查看完整版本: [-- توغراق:ئۆزۈڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> توغراق:ئۆزۈڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

توغراق 2014-06-27 00:22

توغراق:ئۆزۈڭ

ئۆزۈڭ

ئابدۇۋەلى تۇردى

بۇ كۆڭۈلنىڭ تارىنى تۇنجى رەت چەككەن ئۆزۈڭ،
رام قىلىپ دىلنى نىگار قايرىغان ،ئەگكەن ئۆزۈڭ.

بۇ دىلىمنىڭ باغىدا سەيلە قىپ ھەر كۈن كېچە،
يۈرىكىمگە ئاي كەبى،ئورنىغان ،مۆككەن ئۆزۈڭ.

سەن ئۈچۈن قەلبىم گويا مىسلى بىر ئوكيان ئېرۇر،
بەھرىدە ئەركىن ئۈزۈپ،كېمىدەك چۆككەن ئۆزۈڭ.

زىمىستاندا يۈرەكنى سەن ئۈچۈن بىر مەش دېسەم،
سۆيگۈنىڭ يالقۇنجىغان چوغىنى تۆككەن ئۆزۈڭ.

سەن ئۈچۈن سوقسا يۈرەك،چاپچىغان تۇلپار كەبى،
جىلۋە قىپ،ئوتلۇق بېقىپ،قامچا بوپ تەگكەن ئۆزۈڭ.

قولى گۈل ئۇستا ،چېۋەر كەشتىچى دەيمۇ سېنى،
گۈل يۈزۈڭنى يۈرەككە كەشتىلەپ تىككەن ئۆزۈڭ.

سېھرىگەرمۇ ياكى سەن،باغلىنىپ قالدىم ئەجەپ،
رىشتىمىزنى ئاجرىماس،چىڭ قىلىپ چىگكەن ئۆزۈڭ.
(ئاپتۇر:ئونسۇ ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

تۆتتاش 2014-06-27 16:31
ئىزچىللىقىڭىزدىن سۈيۈندۈم قېرىندىشىم.

تىلداش 2014-06-27 20:14
ئۆزۈڭ

ئابدۇۋەلى تۇردى

بۇ كۆڭۈلنىڭ تارىنى
تۇنجى رەت چەككەن ئۆزۈڭ،
رام قىلىپ دىلنى نىگار
قايرىغان ،ئەگكەن ئۆزۈڭ.

بۇ دىلىمنىڭ باغىدا
سەيلە قىپ ھەر كۈن كېچە،
يۈرىكىمگە ئاي كەبى،
ئورنىغان ،مۆككەن ئۆزۈڭ.

سەن ئۈچۈن قەلبىم گويا
مىسلى بىر ئوكيان ئېرۇر،
بەھرىدە ئەركىن ئۈزۈپ،
كېمىدەك چۆككەن ئۆزۈڭ.

زىمىستاندا يۈرەكنى
سەن ئۈچۈن بىر مەش دېسەم،
سۆيگۈنىڭ يالقۇنجىغان
چوغىنى تۆككەن ئۆزۈڭ.

سەن ئۈچۈن سوقسا يۈرەك،
چاپچىغان تۇلپار كەبى،
جىلۋە قىپ،ئوتلۇق بېقىپ،
قامچا بوپ تەگكەن ئۆزۈڭ.

قولى گۈل ئۇستا ،چېۋەر
كەشتىچى دەيمۇ سېنى،
گۈل يۈزۈڭنى يۈرەككە
كەشتىلەپ تىككەن ئۆزۈڭ.

سېھرىگەرمۇ ياكى سەن،
باغلىنىپ قالدىم ئەجەپ،
رىشتىمىزنى ئاجرىماس،
چىڭ قىلىپ چىگكەن ئۆزۈڭ.

بۇ نەزمىنى قوشاق شەكلىدە ئوقۇپ باقتىم. مەنچە، ناھايىتى يېنىك ئاھاڭدارلىققا ئىگە بولىدىكەن...
توغراقنىڭ ئىلھاملىرى تاغراقتەك كۆكلىگەي...

توغراق 2014-06-29 17:17
بۇنداق ئوقۇپ باقساقمۇ بولىدىكەن راست،كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت!

nadiraay 2014-06-30 00:24
يازمىلىرىڭىزغا ئاپىرىن.
ھەقىقەتەن  يۈرىكىڭىزگە چوڭقۇر  ئورناپ  كېتىپتۇ.

ئەكبەرنىياز 2014-07-04 23:24
ئاجايىپ لېرىكىلىقى كۈچلۈك چىققان غەزەلكەن ، كۈيدارلىقىدىمۇ چوڭ مەسىلە يوق . مېنىڭچە بۇ غەزەلنى قوشاق شەكلىدە ئوقۇماي يەنىلا غەزەل شەكلىدە ئوقۇساق بەكرەك تەسىر قىلغۇدەك !!!غەزەل يېزىش شىئېرىيەت ئىجادىيەتچىلىكىدە بىر قەدەر تەسرەك بولغان ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ .بەلكىم بۇ ۋەزىننىڭ قاتتىق ئۆلچەم قىلىنىشىدىن بولسا كېرەك . سىزنىڭ بۇ تۈردە يۈكسەك پەللە يارىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !بىر ئىلھامىڭىزغا مىڭلارچە ئىلھام قوشۇلغاي !!!

توغراق 2014-07-05 00:04
تۆتتاش مۇئەللىم ۋە ئەكبەركامنىڭ ئىلھاملىرىغا كۆپ رەھمەت!

tawpek 2014-07-09 21:46
مۇنبىرىمىزدىكى شىئىرىيەت ساھىپلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئىجىل پىكىرداشلىقلىرىنى ھەر بىر تەۋپىقداشنى سۆيۆندۈرمەي قالمايدۇ


查看完整版本: [-- توغراق:ئۆزۈڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled