查看完整版本: [-- مىېھرىما:  كۆمەچ ھەققىدە رىۋايەت --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> مىېھرىما:  كۆمەچ ھەققىدە رىۋايەت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-06-25 10:49

مىېھرىما:  كۆمەچ ھەققىدە رىۋايەت

  رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كۆپ زامان ئىلگىرى خوتەن دىيارىنىڭ چەت ياقىسىدا بىر بەگلىك ئۆتكەن ئىكەن. بۇ بەگلىكنىڭ بېگى يۇرتنى ناھايىتى ئادىل سورايدىكەن. شۇڭا بۇ يۇرتتىكىلەر باياشات، خۇشال - خۇرام، خاتىرجەم ياشايدىكەن. بۇ يۇرتتا گۈلخان ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىكەن. ئۇ بەگنىڭ ئادىل، خەلقپەرۋەرلىكىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن، بىر كۈنى 40 چارەك ئۇندا خېمىر، 40 قوينىڭ گۆشىدە قىيما تەييارلاپ، 40 كۈن ھەپىلىشىپ بىر كۆمەچ پىشۇرۇپتۇ - دە، ئۇنى بەگكە تارتۇقلاش ئۈچۈن، 40 ئاتقا ئارتىپ بەگنىڭ قورۇسى ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. بىراق، كۆمەچ بەگنىڭ دەرۋازىسىدىن پاتماپتۇ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بەگ كۆمەچنى دەرۋازا ئالدىدىلا ئاۋامغا تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ. كۆمەچنى يېگەنلەر كۈچ - قۇدرەتكە تولۇپتۇ - دە، يۇرتنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق ۋە باشقا ئىشلىرى تېخىمۇ يۈرۈشۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كۆمەچنىڭ داڭقى چىقىپ، ھېلىغىچە خوتەن خەلقى ئەتىۋارلاپ يەيدىغان تائامغا ئايلىنىپتۇ. m0v:\?S:  
zbq@pj)Qu  
N^3N[lD{  
K_dOq68_  
كەچۈرۈڭلار بۇنى بىر تور بەتتىن كۆرۈپ تەڭ بەھرىلىنەيلى دەپلا يوللاپ قويدۇم. #5V9o KM  
'Fmvu   
تورچىن مۇنبىرى.

توغراق 2014-06-25 15:12
ياخشى نەرسە مەخپىي قالمىسۇن!

مىېھرىما 2014-06-26 10:12
توغرا دەيسىز قېرىندىشىم!

بىلىمخۇمار 2014-06-27 22:58
چىرىنىڭ گۇلاخما يېزىسىدىكى كۆمەچخانىنىڭ تېمىدا باغۇ  دەيمە بۇ

مىېھرىما 2014-06-28 16:33
شۇنداقمۇ بىزمۇ كۆرۈپ باقساق بولغىدەك

ئەكبەرنىياز 2014-07-03 22:48
ئەجەپ يىگۈمنى كەلتۈرۈۋەتتى دېسە ماۋۇ تېما !!!

tawpek 2014-07-08 20:23
چىرا مەشرىپىدىمۇ مۇشۇ رىۋايەت سەھنىلەشتۈرۈلگەن، لىكىن ئۇنىڭدا دەرۋازىنى ئۆرۆپ كۆمەچنى ئىلىپ كىرىدۇ. SnFk>`  
Z7_ zMM  
ئۆمرۆمدە بىر قىتىم يىيىش نىسىپ بولغانتى بۇ گۇلاخما كۆمىچىدىن

مىېھرىما 2014-07-08 23:13
سىزغۇ يىيىشكە مۇيەسەر بوپسىز ، لىكىن بىز تېخى كۆرشكىمۇ مۇيەسەر بولالمىدۇق.


查看完整版本: [-- مىېھرىما:  كۆمەچ ھەققىدە رىۋايەت --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled