查看完整版本: [-- سۇپەت تەھلىلى (7-يىللىق ئادەتتىكى سنىپ ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پىلان خۇلاسىلەر -> سۇپەت تەھلىلى (7-يىللىق ئادەتتىكى سنىپ ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

natiwan 2014-06-27 13:41

سۇپەت تەھلىلى (7-يىللىق ئادەتتىكى سنىپ )

تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئالدىنقى مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سۇپەت ماتېرىيالىنى يوللاپ قويدۇم كەسىپداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۇمىد قىلىمەن



2013-2014-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈم 7-يىللىقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات سۈپەت تەھلىلى (ئادەتتىكى سىنىپ)

.سۇئالنىڭ ئۇمۇمىي قۇرۇلمىسى ۋە قاپلىنىش دائىرسى 1
   بۇ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سۇئالى جەمئىي بەش چوڭ سۇئالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، 1-سۇئال تاللاش سۇئالى ، 2-سۇئال بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئالى ، 3-سۇئال قىسقىچە جاۋاب بېرىش سۇئال، 4-سۇئال كۆنۈكمە ئىشلەش ۋە تەھلىل قىلىش سۇئالى، 5-سۇئال يېزىقچىلىق سۇئالىدىن ئىبارەت. بۇ سۇئاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانالىز قىلىش ،ئوقۇپ چۇشۇنۇش، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ، مۇئەييەن يېزىقچىلىق قابىلىيتىنى يېتىلدۇرۇش، ياخشى بولغان ھېسىيات، پوزىتسىيە ، قىممەت قارىشىغا ئىگە قىلىش جەھەتلەردە تولىمۇ ياخشى بولغان ئۇنۈم يارىتىلغان.
بۇ سۇئاللارنىڭ قاپلىنىش دائىرسى جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلى 16 نۇمۇر ، تېكىستلەر 26 نۇمۇر، مەخسۇس تېما 2 نۇمۇر، نەزەرىيە بىلىملىرى 5 نۇمۇر، يېزىقچىلىق 40 نۇمۇر. بۇ سۇئاللار ئاساسەن 1- ۋە 2-بۆلەككە مەركەزلىشىپ قالغان.
2. سۇئالنىڭ قىيىن-ئاسانلىق دەرىجىسى
  2013-2014-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈم 7-يىللىقلارنىڭ تىل- ئەدەبىيات سۇئالنىڭ ئاسان-قىيىنلىقىنىڭ  قاپلىنىش دائىرسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا  قىيىن سۇئاللار%20 ، ئاسان سۇئاللار %40، قىسمەن ئاسان سۇئاللار %20، قىسمەن ئاسان سۇئاللار %20 ئەتراپىدا بولغان. ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردا قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر. يادىلاپ ئەستە قالدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلگەن. بۇ مەزمۇنلارغا 5 نۇمۇر تەقسىملەنگەن
  3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاب بېرىش ئەھۋالى
1) تاللاش سۇئالىدىكى ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا جاۋاب بېرەلمىگەن.
2) بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئاللىرىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا جاۋاب بېرەلمىگەن.
3) قىسقىچە جاۋاب بېرىش سۇئاللىرىدىكى نەزەرىيىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا جاۋاب بېرەلمىگەن.
4) كۆنۈكمە ۋە تەھلىل قىلىش سۇئالىدا ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەشىقلەرنى ئىشلەشتە نۇمۇر كەتكۇزۇپ قويغان.
5) يېزىقچىلىق سۇئالىدا ماۋزۇنى مۇۋاپىق قۇيۇش، باياننىڭ ئامللىرىنى گەۋدىلەندۇرۇش، ئىملا ۋە تىنىش بەلگىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش جەھەتلەردە مەسىلە ئېغىر.
6) ماقالىنىڭ ھەجىمىگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ.
3. تەكلىپ-پىكىر
1) ماقالىگە بېرىلگەن ماقالىگە بېرىلگەن نۇمۇر كۆپ بولۇپ كېيىنكى يېزىقچىققا قويۇلىدىغان تەلەپنى ھېس قىلدۇق ھەم مۇۋاپىق بوپتۇ دەپ قارىدۇق. ئەمما 1-سۇئالدا نۇمۇر تەقسىملەش جەھەتتىن 10 تارماققا بېرىلگەن 20 نۇمۇر ئاز بولۇپ قالغان. بۇنى 7 تارماق قىلىپ 3 نۇمۇردىن قىلىپ ئۆزگەرتسە.
2) سۇئال چىقىرش جەريانىدا بارلىق بۆلەكلەرگە تەڭ تەقسىملەشكە ئەھمىيەت بەرسە.

ئەكبەرنىياز 2014-07-05 00:59
ناھايىتى ياخشى تەھلىل بوپتۇ ، ناتىۋاننىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

tawpek 2014-07-09 21:52
نىمىشقا بۇرۇنراق كۆرمىگەندىمەن، بۇدا مەنمۇ مۇشۇنىڭدىن تەييارلىغان ئىدىم

پۇرسەت تىپىپ مەنمۇ سۇنۇپ قوياي


查看完整版本: [-- سۇپەت تەھلىلى (7-يىللىق ئادەتتىكى سنىپ ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled