查看完整版本: [-- ساۋاقداش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ساۋاقداش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھاتەھاتەم 2014-06-22 11:56

ساۋاقداش


بەش يىل بىرگە ياشىدۇق،بىر سىنىپتا ئوقۇدۇق،
ھاياتلىقنىڭ سەپرىنى مانا شۇنداق باشلىدۇق.
كىمگە كەلسە دەرت-ئەلەم ،ئىلھاملارنى بېرىشتۇق،
قېرىنداشتەك جەم بولۇپ. ھال-مۇڭ ئېيتىپ سىرداشتۇق.


بىر كىتاپنى تالىشىپ، مۇنازىرە قىلىشتۇق،
ھاياتنىڭ بۇ قىممىتى،ئۇستىدە كۆپ ئويلاشتۇق .
ئاخىرلاشسا ئوقۇشلار ،كۆز ياشلارنى تۆكۇشتۇق،
ئاق يوللارنى تىلىشىپ، ۋەدىلەرنى بېرىشتۇق.

مەنبە: ئىجاديىتىم

ئەكبەرنىياز 2014-06-22 22:57
ساۋاقداشلىق مېھرى ھەممىدىن ئۇلۇغ ! بەكلا ياخشى چىقىپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن !!!
كىچىككىنە تەكلىپ :
1.

بەش يىل بىرگە ياشىدۇق،بىر سىنىپتا ئوقۇدۇق،
ھاياتلىقنىڭ سەپرىنى مانا شۇنداق باشلىدۇق.
كىمگە كەلسە دەرت-ئەلەم ،ئىلھاملارنى بېرىشتۇق،
قېرىنداشتەك جەم بولۇپ. ھال-مۇڭ ئېيتىپ سىرداشتۇق.

بۇ كوبلىتنى مۇنداقراق ئوقۇپ باقتىم :

بەش يىل بىرگە ياشىدۇق،بىر «گۈلباغ»دا سايرىشىپ ،
ھاياتلىقنىڭ سەپرىنى مانا شۇنداق باشلىشىپ .
كىمگە كەلسە دەرت-ئەلەم ،تەسەللىيلەر بېرىشىپ  ،
قېرىنداشتەك جەم بولدۇق ، ھال-مۇڭ ئېيتىپ سىردىشىپ .

2.
بىر كىتاپنى تالىشىپ، مۇنازىرە قىلىشتۇق،
ھاياتنىڭ بۇ قىممىتى،ئۇستىدە كۆپ ئويلاشتۇق .
ئاخىرلاشسا ئوقۇشلار ،كۆز ياشلارنى تۆكۇشتۇق،
ئاق يوللارنى تىلىشىپ، ۋەدىلەرنى بېرىشتۇق.

بۇ كوبلىتنى مۇنداقراق ئوقۇپ باقتىم :


بىر مەسىلە تالىشىپ، مۇنازىرە قىلىشتۇق،
ھاياتنىڭ بۇ قىممىتى،ئۇستىدە كۆپ ئويلاشتۇق .
ئاخىرلاشسا ئوقۇشلار ،كۆز ياشلارنى تۆكۇشتۇق،
ئاق يوللارنى تىلەشتۇق ، ۋەدىلەرنى بېرىشىپ .

ئويلىشىپ باقارسىز !!! مېنىڭچە ، بۇ شىئېردا ھىسسىيات سەل بوغۇلۇپ قاپتۇ ، مۇمكىن بولسا ھىسسىياتنى ئەركىن قويۇۋېتىپ ، بۇ شىئېرغا قايتا بىر ئىشلەپ باقسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدىغاندەك ھېس قىلدىمغۇ !؟ قايسى بىر يازغۇچى شۇنداق دەپتىكەن «مەن قەلەمنى قولۇمغا ئالغاندا ، ئەسەرنى مەن يازمايمەن ، بەلكى ئەسەر مېنى يازىدۇ . مەن پەقەت ، خاتىرلەپلا قويىمەن !»

كۈسەنىم 2014-06-23 00:28
ئەكبەرنىياز:ساۋاقداشلىق مېھرى ھەممىدىن ئۇلۇغ ! بەكلا ياخشى چىقىپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن !!! كىچىككىنە تەكلىپ : 1.بەش يىل بىرگە ياشىدۇق،بىر سىنىپتا ئوقۇدۇق،... .. (2014-06-22 22:57) 

ياخشى تەكلىپ بۇپتۇ ، مىنىڭچە داۋامىنى بىر ئىككى كۇپلىت داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ قانداق ؟

كۈسەنىم 2014-06-23 00:30
ئەكبەر ئاكىمىزنىڭ تۈزەتكىنى بەك ياخشى چىقىپتۇ ، يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن !

ھاتەھاتەم 2014-06-23 12:45
قىممەتلىك تەكلىپ -پىكىرلىرىڭلاغا كۆپ تەشەككۇر.

چوغدىل 2014-06-23 15:22
ئىككىنچى كۇپلىتنىڭ تۆتىنچى مىسراسىدىكى قاپىيەنى سەل زورلاپ كەلتۈرگەنمۇ نېمە؟

مىېھرىما 2014-06-23 15:57
مۇشۇ قىزغىنلىق بىلەن داۋاملىق تىشىڭ . ياخشى يېزىپسىز .داۋاملىق ئالغا!!!

تىلداش 2014-06-23 16:06
مەنچە بۇ نەزمە 7 بوغۇملۇق خەلق قوشىقى ئىكەن، شۇ ھېساب بويىچە تۆت كۇبلىت قىلىپ تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولغۇدەك، ئۇقۇم ۋە مەزمۇن جەھەتتىن باشقىلارنىڭ تۈزىتىش تەكلىپلىرىگە قوشۇلىمەن.

ئارزۇيۇم 2014-06-25 12:43
قىزغىنلىقىڭىز توختاپ قالمىسۇن.

نۇرلالە 2014-06-25 19:15
داۋاملىق تىشىڭ

tawpek 2014-07-07 17:25
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇنبىرىمىزدىكى ئىپادىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى بولىۋاتىدۇ، داۋاملىق تىرىشىڭ


查看完整版本: [-- ساۋاقداش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled