查看完整版本: [-- بىلەمسىلەر مېنىڭ ئىسمىمنى؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> بىلەمسىلەر مېنىڭ ئىسمىمنى؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

omermehmud 2014-06-23 19:01

بىلەمسىلەر مېنىڭ ئىسمىمنى؟

بىلەمسىلەر مېنىڭ ئىسمىمنى؟


مەن بۇ جايدا يىراق سەھرادا،
كۈيلەيمەن شۇ يالغۇزلۇقۇمنى.
كۆپكۆك ئاسمان ئەي ئېگىز دەرەخ،
بىلەمسىلەر مېنىڭ ئىسمىمنى؟

ئۆستەڭ بويى ۋىجىك بىر سايە،
ئۈنۈپ چىققان ئاشۇ ئادەممەن.
كەچۈرۈڭلار ئەي مەجنۇن تاللار،
سۇنى مەخپىي خىيال قىلغانمەن.

بىلەمسىلەر مېنىڭ ئىسمىمنى؟
يېزىلمىغان يۇپۇرماقلارغا.
يېزىلمىغان ۋە ياكى تېخى-
ئاخىرلاشقان مۇشۇ قۇرلارغا...




قىزىل خاتىرە

ئىككىمىز ئۇچراشقان ۋاقىت قۇپقۇرۇق،
سۇلارنىڭ يۈزىدە قاراڭغۇ بىر داغ.
كۆل بۇيى ۋە ياكى ھېلىقى دەرەخ،
خىرەدۇر ئاي نۇرى، خىرە يۇپۇرماق.

بىر دالا غېرىپلىق تۇرىدۇ قىزغىن،
پورەكلەپ ئېچىلغان كۆزلەردەك گويا.
شىۋىرلاپ ئۆتكەن ھىچكىم ئەمەستۇر،
قايرىلدى پەقەتلا بىر ھەرىپ قىيا...

خاتىرە ئىچىدە ئەسلىمە پۇراپ،
قاغجىرىغان ئەڭ گۈزەل بىر پارچە ئېقىن.
تۇيۇقسىز كىملەردۇر كۆرۈپ قالسا دەپ،
ئاشۇ چاغ قىپقىزىل كۆيەتتى غەمكىن...



ھويلا سۈپۈرۈش

تاڭلار سۈزۈلىدۇ
ئايال
ئەڭ ئاۋال ئورنىدىن تۇرۇپ،
تالاي ئەتىگەنلەردىكىگە ئوخشاش
ھويلا- ئارانلارغا قاراپ
پەرىشتىلەرنىڭ مۇبارەك قەدىمىنى ئەسكە ئالىدۇ
ئۇنىڭ سۈپۈرگە تۇتقاندىكى بىغۇبارلىقى
بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئىستەكلىرىدۇر...


تەقدىر

سەھەر
گوياكى بىر ئايالنىڭ ھاياجىنى
قات- قات يېرىلغان...

يۇپۇرماقلار ۋە ئۇيغۇر ئائىلە
ئورتاق تەقدىر ئۈستىدە...
جەزمەن ئېتىزغا مېڭىش كېرەكتۇر
دەرەختەك چوڭقۇر...

ئۇيغۇر دېھقان يەر چاناۋاتىدۇ،
چىڭقى چۈشتە ئايالى كېلۇر.
چاڭقاپ راسا قۇرىغان چاغدا
بىر پىيالە سوغۇق چاي ھۇزۇر...

ئۇپۇق
ئۆيىگە قاراپ كەتتى يۇپيۇرۇق...

تۆتتاش 2014-06-24 21:33
ئەسسالام  ئۆمەرجان. كەلگەن قەدىمىڭىزگە  مەرھابا.
خاتالاشمىسام  سىز شايار ناھىيىسىدىكى  ئۆمەرجان بۇلۇسىزغۇ  دەيمەن.

شېئىرلىرىڭىزنى ژورناللاردىن ئۇقۇيتۇم، مانا ئەمدى مۇنبەردىمۇ  ئۇقۇيالايدىغان  بولدۇم.

ئەمدى شېئىرلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ  تۇرغايسىز.

گۈلنىھال 2014-06-25 10:39
مۇشۇنداق ياخشى شىئېرلارنى يوللاپ تۇرغايسىز ، رەھمەت !

ئارزۇيۇم 2014-06-25 11:17
سىزگە تەشەككۈر.

مەلىكەبېلقىس 2014-06-25 11:43
ئەجرىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ نۇر تارىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
شئېرىي تەپەككۇرىڭىز كۈچلۈك ئىكەن.

نۇرلالە 2014-06-25 13:05
سىز بىزنىڭ يۇرتتا ئىشلىەەنغۇ

كۈسەنىم 2014-06-27 01:36
قىزىل خاتىرە ، مەن بۇ شئېرنى بەك ياقتۇردۇم ،
بىر دالا غېرىپلىق تۇرىدۇ قىزغىن،
پورەكلەپ ئېچىلغان كۆزلەردەك گويا.
شىۋىرلاپ ئۆتكەن ھىچكىم ئەمەستۇر،
قايرىلدى پەقەتلا بىر ھەرىپ قىيا...
  نىمە دىگەن گۈزەل مىسرالار بۇ !؟

توغراق 2014-06-27 11:14
بۇ تېمىنىڭ نادىرلانغىنى توغرا بوپتۇ جۇمۇ!

nadiraay 2014-06-27 12:22
شېئىرلىرىڭىزنى  تولىمۇ  ياقتۇردۇم.  يازمىلىرىڭىزنى  داۋاملىق  ئوقۇپ  تۇرساقكەن دەيمەن.

بىر دالا غېرىپلىق تۇرىدۇ قىزغىن،
پورەكلەپ ئېچىلغان كۆزلەردەك گويا.
شىۋىرلاپ ئۆتكەن ھىچكىم ئەمەستۇر،
قايرىلدى پەقەتلا بىر ھەرىپ قىيا...

بۇنىڭ 4- مىسراسىنى  شىۋىرلاپ ئۆتكىنى ھېچكىم ئەمەستۇر دەپ  ئالساق تېخىمۇ ئاھاڭدار  بولىدىغاندەك ھېس قىلدىم

قايناق 2014-06-30 20:04
ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن.

ئەكبەرنىياز 2014-07-01 03:27
قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا ، ئىشىنىمەنكى مۇنبىرىمىزنىڭ شىئېرىيەت ئاسمىنى سىز بىلەن يەنىمۇ جۇلالانغۇسى !!!

ozqan 2014-07-01 23:49
تولىمۇ يېقىشلىق شېئىرلاركەن ، داۋاملىق تىرىشىش سىزگە نېسىپ بولسۇن ....

tawpek 2014-07-07 17:52
ھىكايىڭىزدىن سۆيۆنۆپ يۈرسەم ئەمدى بۇ شىئىرىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم،  بولسا مۇنبىرىمىزدە ئىزچىللىققا ئىگە بولغايسىز


查看完整版本: [-- بىلەمسىلەر مېنىڭ ئىسمىمنى؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled