查看完整版本: [-- تۈن  سۆھپىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> تۈن  سۆھپىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2014-06-22 01:29

تۈن  سۆھپىتى

بارلىق ھاياتلىق تۈن سۆھپىتىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە ئۇيقۇ قېنىپ ئۇقلايدۇ، خورەك ئەۋجىگە چىقىپ ئۇيقۇ مەسلىكىدىكى قالايماقان جۆيلۈشلەر تۈن سۆھپىتىگە يېزىلىدۇ. ئەنە پىراففېسور قۇچىغىدا تۈنگە ئەگىشىپ قارىيۋاتقان بىغۇبار قىز! ئەنە ئىشرەت كوچىسىدا لاغايلاپ يۈرگەن سىتودىنېت! ئەنە قاراڭغۇ تۈننىڭ تار كوچىلىرىدا مۇھتاجلىق كوچىسىدا تەمتىرگەن تىلەمچى!تۈن قوينىدا سېسىق تېنىنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن قىلتاق توقىۋاتقان ئەمەلدار! mOpTzg@  
تۈن قوينىدا  بىر  روھ ئۆمۈلەپ كەلمەكتە! ئۇمۇ قارا! ئۇ تۈننىڭ قارا رەڭگىنى تېخىمۇ قارايتتى! ئۇ گۇناھ ۋە سوۋاپ  ھەققىدە ۋەز ئېيتىشنى باشلىدى.ئۇنىڭ  پەقەت سەللىسىلا ئاق ! T lAR.cV  
تۈن سۆھپىتى داۋاملاشماقتا ... ' K@|3R  
تۈننىڭ  رەڭگى قارا، يوللارنىڭ بولۇڭ - پۇشقاقلىرىدىن ناۋان -ناۋاندا كۆرۈنىپ قالىدىغان سايىمۇ قارا، قاپقارا.ئۇنىڭ جىسمى ،روھى پۈتكۈل تۇرقى قارا! قاراڭغۇدا ئېسىلىپ تۇرغان يول چىراقلىرىمۇ بۇ رەڭدىن ۋەھىمە ھېس قىلغاندەك سۇز نۇرلىرىنى چېچىپ ،تىنىچقىنە ئېسىلىپ تۇرۇدۇ. ئۇنىڭ نۇرى قاراڭغۇلۇق ئالدىدا ئامالسىز قالغاندەك. يورۇقلۇقنى يوتىۋېتىشكە تىرىشۋاتقان قاراڭغۇلۇق ،ئېچىرقىغان شىردەك نەرە تارتىپ كەلمەكتە!، قاراڭغۇلۇق چىراق نۇرىدا غۇۋا كۆرىنىپ تۇرغان ،يول ياقىلىرىدا ئېچىلغان ئاق رەڭلىك گۈللەرنىڭ رەڭلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك... kp?w2+rz  
تۈن سوھپىتى داۋاملاشماقتا... L!/\8-&$P  
كۈندۈزگە قارىغاندا تۈندە ئادەملەر  ئۆز ماھىيىتىگە بەكرەك يىقىنلىشىدۇ.ئىخلاسمەن ئادەم تۈندە مىڭ مەرتىۋە ياشايدۇۋە يېڭىلىنىدۇ. چۈنكى تۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارام پەيتىلا ئەمەس،ئىخلاس ۋە ئۆگىنىشنىڭ پۇرسىتى! روھى ئىپپىتىنى يوقاتقان ئادەم ھەر تۈندە مىڭ ئۆلىدۇ... j.a`N2]WE  
تۈن سوھپىتى داۋاملاشماقتا ... }(a+aHH  
ئەمەلىيەتتە روھ دېڭىز ،ئۇنىڭ نۇرغۇن قىرغاقلىرى بار ،بەزىدە ئۇ تىل بولۇپ ،بەزىدە ھەركەت بولۇپ، بەزىدە ئىدىيە بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ .دېڭىزنىڭ دولقۇنلىشىمۇ ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان كۈچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. XxHx:mi  
تۈن سۆھپىتى داۋاملاشماقتا... - (#I3h;I  
كىشىلەر تۈننىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ئاغرىنىپ تالاي جۈملىلەرنى يازىدۇ.لېكىن تۈن قاراڭغۇسى بولغاچقىلا كۈندىزنىڭ قەدىرى بولغان ئەمەسمۇ؟ t+oJV+@  
`*B8IT)  
تۈن سۆھپىتى داۋاملاشماقتا.... QJ QQ-  
نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قوش بېسلىقلىقىنى ئەستە تۇتساقلا، ئۈمىد بىلەن ئەتىگە يۈزلىنىمىز!

مىېھرىما 2014-06-22 10:16
ئوزچاقنىڭ ھەربىر يازمىسىدا بىر ھىكمەت بار . سىزگە رەھمەت .

بابۇر0725 2014-06-22 23:36
ئەجەپ ياخشىكەن .

ئەكبەرنىياز 2014-06-22 23:51
ئۇزچاقنىڭ ھەر بىر ئەسىرىنى ئوقۇسام ، ئاجايىپ ھېسلارغا چۈمىمەن . ئىتىقاد قەلەملىرىڭىز ھېرىپ قالمىغاي ! تەپەككۈرىڭىزگە يەنىمۇ ئۆتكۈرلۈك يار بولغاي !!!

كۈسەنىم 2014-06-23 01:41
كىشىلەر تۈننىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ئاغرىنىپ تالاي جۈملىلەرنى يازىدۇ.لېكىن تۈن قاراڭغۇسى بولغاچقىلا كۈندىزنىڭ قەدىرى بولغان ئەمەسمۇ؟ &zynfj#o  
نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قوش بېسلىقلىقىنى ئەستە تۇتساقلا، ئۈمىد بىلەن ئەتىگە يۈزلىنىمىز! /q ;MihK  
ھېكمەتلىرىڭىزگە رەھمەت ، بەلكىم بۇ سۆزلىرىڭىز مىنى چۈشكۈنلۈك قوينىدىن ئۈمۈد گۈلىستانىغا باشلىغۇسى ! 2n2{Oy>L  

كۈسەنىم 2014-06-23 01:42
ئەكبەرنىياز:ئۇزچاقنىڭ ھەر بىر ئەسىرىنى ئوقۇسام ، ئاجايىپ ھېسلارغا چۈمىمەن . ئىقاد قەلەملىرىڭىز ھېرىپ قالمىغاي ! تەپەككۈرىڭىزگە يەنىمۇ ئۆتكۈرلۈك يار بولغ .. (2014-06-22 23:51) 
'&/ 35d9|*  
ئىملادا خاتالىق بار !

مەلىكەبېلقىس 2014-06-24 17:39
بىز ئىنسانلار نېمىشقىمۇ سىز دېگەندەك نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قوش بېسلىقلىقىنى ئەستە تۇتماي، ئەستە تۇتمىساقمۇ بولىدىغانلىرىنى ئىلغىۋىلىپ ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلىپ يۈرىيدىغانمىز. بىز تەس بولغانلىغى ئۈچۈن قىلالمايمىزمۇ ياكى قىلمايدىغانلىغىمىز ئۈچۈن تەسمۇ ؟ R<)^-- n  
                    

مىھرىبانىم 2014-06-24 23:14
بۇ لىرىكىڭىزنى مەنمۇ ھاياجان ۋە چوڭقۇر ئوي بىلەن ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقتىم . s3[\&zt  
~7>D>! !  
كۈندۈزگە قارىغاندا تۈندە ئادەملەر  ئۆز ماھىيىتىگە بەكرەك يىقىنلىشىدۇ. Ku?1QDhrF*  
كىشىلەر تۈننىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ئاغرىنىپ تالاي جۈملىلەرنى يازىدۇ.لېكىن تۈن قاراڭغۇسى بولغاچقىلا كۈندىزنىڭ قەدىرى بولغان ئەمەسمۇ؟  نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قوش بېسلىقلىقىنى ئەستە تۇتساقلا، ئۈمىد بىلەن ئەتىگە يۈزلىنىمىز! yVe<+Z\7  
l?B=5*0  
نېمە دېگەن ياخشى چىققان جۈملىلەر بۇ ! ھارمىغايسىز .

توغراق 2014-06-29 17:25
پەلسەپىۋىي ھېكمەتلەرگە تويۇنغان بىر پارچە ئەسەر كەن،قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

nadiraay 2014-06-29 17:42
يازمىڭىزنىڭ ھەر  بىر قۇرلىرى چوڭقۇر  پىكىرلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم  قىلىپتۇ. 3WpQzuHPT  
T  
روھى ئىپپىتىنى يوقاتقان ئادەم ھەر تۈندە مىڭ ئۆلىدۇ...    بۇ  جۈملىڭىز ھەر قانداق  بىر  كىشىنى  ئويلاندۇرماي  قالمىغۇدەك...

گۈلچىمەن 2014-07-06 13:53
  ھېكمەت  بىلەن  تويۇنغان لېرىكىڭىزنى  ئوقۇپ  خوش بولدۇم. ھارمىغايسىز.

گۈلچىمەن 2014-07-06 14:02
كۈندۈزگە قارىغاندا تۈندە ئادەملەر  ئۆز ماھىيىتىگە بەكرەك يىقىنلىشىدۇ.ئىخلاسمەن ئادەم تۈندە مىڭ مەرتىۋە ياشايدۇۋە يېڭىلىنىدۇ. چۈنكى تۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارام پەيتىلا ئەمەس،ئىخلاس ۋە ئۆگىنىشنىڭ پۇرسىتى! روھى ئىپپىتىنى يوقاتقان ئادەم ھەر تۈندە مىڭ ئۆلىدۇ.. zG{jRth  
   بۇ قۇرلار  تۈن چاشقانلېرىنى ساۋداشقا ئوبدان قامچا بولغۇدەك.

tawpek 2014-07-07 17:10
ھەممىگە يىتىشلىككەنسىز،پائالىيەتچان، ھەر بىر قەدىمىڭىزدىن خۇلاسە يەكۈن چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن، ;kWWzg  
 U ^nv)  
كۈندۈزىڭىز ھەركەتتە، كىچىڭىز تەپەككۇر قاينىمىدا بولغاچ تۈندىكى سۆھبەتلىرىڭىزمۇ بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگەپ قالمايدۇ ھەرقاچان


查看完整版本: [-- تۈن  سۆھپىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled