查看完整版本: [-- تولدۇرغۇچى بىلەن ھالەتنى پەرقلەندۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> تولدۇرغۇچى بىلەن ھالەتنى پەرقلەندۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-06-29 19:34

تولدۇرغۇچى بىلەن ھالەتنى پەرقلەندۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان

   تولدۇرغۇچى بىلەن ھالەتنى پەرقلەندۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار           8$] 1M,$r  
  ھەربىر مۇستەقىل سۆز ئۆزىنىڭ لېكسىكىلىق ۋە گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى بويىچە جۈملىدە مەلۇم سىنتاكسىسلىق ۋەزىپە ئۆتەپ،جۈملىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ كېلىدۇ.جۈملىنىڭ ئەنە شۇنداق ۋەزىپە ئۆتەپ كەلگەن قىسىملىرى جۈملە بۆلەكلىرى دېيىلىدۇ.جۈملە بۆلەكلىرى جۈملىدە ئوينىغان رولىغا قاراپ باش بۆلەك(ئىگە،خەۋەر)ۋە ئەگەشمە بۆلەك(ئېنىقلىغۇچى،تولدۇرغۇچى،ھالەت)دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.                                                                     K$z2YJ%  
جۈملە بۆلەكلىرىنى ئوقۇتۇشتا،جۈملە ئىچىدىن ئىگە،خەۋەر ۋە ئېنىقلىغۇچىلارنى توغرا ئاجىرىتالىساقمۇ،لېكىن تولدۇرغۇچى بىلەن ھالەتنى پەرقلەندۈرۈشتە مەلۇم قىيىنچىلىققا،ئىككىلىنىپ قېلىش،ئېنىق ھۆكۈم قىلالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.چۈنكى بەزى ئورۇن ۋە ۋاقىت ھالەتلىرى بىلەن  يۆنىلىش كېلىش،چىقىش كېلىش،ئورۇن-پەيت كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كەلگەن تولدۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىدىكى ئورنى ۋە كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىشى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ.شۇڭا جۈملە بۆلەكلىرىنى تەھلىل قىلىشتا ئۇلارنىڭ شەكلىگە قاراپلا بەزى ئورۇن ۋە ۋاقىت ھالەتلىرىنى تولدۇرغۇچى دەپ قارايدىغان ئەھۋاللار يوق ئەمەس. مەسىلەن:     ImA @}:  
(1)بۇ كىتاپتا نۇرغۇن مەسىلىلەر بار ئىكەن .(2)بۇ ماگزىندا نۇرغۇن ماللار بار ئىكەن.     lFj]4  
(3)ساۋاقداشلار بۈگۈن تاغدىن قايتىپ كەلدى.(4)ساۋاقداشلار بۈگۈن ئەمگەكتىن بالدۇر قايتىپ كەلدى.  بۇ جۈملىلەردىكى ‹‹كىتابتا،ماگزىندا،تاغدىن،ئەمگەكتىن››دېگەن سۆزلەرنىڭ جۈملىدىكى ئورنى ۋە كېلىشلەر بىلەن تۈرلىنىشى ئوخشاپ كەتسىمۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ شۇ جۈملىدىكى ۋەزىپىسى ئوخشىمايدۇ.(1)جۈملىدىكى ‹‹كىتابتا››دېگەن سۆز تولدۇرغۇچى بولۇپ كەلسە،(2)جۈملىدىكى ‹‹ماگزىندا››دېگەن سۆز ھالەت بولۇپ كەلگەن؛(3)جۈملىدىكى ‹‹تاغدىن ››دېگەن سۆز ھالەت بولۇپ كەلسە،(4)جۈملىدىكى ‹‹ئەمگەكتىن››دېگەن سۆز تولدۇرغۇچى بولۇپ كەلگەن.چۈنكى:‹‹كىتاپتا››دېگەن سۆز رەسىملەرنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان شەيئىنى بىلدۈرۈپ‹‹نېمىدە؟››››دېگەن سوئالغا،‹‹ماگزىندا››دېگەن سۆز تاۋارلارنىڭ مەۋجۇت ئورنىنى بىلدۈرۈپ ‹‹قەيەردە؟››دېگەن سوئالغا،‹‹تاغدىن››دېگەن سۆز ساۋاقداشلار ھەركىتىنىڭ چىقىش ئورنىنى بىلدۈرۈپ‹‹قەيەردىن؟››دېگەن سوئالغا،‹‹ئەمگەكتىن››دېگەن سۆز ساۋاقداشلار ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان شەيئىنى بىلدۈرۈپ‹‹نېمىدىن؟،نەدىن؟››دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ كېلىدۇ..                   n&/ `  
يۆنىلىش كېلىش،چىقىش كېلىش،ئورۇن-پەيت كېلىشلەر بىلەن ئورۇن-ۋاقىت ھالەتلىرىنى پەرقلەندۇرۇشتە مۇنداق ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش لازىم :                               R w\gTo  
بىرىنچى،شۇ بۆلەكنىڭ شۇ جۈملىدىكى خەۋەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە،يەنى ئۇنىڭ خەۋەردە ئاڭلىتىلغان ئىش-ھەركەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانداق مەنە ئىپادىلەپ كەلگەنلىكىگەقاراپ تەھلىل قىلىش كېرەك. ئەگەر ئورۇن-جاي ۋە ۋاقىتنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار چىقىش كېلىش يۆنىلىش كېلىش،ئورۇن-پەيت كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ،شۇ جۈملىنىڭ خەۋىرىدە ئاڭلىتىلغان ئىش-ھەركەتنىڭ پەيدا بولۇش ئورنىنى ياكى ۋاقتىنى بىلدۈرۈپ كەلسە،ئۇنداقتا بۇ سۆزلەر جۈملىدە تولدۇرغۇچى بولماي،بەلكى ھالەت بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن:                               6|=f$a  
(1)ئۇ مەكتەپ (كۈتۈپخانىسىدا) ئىشلەيدۇ. (2)بىز تۈنۈگۈن مەكتەپ (باغچىسىدا) ئەمگەك قىلدۇق. (3)دەرس( ۋاقتىدا) قالايمىقان سۆزلەشكە بولمايدۇ.(4)بىز( يازدا) تاغقا چىقىمىز.     {YC@T(  
ئەگەر ئىسىملار چىقىش كېلىش،يۆنىلىش كېلىش،ئورۇن-پەيت كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ،شۇ جۈملىنىڭ خەۋىرىدە ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەركەتنىڭ پەيدا بولۇش،ئورنىنى ياكى ۋاقتىنى بىلدۈرمەي،بەلكى شۇ ھەركەت بىلەن باغلىنىشلىق بولغان باشقا بىر شەيئىنى بىلدۈرۈپ كەلسە،ئۇنداقتابۇ سۆزلەر جۈملىدە ھالەت بولماي،بەلكى تولدۇرغۇچى بولۇپ كېلىدۇ.         >Tx?%nQ   
مەسىلەن: (1)ئۇ بۇ قېتىمقى( پائالىيەتكە) ئاكتىپ قاتناشتى.                           S hWJ72c  
(2)مەن تۈنۈگۈنكى( ئېكىسكۇرسىيىدىن )كۆپ تەسىرات ئالدىم.                         t@;p  
(3)ئۇنىڭ( دوكلاتىغا) قانداق پىكىرىڭلار بار؟                                         ~~P5k:  
(4)گۈلنىگار( يىغىندا )ئورۇنلۇق پىكىر قىلدى.                                         l'qg8  
ئىككىنچى، سوئال بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش كېرەك.جۈملىدىكى تولدۇرغۇچى بىلەن ھالەتكە بېرىلىدىغان سوئاللار ئاساسەن ئوخشاشمايدۇ.يۆنىلىش كېلىش،چىقىش كېلىش،ئورۇن-پەيت كېلىشلەردە كەلگەن تولدۇرغۇچىلارغا كۆپۈنچە ‹‹كىمدىن؟نېمىدىن؟كىمگە؟نېمىگە؟كىمدە؟نېمىدە؟››دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار بېرىلىدۇ.   r6qj7}\  
ئورۇن ھالەتلىرىگە ‹‹قەيەردىن؟نەدىن؟قەيەرگە؟نەگە؟قەيەردە؟نەدە؟››دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار بېرىلىدۇ.ۋاقىت ھالەتلىرىگە ‹‹قاچان؟››دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار بېرىلىدۇ.       ?V=ZIGj  
مەسىلەن:  (1)  مەن ئوقۇشتىن ئايرىلىپ قالدىم.                                       q`-N7 ,$T  
(2)مەن غۇلجىدىن ئايرىلماقچى بولدۇم.(3) ئۇ خىزمەت ۋاقتىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدۇ.     b%`1cV  
(4) ئۇ خىزمەت ۋاقتىدا سىرىتقا چىقىپ كەتتى.                                       B9 uoVcW  
(1)جۈملىدىكى‹‹ئوقۇشتىن››دېگەن سۆز ‹‹نېمىدىن؟››دېگەن سوئالغا جاۋاب بولۇپ تولدۇرغۇچى بولۇپ كەلگەن.(2)جۈملىدىكى ‹‹ئۈرۈمچىدىن››دېگەن سۆز ‹‹قەيەردىن؟نەدىن؟››دېگەن سوئالغا جاۋاب بولۇپ،ئورۇن ھالىتىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.(3)جۈملىدىكى ‹‹ۋاقتىغا››دېگەن سۆز ‹‹نېمىگە؟››دېگەن سوئالغا جاۋاب بولۇپ،تولدۇرغۇچى بولۇپ كەلگەن.(4)جۈملىدىكى ‹‹ۋاقتىدا››دېگەن سۆز ‹‹قاچان؟››دېگەن سوئالغا جاۋاب بولۇپ،ۋاقىت ھالىتى بولۇپ كەلگەن.    شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى،بەزى تولدۇرغۇچىلارغا كۆپۈنچە ھاللاردا سۆزلەش ئادىتى بويىچە ‹‹كىمگە؟نېمىگە؟››دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار بېرىلمەي،‹‹قەيەرگە؟نەگە؟››دېگەن سوئال بېرىلىدۇ.بىراق ئۇ سۆزلەر ئوخشاشلا شۇ جۈملىدىكى ئىش-ھەركەتنىڭ ئورنىنى بىلدۇرمەي،بەلكى شۇ ھەركەتكە ئالاقىدار شەيئىنى بىلدۈرىدۇ.شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىردەك قوللىنىپ تەھلىل قىلىش كېرەك. t{kG 
مەسىلەن:   سىلەر نەگە بارىسىلەر؟                                                     +'a^f5  
          بىز ئەمگەككە بارىمىز . بۇ جۈملىدىكى ‹‹ئەمگەككە ››دېگەن  سۆز ‹‹نەگە؟››دېگەن سوئالغا جاۋاب بولۇپ كەلگەن.بىراق بۇ سۆز ئەمگەك قىلىدىغان جاينى بىلدۈرمەي،بەلكى بېرىش ھەركىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.                 _{KG 4+5\X  
ئەسكەرتىش : ھالەت بىلەن تولدۇرغۇچنى  پەرىقلەندۈرۈش مەسىلىسىدە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە مەنمۇ دۇچ كېلىپ تۇرغان مەسىلە.بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك ماتىرياللارنى كۆرۈپ ،بۇھەقتە يېزىلغان يېزىلغان  ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ قارىغان مۇشۇنداق ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ،ئۆز بىلىم دائىرەمنى كېڭەيتىپ كەلدىم.بەلكىم مەن مۇۋاپىق كۆرگەن مەسىلىلەر باشقا كەسىپداشلارغا مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن.پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دەپ قارىغان نۇقتىلاردى پايدىلىنىپ،ئېنىق بولمىغان نۇقتىلار بولسا،تۈزىتىپ پايدىلىنىشىڭلارنى  ئۈمىد قىلىمەن.                                         bE..P&"  
مەنبە:   شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى 1996-يىل سانلىرىدىن f}e`XA?  

گۈلنىھال 2014-06-30 10:35
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماتىرىيال يوللاپ يوللاپسىز . D,feF9  
ئوقۇغۇچىلار تولدۇرغۇچى بىلەن ھالەتنى داۋاملىق ئارلاشتۇرۇپ قويىدۇ . :I#V.  
iBa A9  
مۇنداق چۈشەندۈرسەك تېخىمۇ ئېنىق بولامدىكىن دەيمەن : y)@wjH{6  
7. oM J  
چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى دىن ، تىن ، Zy/_ E@C}u  
يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى غا ، قا ،گە ، كە ، <5051U Eu  
ئورۇن  -پەيىت كېلىشنىڭ قوشۇمچىسى دا ، دە ، تا ، تە ... ئۇلىنىپ كېلىپ ، ۋاقىتنى ، ئورۇننى ،تۇرق - ھالەتنى بىلدۈرۈپ كەلسە ، مەسىلەن : مەن سىنىپقا ماڭدىم ( سىنىپقا )، ~xFkU#  
ئۇ ئۆيىگە ماڭدى ( ئۆيىگە ) ، ھالەت ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ . [ /r(__.  
ئەگەر ۋاقىت  ، ئورۇن ، تۇرق - ھالەت ، سەۋەب  - نەتىجىنى بىلدۈرمىسە تولدۇرغۇچى بولۇپ كېلىدۇ ، مەسىلەن : مەن سۇئالغاجاۋاب بەردىم ( سۇئالغا )... تولدۇرغۇچى . ;xTpE2 -~  
ئۇ ئۈگىنىشتە ياخشى ( ئۈگىنىشتە ) تولدۇرغۇچى .... f o3}W^0  
* ;FdD{+  
tH4B:Bgj!  
  ئەگەر مەن خاتالاشقان بولسام باشقىلارنىڭ تۈزىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . QT}tvm@PMq  

تىلداش 2014-06-30 13:09
ئوقۇتۇش تىلى بىلەن تەتقىقات تىلىنى پەرىقلەندۈرۈش ئەڭ موھىم مەسىلە، بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇپ، ئىمتىھان سوئاللىرىدا زىيان تارتىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ.

alga~nap 2014-06-30 15:54
بۇرۇنقى ماتىرىيال ئىكەن. قايسى بىر يىلدىكى ئالىي مەكتەپ مۇھاكىمە يىغىنىدا چۈشۈم كېلىشنىڭ قوشۇمچىسى «نى»نى تولدۇرغۇچىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئايدىڭلاشتۇرۋەتكەن ئىدى. يەنى «نى»ئۇلانسا چوقۇم تولدۇرغۇچى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا كىلىشلەرنىڭ قوشۇمچىسى ئۇلانسا تولدۇرغۇچى بولمايدۇ.  ھازىرقى سۇئاللارمۇ مۇشۇ قائىدىگە بوي سۇنىۋاتىدۇ .

مەلىكەبېلقىس 2014-06-30 16:31
مەنمۇ ئەلگە نەپنىڭ پىكىرىنى قۇۋەتلەيمەن،يېقىنقى يىللاردىكى ئالىي مەكتەپ ئېمتىھان سوئاللىرىدا ئېنىقلا چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى  «نى» بىلەن تۈرلەنسە تولدۇرغۇچى دەپلا ئايرىلىپ كېلىۋاتىدىغۇ؟

ئوتلۇق12 2014-07-02 10:20
مەنمۇ ئەلگە نەپ بىلەن مەلىكە بېلقىسنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن. چۈنكى يېقىنقى يىللاردىكى ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىمۇ مۇشۇ تەلەپ بويىچە بولىۋاتىدۇ. تەييارلىق ماتىرياللىرىمۇ مۇشۇنداق تەلەپ بويىچە بولىۋاتىدۇ.

ئەكبەرنىياز 2014-07-06 13:13
كەسىپداشلار توغرا دەيدۇ، بۇ مەسىلە مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن مۇقىملاشتۇرۇلدى .

akkax 2014-07-07 00:19
  2011 - يىللىق ئالىي مەكتەپ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئابدۇقەييۇم مۇئەللىم « نى » ھەققىدە « ئۇ ئاچچىقىدا كالىنى ئۈچ - تۆتنى ئۇرىۋەتتى » دېگەن جۈملىنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇ ۋاقىتتا چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى قوشۇلغان بىلەنمۇ ھالەت بولىدۇ ، دېگەنىدى.

tawpek 2014-07-10 14:18
مەن  چۈشۈم كىلىش قوشومچىسىنى تولدۇرغۇچىنىڭ بىردىنبىر بەلگىسى دىگەن چۈشەنچىنى ئاڭلىمىغاچقا ياسىنجان مۇئەللىمدىن چۈشۈم كىلىش قوشومچىىسى كەلمەيدىغان تولدۇرغۇچىلارنى مىسال كەلتۈرۈپ ماتىرىيال تەييارلاپ سۇنۇشنى تەۋسىيە قىلغانتىم a'T;x`b8U,  
D_ Mm W  
بۇ ماتىرىيال مىنىڭ ئاچقان يەرگە بارغاندەك قىلغانتى. - YBY[%jF>  
$~kA B8z  
لىكىن ئاخىرقى ئىنكاسلارنى كۆرۆپ ھەيران قالدىم /{2,zW  
!IR6 ,A\  
ئۇنداق بولغاندا تولدۇرغۇچى دىگەن نىمە   دىگەن ئىنىقلىمىنى ئۆزگەرتىش كىرەكمۇ نىمە؟

ھاتەھاتەم 2014-07-15 23:17
نى قوشۇمچىسى قوشۇلغاننىڭ ھەممىسى تولدۇرغۇچى،باشقىسى ھالەت بولىدۇ دەپ مۇتەخەسىسلەر مۇقۇملاشتۇرۇپ بوپتۇ.بىزمۇ شۇنداق دەپ ئالدۇق .لېكىن مەنمۇ ئانچە قاتىل بولمۇدۇم.بۇ مەسىلنى باشقىدىن ھەل قىلىش كېرەكمۇ قانداق


查看完整版本: [-- تولدۇرغۇچى بىلەن ھالەتنى پەرقلەندۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled