ablatmuhamma |
2014-06-27 02:22 |
مەستلىكىم
مەستلىكىم
تۆت تېمىمنى ئۆمۈچۈكلەر تارتتى سوراققا مەستلىكىم ، تەستىكى تەگدى ھاياتنىڭ ياغاچ قۇلاققا مەستلىكىم ، پەگادا تاتىلاپ تىرنىقىم قويدى ئىزاغا مەستلىكىم ، شەرىئەت بەردى باھا تەگكەن غىزاغا مەستلىكىم ، ئەل نەزەرى ئوي -ئىناۋەت كەتتى يىراققا مەستلىكىم .
سىلكىمەي يۈرگەچ قاپاقنى قولۇمغا ئالدىم رومكىنى ، تۆت كوچا يۈرسەم جالاقلاپ دىدى پىيەنچۈك خەق مېنى
بىغەرەز تۇرسا يۈرۈشۈم غۇرۇر ئاتالغان شاھ قېنى ، مېغىزىدا تەمى كەتكەن بەرىكەتلەر ئاھ قېنى ؟ تاشلىدى زەبۇن ھالىمنى ئىشقى پىراققا مەستلىكىم .
شىر كەيىپ قىلسا گىرادۇس قولتىقىمنى يىرتىمەن ، قىيامەت دوستۇم ئۈچۈن كونا چاپاننىڭ سىرتىمەن ، لەھزىدە ئىزدەپ سورۇن ھەر خىل دېڭىزدىن ئۆتىمەن ، بىھۇدە ئۆتكەچ كۈنۈم دەقىقىلەرنى يۈتىمەن ، تاقالدى سەرسان روھىم ئۆتكۈر سىناققا مەستلىكىم .
ياۋا ئوتلار باستى باغنى بۇلبۇل تېنىدىن ئۆستى غەم ، ئەرنى دەپ يىمەي غىزا سەكراتتا قالدى مەستۆرەم ، بوسۇغامدا بارماق شوراپ قالغان ئىدى بىرجۈپ <بۆرەم > ئادىمىيلىك خىسلىتىم كەل ، شەيتانلىرىم بەر تۆلەم ! چاچمىدىم مارجان ھارارەت بۇغداي -قوناققا مەستلىكىم .
بىۋاقىت يەتكەچ ئەجەل ماڭدى جىنازام قەبرىگە ، كېچىكىپ يەتمەك ئېرۇرمەن ئاتا -ئانامنىڭ قەدرىگە ، كىملەردىن قاچقاچ ھارارەت كىملەر چىلاشتى سەبرىگە ؟ ۋادەرىخ ،قانداق قاراي جەھەننەمنىڭ ئوت كۆزىگە ، بىناۋات بەتتام سۈيۈمنى تۆكتۈم شىۋاققا مەستلىكىم .
ئۆتمۈشۈم شىر-شىر ئاۋازدا قۇم كەبىي كۆچمەكچىكەن ، مۇڭلىنىپ ساناق ساناپ بىر چىراغ ئۆچمەكچىكەن ، روھىمغا مايمۇن سىياق ئادەتلەر كۆنمەكچىكەن ، ئۆزگىگە تەڭلەپ قوشۇق بىر ھەسەت ئۈنمەكچىكەن ، قىيسىغان مايماق تېنىمنى بەردىم قىياققا مەستلىكىم .
ئويلىسام ھېجىر پۇچۇق كۆكلىدى قۇسۇرلىرىم ، ئۈلگىسى بولدى غۇۋا ئۆي تۇتۇش ئۇسۇللىرىم ، تىلىمدا بولغاچ زەھەر بۇلغاندى ساپ سۇلىرىم ، بوتكىدا قىلدى ئېشەك بولغاچقا پارچە دوللىرىم ، داغ چۈشۈردى ئەرلىك ھالىم ئاي زىناققا مەستلىكىم .
مۇڭلانغان دوقمۇشلىرىم ئەسلى ۋەتەننىڭ پارچىسى ، ئەسلى بىز ئىدۇق ئەۋلادنىڭ شەمشادى ياكى ئارچىسى ، باش كۆتىرىش تەس كېلىدۇ تەگكەندە ۋىجدان قامچىسى ، قۇرۇپ كەتمەي كەتسۇن تۇتۇپ كۆڭۈلدە سۆيگۈ دانچىسى ، بولدى بەس ، ئوقوپ ئەپسۇن سالما توزاققا مەستلىكىم .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
|
|