查看完整版本: [-- ئادىل ئەلچى:شېئىردىكى كىم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئادىل ئەلچى:شېئىردىكى كىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەلچى 2014-06-27 15:30

ئادىل ئەلچى:شېئىردىكى كىم

شېئىردىكى كىم

ئەلچى

شېئىردىكى كىم،
مىنىڭ سايەم.
كېتىپ بارىدۇ بىر قىز كەينىدىن،
رەنجىگەن كۆڭۈل.
برتال ئەتىرگۈل،
ئىچىپ قويغىن قەلب ئىشكڭىنى.
ئەقىدەمنى توشۇيدۇ ماڭا،
ئازابلارغا قونغان ئاۋازىم.
ئوقۇماقتا،
بىر پارچە شېئىر.
ياكى مۇھەببەت،
ساقلاپ ئولتۇرار.
ناتىۋان ئايال،
يوللىرىمغا چاچىدۇ سوئال.
سېغىنار سېنى،
ناخشا توۋلاپ ئۆتكەندە شامال.
مەن ئىسمىڭنى چاقىرماقتىمەن.

2014-يىلى6-ئاينىڭ13-كۈنى
يەكەن

تۆتتاش 2014-06-27 16:30
ئۆزگىچە شېئىر شەكىل، ئۆزگىچە پىكىر، ئادىلجاننى قەلب ئېكرانىمدا ئۆزگىچە چاقناتماقتا.

گۈلنىھال 2014-06-27 19:34
بۇ شىئېر ياخشى يېزىلىپتۇ ، سىزگە بەرىكەت يار بولسۇن !

تىلداش 2014-06-27 19:51
ئەقىدەمنى توشۇيدۇ ماڭا،
ئازابلارغا قونغان ئاۋازىم.

ئەكبەرنىياز 2014-07-05 01:13
ئېسىل چىقىپتۇ ، بولۇپمۇ :
ناخشا توۋلاپ ئۆتكەندە شامال.
مەن ئىسمىڭنى چاقىرماقتىمەن.

بۇ مىسرالار ماڭا بەك ياقتى ، يەنىمۇ بەركەتلىك بولغايسىز !!!

tawpek 2014-07-09 21:59
ئادىلجاننىڭ قەدەملىرى سەل سۇسلاپ قالدى، داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ


查看完整版本: [-- ئادىل ئەلچى:شېئىردىكى كىم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled