查看完整版本: [-- گۈلنىھال :  بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> گۈلنىھال :  بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-06-25 09:59

گۈلنىھال :  بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى

                                    بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى n}qHt0N  
a $g4 )0eS  
      موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئابىدىلىرى. dfe 9)m>  
  بىلگە قاغان قۇتلۇق قاغاننىڭ ئوغلى . ئۇ تاغىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن 716 - يىلىدىن 734 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . بىلگە خاقان تەختكە چىقىپلا دانىشمەن مەسلىھەتچىسى تۇنيۇقۇق بىلەن ئىنىسى كۆل تېكىننىڭ ياردىمى ئاستىدا تۈركىي خەلقىگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن .تاڭ سۇلالىسىغا ئەل بولغان تۈرك قەبىلىلىرىنى ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ~ تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن . تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن شىمالغا قوغلانغان تۈرك خەلقىنى ئۆتۈكەن تېغىدا قىزغىن قارشى ئالغان . 718 - يىلى قۇمۇقلارغا زەربە بەرگەن .719 - يىلى قارلۇقلارنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان .720 - يىلى بېشبالىقتىكى باسمىل قەبىلىسىنى بويسۇندۇرغان . شۇ يىلى يەنە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋاڭ جۈن باشچىلىقىدىكى 300 مىڭ كىشىلىك بىرلەشمە قوشۇنىنى تارمار قىلىپ ، گەنسۇغىچە يېتىپ كەلگەن . 722 - يىلى تاتابىلارنىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇپ ، پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرك خانلىقىنى ساقلاپ قالغان . 734 - يىلى بىلگە قاغان قول ئاستىدىكى ۋەزىرى بۇيرۇق چۇر تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن .    بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر جايدىن تېپىلغان . قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان . بۇ چوڭ مەرمەر تاشتىن ياسالغان بولۇپ ، جەمىئىي 80 قۇر خەت يېزىلغان . بۇ تاش مىلادى 735 - يىلى بىلگە خاقاننىڭ ئىش ئىزلىرىغا مەدھىيە ئوقۇش ئۈچۈن يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن ئورنىتىلغان . uRKCvsisX  
     مەڭگۈ تاش تىكسىت تەرجمىسى :   1 . تەڭرىدەك تەڭرى يارالغان تۈرك بىلگە خاقان ، مېنىڭ سۆزۈم ، ئاتام بىلگە خاقان ....نى سىر توققۇز ئوغۇز ئىككى ئەدىر مۇھىم بەگلىرى ۋە خەلقىنى ... تۈرك تەڭرىسى .... G.O0*E2V  
  2 . ئۈستىدە مەن خاقان بولۇپ ئولتۇردۇم . مەن تەختتە ئولتۇرغىنىمدا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈمنى تىلەپ يۈرگەن تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى ئىنتايىن خوشاللىنىپ ، ئۇلارنىڭ جانسىز كۆزلىرىگە جان كىردى . ئۆزەم تەختكە ئولتۇرۇپ تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مۇھىم قانۇنى تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ بەردىم .   3 . ( 3 - I~MBR2$9  
23 - كول تېكىن ئابىدىسى شەرق تەرەپ (1) - (30) غا ئوخشاش )   ,qpn4`zE~  
24 . ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم ، (ئۇلارنى) قۇدرەتلىك دۆلىتى بار كۈچلۈك خانلىغى بارلاردىن ياخشى ياشايدىغان قىلدىم . تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇردۇم . (ئۇلارنى) دۈشمەنسىز قىلدىم . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىدى . ئون يەتتە يېشىمدا تاڭغۇتتا ئەسكەر چىقاردىم ، تاڭغۇت خەلقىنى مەغلۇب قىلدىم . ئاشۇنداق قىلىپ ( ئۇلارنىڭ ) ئوغۇللىرى ، قىزلىرى ، يىلقىلىرى ۋە مال - مۈلكىنى قولغا چۈشۈردۈم . ئون سەككىز يېشىمدا ئالتە جۈپ سوغداتقا B}gi /  
   25 . ئەسكەر چىقاردىم . شۇنداق قىلىپ ( ساغراق ) خەلقىنى مەغلۇب قىلدىم . تابغاچنىڭ تۇتۇقى ۋاڭ بەش تۈمەن ئەسكەر (باشلاپ) كەلدى . بىر مۇقەددەس بۇلاقتا ( ئۇلار بىلەن ) ئۇرۇش قىلدۇق . ئۇ قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتىم . يىگىرمە يېشىمدا ، باسمىل ئىدۇقۇت ئۆز ئۇرۇقىمىزدىن ئىدى . ئۇلار تارتۇقچىلاردىن ئەۋەتمىگەنلىگى ئۈچۈن ئۇلارغا يۈرۈش قىلدىم . ق ...(ب) ئۇلارنى بويسۇندۇردۇم . نۇرغۇنلىغان ( ئولجىلارنى ) ئۆيگە يۆتكەتتىم . يىگىرمە ئىككى يېشىمدا تابغاچقا /H@k;o  
  26 . يۈرۈش قىلدىم . چاچا سانغۇننڭ سەككىز تۈمەن لەشكىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتىم . يىگىرمە ئالتە ياش ۋاقتىمدا ، جىق خەلقى قىرغىزلار بىلەن بىرگە بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى ، كەم دەرياسىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم . ئورپەندە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . ئاز خەلقنى قولغا چۈشۈردۈم .... ھەمدە ئۇلارنى بويسۇندۇردۇم . يىگىرمە يەتتە يېشىمدا قىرغىزلارغا يۈرۈش قىلدىم . M 'W@K  
27 .نەيزە قارنى بېسىپ كۆكمەن تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدىم . خاقانى بىلەن سوڭدا تېغىدا ئۇرۇش قىلدىم . خاقاننى ئۆلتۈردۈم ، شۇنداق قىلىپ ئېلىنى ئالدىم . شۇ يىلى تۈركەش خەلقىغە ئالتاي تېغىدىن ئېشىپ ، ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم . تۈركەشلەرنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدىم . تۈركەش خاقان قوشۇنى شىددەت بىلەن كەلدى . |t|+pBB  
  28 . بولجۇدا ئۇرۇشتۇق ، خاقاننى ، بۇيرۇقنى ، شادىنى ئۇ يەردە ئۆلتۈردۈم ..... ئوتتۇز يېشىمدا بەشبالىققا يۈرۈش قىلدىم ، ئالتە قېتىم ئۇرۇشتۇق ... قوشۇننى پۈتۈنلەي يوقاتتىم ... ئۇ يەردىكى كىشىلەر يوقىتىلاتتى ... ئۇلار بىزنى تەكلىپ قىلغىلى كەلدى . بۇنىڭ بىلەن بەشبالىق ئاپەتتىن قۇتۇلدى . De4UGX  
   29 .ئوتتۇز بىر يېشىمدا قارلۇقلار غەم - ئەندىشىسىز ھالدا ئۆزىگە ئۆزى غوجا بولغاندا بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى . مەن تاماغ دىگەن مۇقەددەس بۇلاق بېشىدا ئۇرۇش قىلدىم . قارلۇقلارنى ئۆلتۈردۈم . شۇنداق قىلىپ ئېلىنى ئالدىم ( ئوتتۇز ئىككى ) يېشىمدا قارلۇقلار يىغىلىپ ( بىزگە قارشى تۇردى ) ، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈم . توققۇز ئوغۇز ئۆز خەلقىم ئىدى . جاھان قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن ،   )}=`Gx5+  
30 .ئىچىدە  غۇم ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى . بىر يىل ئىچىدە تۆت قېتىم ئۇرۇش قىلدىم . دەسلەپتە توغۇ شەھرىدە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇنۇم توغلا دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ ، ئۇلارنىڭ قوشۇنىنى يوقاتتى . ئىككىنچى قېتىم ئاندارغۇدا ئۇرۇش قىلدىم ... قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . ئۈچىنچى قېتىم چۇش دىگەن بۇلاق بېشىدا ئۇرۇش قىلدىم . تۈرك خەلقى ئىككىلىنىپ قالدى . -wC;pA#o  
   31 . ..  32 . ئەھۋال يامانلاشقان ئىدى . بىر قوشۇنى ئۇرۇشقا چىققان ئىدى . يەنە بىر قوشۇنى خان ئوردىسىدا قالدۇرۇلغان ئىدى . ئۈچ ئوغۇز قوشۇنى بېسىپ كەلدى . ئۇلار (بىزنى) ھۇجۇم بىلەن ئالغىلى كەلدى . سىڭار قوشۇنى ئۇرۇشقىلى كەلدى ... بىز ئاز ئىدۇق . قىيىن ئەھۋالدا ئىدۇق . ئوغۇز .... تەڭرى كۈچ - قۇۋۋەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ( ئۇلارنى ) ئاشۇ يەردە تارمار قىلدىم . O!lZ%j@%  
   33 . تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن تۈرك خەلقى غەلىبە قازاندى . مەن ۋە ئىنىم باشلامچىلىق بىلەن تىرىشمىغان بولساق تۈرك خەلقى ئۆلگەن بولاتتى . تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى سىلەر ئاشۇنداق ئويلاڭلار ۋە ئاشۇنداق بىلىڭلار !ئوغۇزلار تارتۇقچىلارنى (؟) ئەۋەتمىگەنلىگى ئۈچۈن مەن ئۇلارغا ئەسكەر چىقاردىم . *|Q'?ty(x  
  34 . ئوردا ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى خانىۋەيران قىلدىم . ئوغۇزلار توقۇز تاتارلار بىلەن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ كەلدى . ئاغۇ دىگەن جايدا ئىككى چوڭ ئۇرۇش قىلدىم .قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم ، ئېلىنى ئالدىم . مەن ئاشۇنداق تىرىشىپ ، تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزەم ئوتتۇز ئۈچ يېشىمدا .... ئۇلار ئۈستىگە ئوتولوگ..... 5iz]3]}%  
  35 . بېقىۋاتقان باتۇر خاقان ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى مۇقەددەس يەر ، سۇ (ئىلاھى) ۋە ئەجدادىم خاقاننىڭ روھى خوشال بولمىغان بولسا كېرەك . توققۇز ئوغۇز خەلقى يەر - سۈيىنى تاشلاپ تابغاچقا باردى . ئۇلار تابغاچ ، يەنە بۇ يەرگە قايتىپ كەلدى . مەن ئۇلارنى باقاي دەپ ئويلاپ ..... خەلق ...   n %"q>  
36 . جىنايەت ئۆتكۈز .... جەنۇب تابغاچقا ئۇلارنىڭ ئاتاق - ئابرويى قالمىدى . بۇ يەردە ماڭا قۇل بولدى . مەن ئۆزەم خاقانلىققا ئولتۇرغۇنۇم ئۈچۈن ، تۈرك خەلقىنى قىلمىدىم . مەن دۆلەتنى قانۇن - تۈزۈمنى ياخشى (باشقۇرۇشقا) تىرىشتىم ... بىرلىشىپ   37 . ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . بوي سۇنغانلىرى بوي سۇندى (مېنىڭ) خەلقىم بولدى . ئۆلگەنلىرى ئۆلدى . سېلىنگا دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنلەپ ، قاراغىن دىگەن قىساڭدا ئوردىسى ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى خانىۋەيران قىلدىم ...ئۇلار تاغقا چىقتى. ئۇيغۇر ئىلتەبىر يۈزچە ئەر بىلەن شەرققە قېچىپ كەتتى ....   >t)vQ&:;u  
38 . ... تۈرك خەلقى ئاچ قالغان ئىدى . مەن ئۇلارنىڭ يىلقىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ ئۇلارنى باقتىم . ئوتتۇز تۆت يېشىمدا ئوغۇزلار قېچىپ كېتىپ .... تابغاچقا قوشۇلدى . مەن ئۇلۇنۇپ ئەسكەر چىقاردىم .... ئوغۇللىرىنى ، قىزلىرىنى قولغا چۈشۈردۈم .   2S&e!d-  
  39 .ئىككى ئىلتەبىرنىڭ خەلقى ..... تاتاس خەلقى خاقانىغا بېقىندى . ئەلچى ئەۋەتمىگەنلىكى ۋە ھال - ئەھۋال سورىمىغانلىقى ئۈچۈن مەن يازدا ئۇلارغا يۈرۈش قىلدىم . خەلقنى ئۇيەردىن مەغلۇب قىلدىم . يىلقىسىنى ... قوشۇنى يىغىلىپ كەلدى . #25Z,UU  
  40 ...... تېغىدا ...  بۇرۇنقى يۇرتىدا ئولتۇراقلاشتى . جەنۇبتىكى قارلۇق خەلقلەرگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن ، يامتاردوننى ئەۋەتتىم . ئۇ باردى .... (قارلۇق) ئىلتەبەر يوقىتىلىپتىمىش ، ئىنىسى بىر قورغانغا ( قېچىپ كەتكەنمىش )   {2vk<  
41 . تارتۇقچىلار كەلمىدى . ئۇلارنى جازالاي دەپ يۈرۈش قىلدىم . مۇھاپىزەتچىلەر باشلىغى ئىككى ، ئۈچ كىشىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى . ئاددى خەلق خاقانىمىز كەلدى دەپ مەدھىيە ئوقۇدى . ( ؟ ) ... غا ئۇنۋان بەردىم . ئەمىلى كىچىكلەرنى *&q\)\(3w  
Gi~p-OS,  
مەڭگۈ تاشنىڭ جەنۇب تەرىپى `utv@9 _z  
    1 . تابغاچنىڭ ئون يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى بىرىنچى كۈنى يوقاتتىم . ئىككىنچى كۈنى پىيادە ئەسكەرلەرنى يوقاتتىم . بىز ... ئېشىپ باردى AqB5B5}  
   2 . ..... قېتىم ئەسكەر چىقاردىم . ئوتتۇز سەككىز يېشىمدا ئەتىيازدا قىتانغا يۈرۈش قىلدىم .... I@+h| n  
  3 . ..... مەن ... يوقاتتىم . ئوغۇللىرى ، قىزلىرى ، يىلقىسى ۋە مال - مۈلكىنى   p~6/+ap  
4 . بۇ .... ئاياللارغا ئۆلۈم جازاسى بەردىم ....   5 . بار ....   6 . ئۇرۇش قىلدىم ......   7 . .... بەردىم (؟) باتۇرلى ئولتۇرۇپ بالبال قىلىپ بەردىم . يېشىمدا تاتابى خەلقى قىتاندىن ئايرىلىپ چىقتى ..... تۇڭكەر .... OSQZ5:g|  
  8 . قۇغ سانغۇن ئون تۈمەن ئەسكەر باشلاپ كەلدى . تۇڭكەر تېغىدا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدىم . ئۈچ تۈمەن ئەسكەرنى ئۆلتۈردۈم . بىر تۈمەن ئەسكىرى ... 'DO^($N  
  9 .  تاتابىيوقىتىلدى . چوڭ ئوغلۇم ئاغرىپ ئۆلگەندە قۇغ سانغۇننى بالبال قىلىپ تىكلىدىم . مەن ئون توققۇز يىل شار بولدۇم ، ئون توققۇز يىل خاقان بولدۇم . دۆلەتنى باشقۇردۇم ئوتتۇز بىر ....   @X4Ur+d  
10 . تۈركلىرىمگە ، خەلقىمگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردىم . مۇشۇنداق تىرىشىۋېرىپ ئاتام خاقان شۇ يىلى ئونىنچى ئاينىڭ 26 - كۈنى قازا تاپتى . توڭگۇز يىلى بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى قىلدۇردۇم .  11 . بۇقاق تۇتۇق  دادىسى لىسۇن دىگەن چوڭ سانغۇن بەش يۈز ئەرنى باشلاپ كەلدى . مەززىلىك ... ئالتۇن كۈمۈشلەردىن ناھايىتى كۆپ كەلتۈردى . ئۆلۈم رەسمىيىتى ئۈچۈن ( ئىشلىتىشكە) ئىرىق ۋە شاملارنى كەلتۈرۈپ تىكىپ بەردۇق . سەندەل ياغىچىدىن كەلتۈرۈپ ئۆز .... 'bJ!~ML&  
  12 . مۇنچىۋالا كۆپ خەلق چېچىنى كەستى . قۇلىغى ۋە يۈزىنى قىيما - قىيما قىلىۋەتتى . ئۇلار مىنىشكىلا ئىشلىتىدىغان نەسىللىك ئات ، قارا بولغۇت ، كۆك تىيىنلەردىن ھىسابسىز كەلتۈرۈپ ، ھەممىسىنى ئۆلۈم رەسمىيىتىگە تەقدىم قىلدى . [zl@7X1{_  
  13 . تەڭرىدەك تەڭرى ياراتقان تۈرك بىلگە (خاقان) نى مېنىڭ سۆزۈم ، ئاتام تۈرك بىلگە خاقان تەختتە ئولتۇرغىنىدا ، تۈرك ھازىرقى بەگلىرى ، شىمال تەرەپتىكى كولچوڭ باشچىلىغىدىكى تولىس بەگلەر   qYR $5  
14 . ۋە شاداپىق بەگلەر ، ئوڭ تەرەپ (جەنۇب) تەرەپتىكى تامان تارخان تۇنيۇقۇق بويلا پاغاتارقان ۋە بويورۇق ... ئىچ بۇيرۇق سەپەگ كۆل تېكىن باشچىلىقىدىكى ھەرقايسى بۇيرۇقلار ، مۇشۇنداق كۆپ ھازىرقى بەگلەر ئاتام خاقانغا ئىنتايىن .... .) uUpY%K^  
   15 . ئىنتايىن ماختىدى . (؟) .... تۈرك بەگلىرى بىلەن خەلقى بىلەن بىرگە ئىنتايىن ماختىدى . ئاتام خاقان ( قازا تاپقاندا ) تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقلىرى ئېغىر تاش ۋە يوغان ياغاچلارنى ئەكەلدى ، ئۆزەم ئۈچۈن مۇنداق .....   v,y nz'>)  
(MhC83|?  
مەڭگۈ تاشنىڭ شىمال تەرىپى ( ب )    ( 1-8- قۇرلىرى كۆل تېكىن ئابىدىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى 1 - 11 - قۇرلىرى بىلەن ئوخشاش ) T Po%zZo  
   8 . ( ئاتام )   W&CQ87b  
9 . خاقان ، تاغام خاقان تەختتە ئولتۇرغاندا ، تۈن تەرەپتىكى شۇنچىلا كۆپ خەلقلەرنى تەشكىللىگەنمىش .... تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، مەن تەختتە ئولتۇرغاندا ، تۈن تەرەپتىكى خەلقلەرنى تەشكىللىدىم . تەرتىپكە سالدىم .... قىلدىم ..... ئىنتايىن داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ ، قىزىمنى تۈركەش خاقانغا ياتلىق قىلدىم .   5I/wP qR[  
10 . يەنە ئىنتايىن داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ تۈركەش خاقاننىڭ قىزىنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بەردىم .... بېشى بارلارنى باش ئۇردۇردۇم ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇم . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى ئاستىمىزدىكى يەر - زېمىن ساقلىغانلىغى ئۈچۈن . =sy>_   
  11 . كۆرۈپ باقمىغان ، ئاڭلاپ باقمىغان خەلقلەر شەرقتە كۈن چىقىشقىچە ، جەنۇبتا تابغاچقىچە ، غەربتە كۈن پېتىشقىچە ، شىمالدا ، ئوتتۇرىسىغىچە بولغان شۇنداق كەڭ زېمىندا ئولتۇراقلاشتى . تۈركلىرىم ئۈچۈن ئالتۇن ، كۈمۈش ، مەشۈتلۈك يىپەك ، ئاشلىقتىن چىقىرىلغان ئىچىملىك ، مىنىشكىلا ئىشلىتىدىغان ئات ۋە ئايغىر قارا بولغۇن .    N1,=5P$  
12 . كۆك تىيىنلەرنى تېپىپ بەردىم .... ئۇلارنى غەم - ئەندىشىسىز قىلدىم . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى كۈچلۈك ....   (Cjnf a 2  
13 . ئۇلارنى بېقىڭلار ..... قالدۇرماڭلار ! ..... تۈرك بەگلىرى ، تۈرك خەلقىم .... سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ خاقانىدىن ، بېگىڭلاردىن .   .{sKEVK  
14 . يەر - سۈيۈڭلاردىن ئايرىلماڭلار ، بەخت كۆرىسىلەر ، غەم - ئەندىشىسىز ئۆتىسىلەر ! جاپا چەكمەيسىلەر .... ( شۇندىن ) كېيىن تابغاچ خاقانىدىن كۆپ مۇسۇنكارلارنى كەلتۈردۈم . ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ياندۇرمىدى . ئوردا مۇسۇنكالىرىنى ئەۋەتتى . ئۇلارغا ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى سالدۇردۇم . ئىچى - تېشىنى نەقىشلەتتىم . تاش ياساتتىم . كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم . *uHL'Pe;m  
  15 . ئون ئوق ئەۋلاتلىرىدىن تارتىپ يات ئۇرۇقلارغىچە بۇنى كۆرۈپ بىلگەيسىلەر ! مەڭگۈ تاش ياساتتۇردۇم .... سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم .... ئۇ تاش قۇرۇلۇشىنى .... . r>73IpJI  
   hY 2nT  
    غەربىي جەنۇب تەرەپ ( ن. ش )    
    بىلگە خاقان (ئابىدى) تېكىستىنى مەنكى يوللۇغ تېكىن : يازدىم . بۇنچە كۆپ قۇرۇلۇش ، نەققاش ۋە سەنئەت بويۇملىرىنى (؟) بىلگە خاقاننىڭ جيەن ئوغلى مەنكى يوللۇغ تېكىن بىر ئاي تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم . زىننەتلىدىم ....     شەرقىي جەنۇب تەرەپ    كۆك ئوڭىنى بويلاپ يۈرۈش قىلىپ ، كېچە - كۈندۈزلەپ يەتتە كېچە - كۈندۈزدە مەن سۇسىز (چۆللەرنى) كېسىپ ئۆتۈپ چوراققا يېتىپ باردىم . (بۇلاڭچىلارغا) كەچكە تېگىپ ....     غەرب تەرەپ (ش)    1 . تۈرك ئۈستىدە ( ئولتۇرغان ئانام )   2 . بىلگە خاقان ( قازا تاپتى ) (؟)   3 . ياز بولسا ئۈستىمىزدىكى ( تەڭرى )   4 . دۇمبىغى ( ياكى تۈۋرىكى ) نىڭ داراڭلىشى (ياكى قارسىلدىشى)   5 . تاغدىكى بۇغىنىڭ چىقىرىشىدەك   6 . ھەسرەتلىنىمەن . ئاتام خاقان   7 . قېشىنى ئۆزەم ئورناتتىم .    ( تۈگىدى )   6#~"~WfPQ  
[8*Ovd  
  مەنبە : « ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار » ناملىق كىتاب ؛ لىن گەن تۈزگەن « تۈرك تارىخى »، « تاڭ سۇلالىسى . ھۇنلار تەزكىرىسى » نىڭ خەنزۇچە نەشىرى _^4\z*x  

ئارزۇيۇم 2014-06-25 10:30
ناھايىتى ياخشى ماتىريال يوللاپسىز. qh Ezv~  

ئارزۇيۇم 2014-06-25 10:30
سىزگە ئاپىرىن گۈلنىھال.

تۆتتاش 2014-06-25 10:33
پايدىلنىش قىممىتى بار تېما  ئىكەن، رەھمەت سىزگە.

گۈلنىھال 2014-06-25 10:33
ئارزۇيۇم:ناھايىتى ياخشى ماتىريال يوللاپسىز. (2014-06-25 10:30) 
sbK 0OA  
بىزنىڭ دەرسلىكىمىزدە كۆپ ئۇۇچرايدىغان بىلىملەركەن ، ئورتاق پايدىلىنايلى دىگەن مەقسەتتە يوللىدىم ... ([f6\Pw\ <  
!YJdi~q  
سىزگە رەھمەت .

ئەكبەرنىياز 2014-07-03 22:29
ياخشى ماتىريالكەن ، كۆپ رەھمەت !!!

tawpek 2014-07-07 20:32
تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تىشىنى ئۆتكەندە بۇنىمۇ قوشومچە قىلىپ بولسىمۇ سۆزلەپ بەرسەك بولغۇدەك


查看完整版本: [-- گۈلنىھال :  بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled