natiwan |
2014-06-27 13:43 |
سۇپەت تەھلىل ماتېرىيالى (7-يىللىق قوش تىل)
2013-2014-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈم 7-يىللىقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات سۈپەت تەھلىلى (قوش تىل سىنىپ)
.سۇئالنىڭ ئۇمۇمىي قۇرۇلمىسى ۋە قاپلىنىش دائىرسى 1 بۇ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سۇئالى جەمئىي بەش چوڭ سۇئالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، 1-سۇئال تاللاش سۇئالى ، 2-سۇئال بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئالى ، 3-سۇئال قىسقىچە جاۋاب بېرىش سۇئال، 4-سۇئال كۆنۈكمە ئىشلەش ۋە تەھلىل قىلىش سۇئالى، 5-سۇئال يېزىقچىلىق سۇئالىدىن ئىبارەت. بۇ سۇئاللارنىڭ شەكلى مۇۋاپىق، سۇئاللارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى جەھەتتىن ئالغاندا تەكشى بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ سۇئاللارنىڭ قاپلىنىش دائىرسى جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلى 18 نۇمۇر ، تېكىستلەر 29 نۇمۇر، مەخسۇس تېما 4 نۇمۇر، نەزەرىيە بىلىملىرى 6 نۇمۇر، يېزىقچىلىق 40 نۇمۇر. بۇ سۇئاللارنىڭ بۆلەكلەرگە بۆلۈنىشى تەكشى بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.. 2. سۇئالنىڭ قىيىن-ئاسانلىق دەرىجىسى 2013-2014-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈم 7-يىللىقلارنىڭ قوش تىل تىل- ئەدەبىيات سۇئالنىڭ ئاسان-قىيىنلىقىنىڭ قاپلىنىش دائىرسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا قىيىن سۇئاللار%25، ئاسان سۇئاللار %25، قىسمەن ئاسان سۇئاللار %25، قىسمەن ئاسان سۇئاللار %25 ئەتراپىدا بولغان. ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىن قونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى چۇشەندۇرۇشتە قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغان . 3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاب بېرىش ئەھۋالى 1) تاللاش سۇئالىدىكى ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا جاۋاب بېرەلمىگەن. 2) قىسقىچە جاۋاب بېرىش سۇئاللىرىدىكى نەزەرىيىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا جاۋاب بېرەلمىگەن. 3) كۆنۈكمە ۋە تەھلىل قىلىش سۇئالىدا ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەشىقلەرنى ئىشلەشتە نۇمۇر كەتكۇزۇپ قويغان. 4) خەت-چەك يېزىش مەشىقىدە ئوقۇغۇچىلاردا شەكىلگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئۆزى ياكى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قۇيۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. 5) يېزىقچىلىق سۇئالىدا ماۋزۇنى مۇۋاپىق قۇيۇش، باياننىڭ ئامللىرىنى گەۋدىلەندۇرۇش، ئىملا ۋە تىنىش بەلگىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش جەھەتلەردە مەسىلە ئېغىر. 6) قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، نۇمۇر ئالالمىغان ئەھۋاللار بار. 6) ماقالىنىڭ ھەجىمىگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. 3. تەكلىپ-پىكىر 1) قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئىملا ۋە خەت سۈپىتىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلسە 2) باشلانغۇچتىن يېڭىدىن چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادى چىقمىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭا بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلسە. 3) قوش تىل سىنىپنىڭ ئىمتىھان سۇئالى بىر قەدەر ئاسان بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن قىيىنلىق دەرىجىسىنى بىر قەدەر ئاشۇرسا. 4) مۇمكىن بولسا بۇنىڭدىن كېيىن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا قوش تىل ۋە ئادەتتىكى سىنىپ دەپ ئايرىماي بىر خىل دەرىسلىك كىتاب بويىچە ئۆتۈلسە.
|
|