查看完整版本: [-- كۈندۈز پارچىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> كۈندۈز پارچىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ablatmuhamma 2014-06-23 01:05

كۈندۈز پارچىسى

كۈندۈز پارچىسى


شاماللار ئوينايدۇ بالىلار بىلەن ،

كوچىلار ناخشىدا چىقىرار ساۋات .

گۇگۇملار تامچىلاپ چۈشكەن بۇلۇڭلار ،

سەبىيلەر قولىدا بولماقتا ئاۋات .



ئاسماننىڭ يېڭىگە كىرمەكتە قۇياش،

قاپقارا بۇلۇتلار چۇچقاق چۈشىرەر.

تولۇنئاي ئاچىدۇ دەرىزىسىنى ،

دەرەخلەر يېيىلغان گۇگۇمنى كۆرەر.


پاشىلار قەلئەگە قىلماقتا ھوجۇم ،

گۈللەرنىڭ بەرگىدىن  قاچار بىر ئاھاڭ .

تار ھاۋا كوچىدا تارار چېچىنى ،

تېرەكلەر ئۆز ئارا قىلماقتا پاراڭ .


بىنالار تۈۋىدە تونىشار ۋاقىت ،

ئادەملەر ئۈزۈلگەن ۋىسال ئۇلىشار .

دەز كەتكەن ئۈمۈدنىڭ قېپىنى ياماپ ،

رەسمىيەت قېپىغا كۆڭۈل قۇيىشار .


زارىقىش  يىقىنلار شېئىر قىرىغا ،

بىر سىقىم شىمىشكا تۆكتى كۆز يېشى .

بىر تاۋاق سېغىنىش تۇتالماي قايماق ،

خۇرسىنىش بولماقتا ئابىدە تېشى .


يىرتىلغان كۈندۈزنىڭ ۋاراقلىرىدا ،

تۆنۆگۈن قالدۇرغان ھېكىمەت تۇرار .

توموزغا سائەتنى يىغار كوزىغا ،

پەرۋانە چىراغقا ئىسمىنى ئويار .


بۇلۇتلار  يۇلتۇزغا يازىدۇ ئۇچۇر ،

بىر <ئۆھۈ> ئاۋازنى كۈتەر زارىقىپ .

ئاسماننىڭ ئېكرانى بەرمەكتە ئېلان ،

كەچقۇرۇن يۈرمەكتە  ئۇيقۇ تارقىتىپ.


كۈندۈزدىن قاڭقىغان ئادەمگەرچىلىك ،

ۋاز كېچىش قىلماقتا ۋاقىتنى سۈڭەك .

شاۋقۇنلار شەربىتى شېكەرسىز بولغاچ ،

ئۇيقىغا چىلىشار  تىرەلگەن ئېڭەك .


بىر پارچە ھاياتنىڭ ھۆجەيرىسىدە ،

چىڭقىلىش يىغىلغان ئۈمۈد پارتىلار .

ئىنتىلغان نىيەتكە بەرمىسەك ئورون

بىر ئەخلاق تۈرىدىن نومۇر تارتىلار .




ئاپتۇرى :ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن



كۈسەنىم 2014-06-23 01:22
گۈللەرنىڭ بەرگىدىن  قاچار بىر ئاھاڭ .
بۇ مىسرا بەك ئۆزگىچە چىقىپتۇ .
قاپقارا بۇلۇتلار چۇچقاق چۈشىرەر.     بۇ مىسرانى چۈشەنمىدىم
،بۇلۇتلار  يۇلتۇزغا يازىدۇ ئۇچۇر ، بۇ مىسرا نىمانچە يېقىملىق - ھە ؟!
بىر تاۋاق سېغىنىش تۇتالماي قايماق ،
خۇرسىنىش بولماقتا ئابىدە تېشى .        يۈرەكنى ئۆرتىگۈدەك چىقىپتۇ . ئەڭ ئاخىرقى كۇپلىت چوڭقۇر مەنالارغا تولغان ھېكمەت ئىكەن ، ھارمىغايسىز !      

تىلداش 2014-06-23 15:33
«كوچىلار ناخشىدا چىقىرار ساۋات»،
تەمتىلەپ ئاڭلايدۇ تارىخىم ئۇنى.
«تېرەكلەر ئۆز ئارا قىلماقتا پاراڭ»،
توغراقنىڭ غېۋىتى ئويغىتار سېنى.

tawpek 2014-07-07 17:29
يەنىلا كونا ئۇسلۇبىڭىزغا قايتىپسىزدە،

بۇخىل شىئىرلىڭىزدىن ھىكمەت پۇرايدۇ.



查看完整版本: [-- كۈندۈز پارچىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled