تۆتتاش: تاپالمىساڭ ئەمدى ھوشۇڭنى
تاپالمىساڭ ئەمدى ھوشۇڭنى
تۆتتاش
تاپالمىساڭ ئەمدى ھوشۇڭنى، تىرىك تۇرۇپ جىسمىڭمۇ ئۆلەر. خەلقى-ئالەم ئالدىدا سېسىپ، ئادىمىلىك نامىڭمۇ ئۆچەر.
تاپالمىساڭ ئەمدى ھوشۇڭنى، زىمىن تىترەپ تۈكەر يېشىنى. سەجدە قىلغان ئىللىق بىر قۇياش، نالە قىلىپ ئىگەر بېشىنى
تاپالمىساڭ ئەمدى ھوشۇڭنى، ياقا يىرتىپ كۈلەر بۇ جاھان. مال-بىساتىڭ يەتسىمۇ كۆككە، ياتقان يىرىڭ مىتىرچە ھامان.
ئامەتلىرىڭ تۇرماس شامالدەك
كىبىرلىرىڭ چىقسا لىۋىڭگە، سايەڭ بولۇر تەنھا بىر ئۆمۈر. تامچە بۇلۇپ قەلبىڭگە كۆز ياش، ياغار مەڭگۈ ئەستىلىك مۆھۈر.
دۇنيا شۇنداق ئېيتىدۇ ناخشا، كىم كەتمىگەن سەپەرگە بىر كۈن. ئامەتلىرىڭ تۇرماس شامالدەك، تەكەببۇردىن چىقارساڭ تۈتۈن.
تۇزۇپ كىتەر چىكەلمەي ئىشىك، ئەل قەلبىگە قونمىغان شامال. چۆللۈكلەردىن ۋايسىغان دەريا، دولقۇنىدىن تاپالماس كامال.
سۆيگەچ قىرغاق يالپۇز شىۋىرلاپ، ئېتەكلەردە تۇرار بوي سۇزۇپ. ئاۋام ئۈچۈن كەتكەن ھاياتنىڭ، كېمىللىرى كەتمەس بۇزۇلۇپ.
2014-يىل 27-ئىيۇن توقسۇ
ئىشخانا |