查看完整版本: [-- تۆتتاش:  ئىشچان ھەرە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> تۆتتاش:  ئىشچان ھەرە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2014-06-25 09:59

تۆتتاش:  ئىشچان ھەرە

ئىشچان ھەرە

نازاكەت ئېلى

ھەرە ئويناپ يۈرۈپتۇ ،
گۈل بەرگىنىڭ ئۈستىدە .
ئىشلەپ كەتتى تىرىشىپ،
شىرنە يىغار قەستىدە.

قاراپ كەتتىم بىر ھازا،
يىغار كىمگە ھەسەلنى.
ھەيران بۇلۇپ سورىدىم،
ئىشچان كۆرۈپ ھەرىنى.

جاۋاپ بەردى ئۇ دەرھال:-
ھەسەل يىغىش ئادىتىم.
خەلقىم يىسە ياقتۇرۇپ،
شاتلىنىدۇ يۈرىكىم.

تىرىشىپ ئىشلەپ ھەر قاچان.
ئەلگە تۆھپە قوشىمەن،
چارچىماسمەن زادىلا،
ئەل ۋەتەن دەپ ئۈتۈمەن.

كۈلۈپ كىتىپ سورىدىم،
سەن نىمانچە دۆت ئاخماق.
باللىرىڭنى باقساڭچۇ،
كۈندە بىرىپ سۈت قايماق.

ھەسەل يىغساڭ ھەر كۈنى،
ساڭا نىمە پايدىسى،؟
ھەسىلىڭنى يەپ بوپلا،
مازاق قىلار  كۈلكىسى.

ئاچچىقلىدى  ھەرىچاق،  
ئۆزەڭنىلا ئويلامسەن؟
تۆھپە قوشساڭ خەلىققە،
كۆندە خۇشال بولمامسەن؟

ئۆزى ئۆچۈن ئىشلىگەن،
سايىسى يوق دەرەخنىڭ.
ئاۋام قۇچاق ئاچمايدۇ،
ھىسابى بار ھەر ئىشنىڭ.

تەسىرلىنىپ سۆزىدىن،
خىجىل بولدۇم ئۆزۈمدىن.
ئىبرەت ئېلىڭ دوستلىرىم،
قىلغان خاتا سۆزۈمدىن.

مەنمۇ ئەمدى ھەرىدەك،
خەلىق ئۈچۈن ئىشلەيمەن .
ھورۇن بولماي، ئاش ناننى
ئۆزەم تېپىپ  چىشلەيمەن.




توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ 7- يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى نازاكەت ئېلى

يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:  تۆتتاش

گۈلنىھال 2014-06-25 10:38
ئوقۇغۇچىلارمۇ سىزگە بېقىپ بولىدۇ - دە ؟ !!!
ياخشى چىقىپتۇ .

ئارزۇيۇم 2014-06-25 10:58
ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى يېتەكلەپسىز.

ئارزۇيۇم 2014-06-25 10:59
ئوقۇتقۇچىسى قانداق بولسا ئوقۇغۇچىسى شۇنداق بولىدۇ.سڭز ياخشى بىر باغۋەنكەنسىز.

ئارزۇيۇم 2014-06-25 10:59
قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-06-26 01:12
بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قەلىمىنىڭ كۈچلۈكلىكى ،ئىجادىيەت يۇلىدىكى تىرىشچانلىقى ،ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق جەھەتتىن تەربىيلەشكە بولغان قان كۈيەرلىكى مەن ئۈچۈن ئۈلگە !قايىلمەن قېرىندىشىم !

nadiraay 2014-06-27 10:19
ئۆزىڭىز تىرىشىپلا  قالماي  يەنە  ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىمۇ  ياخشى  يېتەكلەپ  مېڭىپسىز، بۇ  يولدا  ماڭغان  ھەر  بىر  قەدىمىڭىزدىن  قىزىل گۈللەر  ئۈنگەي.

تۆتتاش 2014-07-03 01:18
رەھمەت ئەزىزلەر

ئەكبەرنىياز 2014-07-03 22:32
سىزگە ھەقىقەتەن قايىلمەن ، ياشاپ كېتىڭ بۇرادەر !!!

tawpek 2014-07-07 21:13
تۆتتاش مۇنبەرگە دەسلەپ ئەزا بولوپ ئەسەر يوللىغاندا ئاۋۇ قىزچىلىكمۇ يازالمايىتتى، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۆسىز تىرىشىپ تۇغما ئىقتىدارىنى قوزغىتىم ھازىرقى ھالەتكە كەلدى.

ئەمدى ئاۋۇ شاگىرىتنى 3- يىللىققا چىققۇچە ئۆزىڭىزدىن ئاشۇرۇپ توختارسىز.


查看完整版本: [-- تۆتتاش:  ئىشچان ھەرە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled