查看完整版本: [-- 2014 ئالى مەكتەپ ئىمتھانى نومۇر سىزىقى ئىلان قىلىندى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> 2014 ئالى مەكتەپ ئىمتھانى نومۇر سىزىقى ئىلان قىلىندى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەرك 2014-06-29 16:28

2014 ئالى مەكتەپ ئىمتھانى نومۇر سىزىقى ئىلان قىلىندى

   رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 28 – ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى. $(08!U  
    ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە: y&\t72C$Fi  
    ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە)دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 456 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 30)، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 424 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 29)، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 28)؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 359 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 35)، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 327 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 34)، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 31). 5LU7}v~/  
    ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە) دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 340 (ماتېماتىكا نەتىجىسى 24)، مەخسۇس كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 23)؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 254 ( ماتېماتىكا نەتىجىسى 22)، مەخسۇس كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا نەتىجىسى 21). hewc5vrL  
    خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلارنى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 420، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 341، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 418، تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 392، تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈملەردە ۋە تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈملەردە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ. B GOS(  
    ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە: ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە) دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈملەردە قوبۇل قىلىشتىكى كەسپىي ماھارەت ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 80، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 185؛ مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىشتا كەسپىي ماھارەت ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 78، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى .160 خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلار خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنىدۇ. Mpk7$=hjc  
    ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە: ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە) دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق كۇرس 1 –، 2 – تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشتىكى كەسپىي ماھارەت نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 128 ؛ مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىشتا كەسپىي ماھارەت نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى .107 خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلار خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.
U^DR'X=  
%rEP.T\i  
مەنبە:http://uy.ts.cn/homepage/content/2014-06/29/content_360073.htm

alga~nap 2014-06-30 15:44
بۇرۇنقى مەزگىللەرگە قايتىپ كەتتى. مۇشۇ ئىككى يىلدا نومۇر چەك بىراقلا تۆۋەنلىگەن ئىدى. ئەپسۇس يەنە ئۆرلەپ كەتتى. بۇ يىل سۇئالمۇ بەكلا ئاسان چىقتى. شۇ سەۋەپتىن نومۇر چەكمۇ ئۆرلىدى. لىكىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى بىرىنچى ، ئىككىنچى تۈركۈمگەكىرەلمەي قالدى.

قايناق 2014-06-30 20:12
نۇمۇر ئازايتىپتۇ بەك ياخشى پولاپتىمۇ نىمە.

ئەكبەرنىياز 2014-07-06 09:07
سۇئالنىڭ ئاسانلىشىشى يەنىلا ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا پايدا قىلمىدى ، ئەسلى نورمال بولسا بولاتتى !!!

ئەكبەرنىياز 2014-07-06 09:08
سۇئالنىڭ ئاسانلىشىشى يەنىلا ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا پايدا قىلمىدى ، ئەسلى نورمال بولسا بولاتتى !!!

شاراپەت 2014-07-08 14:22
تولوقلىما ئارزۇغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار بولسا يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن

tawpek 2014-07-10 14:08
بۇيىل تولوقسىزدىن ئىچكىرى تولوققا قاتناشقان ئوقوغۇچىلارنىڭ سۇئالىمۇ ئاسان چىقىرىلغان بولوپ نومور پاخاللىقى يۈز بىرىدىغاندەك yP"}(!~m  
Gf3-%s xA  
تەبىئى پەندە 526  نومور بىلەن شىنجاڭ تىببى ئۈنۋىرسىتىتىغا قوبول قىلىنالارمۇ؟ Anu:  
NJgu`@YoI  
قوشتىلنىڭ


查看完整版本: [-- 2014 ئالى مەكتەپ ئىمتھانى نومۇر سىزىقى ئىلان قىلىندى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled