/( مەنبە: مائارىپ ژورنىلىنىڭ 1993-يىللىق سانلىرىدىن تەييارلاندى. 8i2n;LAz
|
|