查看完整版本: [-- مەھمۇد قەشقەرىي رومانىدىن پارچە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> مەھمۇد قەشقەرىي رومانىدىن پارچە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئارزۇيۇم 2014-06-25 17:13

مەھمۇد قەشقەرىي رومانىدىن پارچە

مەشھۇر ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇش
مەھمۇد كاشىغەرىي
پەرھات جىلان
1.ئاپتۇر توغرىسدا
ئاتاقلىق يازغۇچى،تەرجىمان پەرھات جىلان 1945-يىلى 8-ئايدا غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان.1954-يىلدىن 1961-يىلغىچە غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان،1961-يىلدىن 1966-يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلدىكى تولۇقسىز،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان.ئۇ،« مەدەنىيەت زور ئىنقىلاببى» مەزگىلدە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي،كىيىنچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ۋاقىتلىق تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن.1979-يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇدا ئىشلىگەن.ئەدەبىي ئىجادىيەتكە 1960-يىللارنىڭ ئاخىردا «پۇل» ناملىق ھىكايىسى بىلەن كىرگەن.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «ئالتۇن قاندىكى توي»«ئاق ئېتىم»،قاتارلىق ھىكايىللىرى،«مەھمۇد كاشىغەرىي»،«ئۇرخۇن شەجەرىسى»،«ئىدىقۇت يۇلتۇزى»قاتارلىق رومانلىرى،«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالىكىت ۋە شىۋىللىرى ھەققىدە»ناملىق تەتقىقات كىتاب ۋە نۇرغۇنلىغان تەرجىمە ئەسەرلىرى بار.
2-روماننىڭ تارىخ قىممىتى نىمە؟
ئاپتۇر روماندا ئەينى دەۋىر كىشىللىرىنىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئۆزگىچە زىددىيەت توقۇنۇشلىرىنى چىن ۋە ھەقىقىي تەسۋىرلەپ خاراكتىردىكى خاسلىقى،سەرگۈزەشتىللىرىدىكى چىنلىقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بىر گورۇپپا تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارتىپ چىققان.بۇلاردىن ئەڭ گەۋدىلىكى يەنىلا مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئوبرازىدۇر.بۇ رومان ھېچقانداق بوياقلار بىلەن پەردەزلانمىغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەرگە شۇنچىلىك يېقىن ۋە قەممەتلىك.
3-بېرىلگەن پارچىنىڭ  ۋەقەلىكىدىن مەھمۇدنىڭ قانداق خاراكتىرىنى
كۆرىۋالغىلى بولىدۇ؟
ۋەقەلىكتىن مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئانا تىلنى ئۇلۇغلايدىغان، ئەرەب تىلىنىمۇ ھېرىسمەنلىك بىلەن ئۆگىنىدىغان،كىتابى  بىلىملەرنىمۇ،ھەربى ماھارەتلەرنىمۇ ئوخشاشلا ئىخلاس
بىلەن ئۆگىندىغان مۇنەۋۋەر يىگىت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
4. بۇ پارچىدا قانداق مەزمۇن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؟
بۇ پارچىدا مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۇنى تەربىلەپ دانىشمەن، باتۇر ئەمىرلەردىن قىلىش ئۈچۈن قاتتىق تەلەپ قويغانلىقى تەسۋىرلىنىش بىلەن بىرگە قاراخانىيلار دەۋرىدىكى
مائارىپ، مەدەنىيەت،ھەربىي ئىشلارنىڭ يۈكسەلگەن ۋە راۋاجلانغان
مەنزىرسى نامايەن قىلىنغان.






توغراق 2014-06-26 09:31
بۇ ئەسەر تولۇق ئوتتۇرا دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەنمۇ؟

ئارزۇيۇم 2014-06-27 10:39
تولۇقسىزنىڭ قوش تىل سىنىپغا (7-يىللىق) كىرگۈزۈلگەن.

ئەكبەرنىياز 2014-07-03 22:56
ياخشى تەھلىل بوپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!

ئەكبەرنىياز 2014-07-03 22:56
پەرھات جىلاننىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىغا مەن بۇرۇندىنلا قايىل ، «ئورخۇن شەجەرىسى » ، «ئىدىقۇت يۇلتۇزلىرى » مۇ ئىنتايىن ئېسىل چىققان ئەسەرلەر !!!

tawpek 2014-07-09 19:05
ئىككى ئالىمنىڭ بۇ روماندىكى ئۇچرىشىشى راسمىدۇ؟


查看完整版本: [-- مەھمۇد قەشقەرىي رومانىدىن پارچە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled