查看完整版本: [--
گۈلنىھال : ئەڭ ياخشى مۇئەللىم
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
تەرجىمە ئەسەرلەر
->
گۈلنىھال : ئەڭ ياخشى مۇئەللىم
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
گۈلنىھال
2014-06-25 10:29
گۈلنىھال : ئەڭ ياخشى مۇئەللىم
ئەڭ ياخشى مۇئەللىم
ll[&O4.F
}#;.b'`
داساكۇ ئىكېدا [ياپونىيە]
"'GhE+>Z
ئەخمەتجان روزى تەرجىمىسى
)pe17T1|
@/ nGc9h
ئىلگىرى بىرى ماڭا ئەڭ ياخشى بىر مۇئەللىمنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى، كېيىن بۇ مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئاتىنىڭ پاراسىتى ۋە ئادىمىيلىكىگە قول قويغان ئىدىم. مېنىڭ بۇ دوستۇم قايسى بىر ناھىيەدە 38 يىلى ئوقۇتقۇچى بولغان، ئوقۇغۇچىلارغا شۇنچىلىك كۆيۈنىدىغان، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مۇئەللىم ئىدى.
QSn18V>{
-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا،-دەپ باشلىغانىدى ئۇ ھېكايىسىنى،-بىر يىلى قىش بەك سوغۇق كەلدى، بىر كۈنى ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ ناخشا ئېيتىپ جان باقىدىغان بىر جۈپ ئانا-بالا قورۇيىمىزغا كىردى. ئانىسى چالغۇدا مۇڭلۇق مۇزىكا چېلىۋىدى، قىزى خۇددى قۇشلاردەك قوللىرىنى كېرىپ لەرزان ئۇسۇلغا چۈشتى، سىرتتا قار خۇددى چاچقۇدەك تۆكۈلمەكتە ئىدى، مەن بولسام ئانام تەييارلاپ بەرگەن يېمەكلىكنى يېگەچ ئۇسسۇل كۆرۈۋاتاتتىم. مۇزىكا ئاخىرلاشتى، مەن يېرىمىنى يەپ بولغان يېمەكلىكنى خالتىسى بىلەن ئۇ قىزغا سۇندۇم. بۇ چاغدا ھويلىدا كالىلارغا ئوت سېلىۋاتقان ئاتام يۈگۈرۈپ كېلىپ بىر سېلىۋىدى، بېشىم پىررىدە قېيىپ قارلىق يەرگە پالاققىدە يىقىلدىم. قورقۇپ كەتكەن ئانا-بالىمۇ دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالدى، ئاتام دەرھال ئۇلارغا ئېگىلىپ:
%3|/t-US
-قانداق قىلسام سىلەردىن ھەقىقىي كەچۈرۈم سورىيالايدىغانلىقىمنى بىلەلمەي قالدىم، شۇنداقتىمۇ ئوغلۇم ئۈچۈن سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن ئەدەپسىزلىك قىلىپ، ئۆزى يېرىمىنى يەپ بولغان نەرسىنى سىلەرگە سۇندى،-دېدى، ئاندىن مېنى تىزلىنىپ ئۇلاردىن ئەپۇ سوراشقا بۇيرۇدى.
)''V}Zn.X
ئاتام ئۇلارغا خېلى كۆپ ئوزۇق-تۈلۈك بەرگەندىن باشقا، ئۇ قىزغا يەنە ئانام تەييارلىغان ئۇششاق يېمەكلىكنى قاچىلاپ سوۋغا قىلىدى. بىراق يەرگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ پۇشايمان يېشى تۆكۈۋاتقان ماڭا قاراپمۇ قويماي، چۆپنى يەپ تويغان كالىنى يېتىلەپ ئېتىزغا چىقىپ كەتتى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئاتام ماڭا ئەنە شۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن جاھاندا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغانىدى.
'-J
ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتتى، چوڭ بولۇپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولدۇم، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ھەممىگە تونۇلغان لاياقەتلىك ئادەم بولدۇم، بىراق ئاتامنىڭ شۇ قېتىمقى تەربىيەسى يادىمدىن زادىلا چىقمىدى. ھازىر ئويلاپ باقسام، ھەممىنىڭ ئاغزىغا چىقىشقا تېگىشلىك ياخشى مۇئەللىم مەن ئەمەس، ئەسلىدە ئاشۇ ھەر قانداق تەربىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ جانلىق تەربىيە بېرىدىغان ئاتام ئىكەن.
CWRB/WH:
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
2"6qg>]-t
ئارزۇيۇم
2014-06-25 10:32
سىز ھەقىقەتەنمۇ تەۋپىق روھىنى جارى قىلدۇرۋاتىسىز جۇمۇ!
ئارزۇيۇم
2014-06-25 10:32
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا.
تۆتتاش
2014-06-25 10:32
مۇشۇنداق ياخشى تېما بىلەن مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ كىلىۋاتىسىز، ھەقىقەتەن ئەجرىڭىز بار سىزنىڭ.
گۈلنىھال
2014-06-25 10:36
ياقتۇرغىنىڭلاردىن سۆيۈندۈم ، سىلەرگە رەھمەت ...
ئارزۇيۇم
2014-06-25 10:37
كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز.
گۈلزىبا
2014-06-29 23:34
توغرا.ھۆرمەتلىنىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرئۆز -ئارا باراۋەردۇر ...
ئەكبەرنىياز
2014-07-03 22:46
ئۇستاز زالىم بولسا شاگىرت ئالىم بولۇر دەپتىكەن ، ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق ھىكايىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!
tawpek
2014-07-08 20:12
سەھىپىسىنى توغرا سۇنۇڭ خانقىز
گۈلنىھال
2014-07-09 19:02
tawpek
:
سەھىپىسىنى توغرا سۇنۇڭ خانقىز
(2014-07-08 20:12)
gp 11/.
دىققەتسىزلىك قىپتىمەن ، دىققەت قىلاي .
lf KV%
يوللاپ بوپ ھېس قىلغانتىم ...
Xg1TX_3Ml
ئامال بولمىغانتى .
查看完整版本: [--
گۈلنىھال : ئەڭ ياخشى مۇئەللىم
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled