تۆتتاش: رۇخسەت سوراش ئىلتىماسى
رۇخسەت سوراش ئىلتىماسى
(ساتىرا)
تۆتتاش
ئەتە تويغا بارمىسام ياخشى بولماس پەقەتلا، ئەگەر رۇخسەت بەرسىڭىز خۇش بۇلىمەن قەۋەتلا، ئەمدى رۇخسەت ئالمايمەن پەقەت مۇشۇ نۆۋەتلا، بۇيۇنتاۋلىق قىلمايمەن رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر.
بولسا قانداق ئىشىڭىز،دەرھال بەجا كەلتۈرەي، مېھمان قىلىپ دائىما خوراز، پاخلان ئۆلتۈرەي، ھەييار بۇلۇپ گەپ سۆزدە كۈندە سىزنى كۈلدۈرەي، سۆزىڭىزدىن چىقمايمەن رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر.
ماس كەلمىگەن خىزمەتنى گۆدەكلىكتە ياق دىدىم، تەپەككۈرلۈك كاللام بار مەن ھەممىڭدىن ساق دىدىم، تۈمۈر تاۋاق بار مەندە مۇئاشىم بار باق دىدىم، ئەمدى سىزنى ئىشتمايمەن رۇخسەت بىرىڭ خان مۇدىر.
خاتالىقىم بولغاچقا ئالدىڭىزدا ناماقۇل، ھەممە ئىشتا سىزنىڭ راست دەپ تۇرۇمەن ھەماقۇل، ئەمدى سىزنى قوغدايمەن بۇلۇپ مەڭگۈ باقاۋۇل، نادانلىقنى قىلمايمەن رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر.
ئەلگە ئىجاد بېغىدىن گۈل دەستىلەر تۇتايلى! بۇلىقىدىن ھاياتنىڭ شىرىن شەربەت يۇتايلى! مىھىر بىرىپ دوستلۇققا كۈڭلىمىزنى ئۇتايلى! تۇيۇق يولغا ماڭمايمەن رۇخسەت بىرىڭ جان مۇدىر.
2014-يىلى 24-ئىيۇن
توقسۇ
|